- تىزىملاتقان
- 2012-2-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-5-16
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1812
- نادىر
- 1
- يازما
- 1812
|
10missi10 يوللىغان ۋاقتى 2014-5-12 19:04
بىلمەيدىكەنسىز ئۇ مىلاندا شۇنچە ئۇزۇن تۇرمىغان ئەمم ...
يېرىم ھەلقىلغۇچ بىلەن تۆت كۈچلۈك ئىككىسى بىر گەپ، مورىنىيو گېرمان كوماندىلىرىنى يېڭەلمىدى ئەمەس، مادرىدنىڭ گېرمانىيەگە مېھمان بولۇپ بارغاندا يېڭەلمىدى، بۇ يالغۇز مورىنىيونىڭلا نەتىجىسى ئەمەس، يېقىنقى نەچچە يىلدا مادرىد ساھىبخان مەيداندا گېرمان كۇلۇپلىرىغا ئۇتتۇرۇپ باقمىدى، رونالدونى ئېچىلدۈرۋەتتى دەپ قارىمايمەن، مورىنىيونىڭ سەپ شەكلىدە رونالدو سول كىراينى ئوينىسا ، ئەنچىلوتتىنىڭ سەپ شەكلىدە ئورنى ئالدىغا سۈرۈلۈپ ھۇجۇمچى بولۇپ ئوينىدى، توپ ئۇرۇش ئۈنىمىنىڭ ئېشىشى نورمال ئەھۋال، دىمارىياغا كەلسەك مورىنىيو بار ۋاقتىدا دىمارىيانى ئورۇندۇققا مىخلىغان ئۆزىل ھازىر بارمۇ ؟ يوق، ئارقا بەلدە ھىدرا، ئېسسىنلار بارمۇ يوق ؟ دىمارىيا پۇرسەت ئوبدانلا كېلىپ قالدى خالاس، لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن دىمارىيانىڭ تالانتىغا كۆز يۇممايمەن…
ئەنچىلوتتى ئۆتكەن يىلى لوڭقىسىز قالغان بولسىمۇ بوزەك بولماي كەلگەن مدرىدنى، يازدا ئىستىقبالى بار توپچىلارنى قېتىۋالغان كوماندىنى قولغا ئېلىپ قىلغان ئىشى كوماندىنىڭ ھالقىلىق ئەزالىرىنى سېتىش بولدى، شۇنىڭلىق بىلەن خېلى ۋاققىچە مادرىد ئۆزىنى تاپالماي قالدى، مورىنىيو بولسا ئۆتكەن پەسىل نۇرغۇن تېرىنىر ئالماشتۇرۇپ ئاران ئىتتىپاق لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ ئاران ئۇزغۇنلۇق بېلىتىگە ئېرىشكەن چېلسىنى يېتەكلەك بىرلەشمىدە كۈچلۈكلەرگە ئۇتتۇرمىدى، ئۇزغۇنلۇقتا يېرىم ھەلقىلغۇچقا ئېلىپ كىردى، ئەنچىلوتتى، كۈچلۈكتىن بىر بايرىننى ئۇتتى، دورتموندنى بىر مەيدان ئۇتۇپ بىر مەيدان ئۇتتۇردى، بىرلەشمىدە بارسىلونانى ئۇتالمىدى، ئاتلىتكىنى ئۇتالمىدى، شاھلىق ھەلقىلغۇچتا بېلنىڭ ئالاھىدە ئىپادىسىگە تايىنىپلا شاھلىق لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈردى…
ئەلۋەتتە بىزنىڭ ئاچچىغىمىزنى كەلتۈرۋاتقىنى مۇداپىئەسىمان ئوتتۇرا مەيدانلار كۆپ تۇرسا يەنە مۇداپىئەسىمان ئوتتۇرا مەيسان ئالىمەن دېگەنلىكىدۇر، سىز ئەنچىلوتتىنىڭ بۇرۇنقى نەتىجىلىرى ئارقىلىق ھازىرقى نەتىجىلىرگە كۆز يۇمىۋالماڭ، بارسانى راۋۇرۇس ئۇتالماي ئالغان لوڭقىنىڭ بىزگە كېرىكى يوق، شۇڭا بىز بىر ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىغا ئۈمىد باغلاپ ئولتۇرۇپتىمىز، بۇنى ئالالماي قالسا ئەنچىلوتتىنىڭ كۈنلىر تەتۈر ساناققا كىرىشى مۇمكىن… |
|