ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 1012 |
تۆھپىسى: سەر |
|
سانتىياگو بېرنابو پۇتبول مەيدانىدا يېڭى مەھسۇلات ئوبراز ۋەكىلى- كىرىستىيانو رونالدونى كۈتىۋېلىش- ئېلان قىلىش پائالىيتى ئېلىپ بېرىلدى. پورتىگالىيەلىك بۇ چولپان سەنشىك تېلېفوننىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد نۇسخىسى Galaxy11 نىڭ ئوبراز ۋەكىلى بولدى. كىرىستىيانو رونالدو ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە توغىرىسىدا سورالغان سۇئاللارغا جاۋاپ بەردى.
رونالدو « 5-ئاينىڭ 24-كۈندىكى كېچە چۈشلەردىكى كېچىدەك بولۇپ قالغۇسى، مەن غەلبە قىلىشنى ساقلاۋاتىمەن. مادىرىد رىقابەت كوماندىسى بولسا ناھايتى كۈچلۈك، بىرلەشمىدە قالتىس ئىپادىسىنى جارى قىلدۇردى، ئۇلار يېڭىش قىيىن بولغان بىر رەقىب. مۇسابىقە بەلىكىم ناھايتى قىيىن بولشى مۇمكىن. ئەمما مەن مادىرىدنىڭ ئەڭ ئاخرىدا چىمپىيۇن بولالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن».
«مەن كۆپ قېتىم دېگەن، بۇ پەسىللىك ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسى باشلانغان ۋاقىتتا بىزنىڭ خىيالىمىز بىر قەدەمدىن بىر قەدەمدىن پۇختا تەييارلىق بىلەن كۆرەش قىلىش ئىدى. ئەڭ ئاخىرىدا مانا ھەل قىلغۇچقا كىردۇق. بىز شاللاش جەريانىدا كۈچلۈك كوماندىلارنى مەغلۇپ قىلدۇق. بىز بىلەن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئوينايدىغان رەقىبىمىز ئوخشاشلا ناھايتى كۈچلۈك كومانىلار. ئۇلارنىڭ بۇ يىللىق ئىپادىسى ھەقىقەتەن قالتىس بولدى، ئۇلار ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئويناشقا مۇناسىپ. ئۇلارنىڭ بىرلەشمىدىكى بىرىنچىلىك ئورنىنى بېسۋېلىشى تاساددىپىيلىق ئەمەس، مۇسابىقە ناھايتى كەسكىن ئېلىپ بېرىلىدۇ.»
«ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئەزەلدىن ئادەتتىكى مۇسابىقە ئەمەس، بىزنىڭ رەقىبىمىزنىڭ كىم بولىشىدىن قەتئىينەزەر مۇسابىقە ئەلۋەتتە ناھايتى كەسكىن ئېلىپ بېرىلىدۇ. مېنىڭچە ئىككى تەرەپنىڭ غەلبە قىلىش نىسبىتى %50 تىن بولىدۇ. بىز ئەلۋەتتە غەلبە قىلىشنى ئۈمۈد قىلىمىز. بىزنىڭ مەستانلىرىمىز بىزنىڭ غەلبە قىلپ چىمپىيۇن بولىشىمىزنى بەك ساقلاپ كەتتى. مەنمۇ ھەم شۇنداق، ئەمما بىزنى تۆت كۆز بىلەن كۈتكۈزگەن بۇ بىر دۆلەتتىكى ئىككى كۇلۇبنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنى ئېلىپ بېرىلىشى بىزنى خۇشاللىق ھېس قىلدۇرىدۇ. بۇ ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ سەۋيىسىنىڭ يۇقىرىلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.»
توپ كىرگۈزۈش رىكورتى:
« ئۇ بولسا ناھايتى چوڭ مۇۋاپىقىيەت، مەن ئۆزۈمدىن ئىپتىخارلىق ھېس قىلىمەن. ھەر قانداق ئادەم ئويلىنىپ باقسا بولىدۇ. ھازىر ھەممە ئىشلار ياخشى، مەن يېڭى جەڭنى ئويلىشىم كېرەك. مەن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە توپ كىرگۈزۈپ نومۇر ئېلىشنى ئۈمۈد قىلىمەن. ئەگەر مەن توپ كىرگۈزەلمىسەم كوماندىدىكى سەپداشلىرىم كىرگۈزەلەيدۇ. مەن تېخىمۇ كۆپ رىكورىتلارنى يارتىشنى ئۈمۈد قىلىمەن. ئەمما ھازىر مېنىڭ ئەڭ ئۈمۈد قىلدىغىنىم پەقەت ۋە پەقەت ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ ئۇزغۇنى بولۇش، بۇ ئەڭ مۇھىمى.»
پەسىل بېشىدىكى بىز قارار قىلغان نىشان بىلەن ھازىرقى نەتىجە ماس كەلدى.
« بىزنىڭ ھېسىياتىمىز ناھايتى ياخشى، ھالىتىمىزمۇ يامان ئەمەس. بىر نەچچە توپچىلار يارلاندى. ئەمما بۇ نورمال ئىش، ياۋرۇپادىن پۈتۈن دۇنياغا نىسبەتەن بۇنداق ئىشلار دائىم يۈز بىرىپ تۇرىدۇ. بىز بۇ پەسىل نۇرغۇن مۇسابىقە ئوينىدۇق. توپچىلارمۇ چارچىدى. ئەلۋەتتە بۇمۇ ناھايتى نورمال ئىش. بىز 24-چىسلا كېلىشتىن بۇرۇن بەدەن ساپارىمىزنى ۋە سالامەتلىكىمىزنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە ياخشى تەييارلىق قىلىشىمىز كېرەك.»
مۇمكىن بولمايدىغان ئىش يوق
« بىز ھازىر يەنە بىرلەشمىدە چىمپىيۇنلۇق ئۈچۈن كۆرەش قىلۋاتىمىز، بۇ بىزگە ناھايتى قىيىن ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. ئەمما ھېچقانداق مۇمكىن بولمايدىغان ئىش يوق. بىز داۋاملىق تىرشىمىز. بىز ئاللىبۇرۇن شاھلىق لوڭقىسىنىڭ چىمپىيۇنلىقىغا ئېرىشىپ بولدۇق، ئوخشاشلا ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ ھەل قىلغۇچقىمۇ كىردۇق. بۇ پەسىل كۇلۇب بولسۇن ياكى ھەر بىر توپچى بولسۇن ئىپادىسى ھەقىقەتەن قالتىس بولدى. مەن ناھايتى خوشال، بىزنىڭ 3 شاھ بولدىغان پۇرسىتىمىز بار.»
دۇنيا لوڭقىسى ھەققىدە
« مەن كۆپ قېتىم دېگەن، پورتىگالىيە دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چىمپىيۇنلىقىغا بېسىم ئېلىپ كېلەلمەيدۇ. بۇنى يەنە بىزنىڭ دەپ ئولتۇرشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق. ئىسپانىيە، بىرازىلىيە، ئارگىنتىنا ۋە گېرمانىيە دۇنيا لوڭقىسىدىكى قىززىق نوقتىلار. بىز ھەربىر مەيدان مۇسابىقىنى ياخشى ئويناپ، غەلبە قىلالايمىز ھەم غەلبە قىلىشنى ئۈمۈد قىلىمىز، ئەمما بۇ بىز ئۈچۈن ناھايتى قىيىن ئىكەنلىكىنى بىلىمىز.» |
|