akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1426|ئىنكاس: 22

ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسى سانلىق مەلۇماتلار تەھلىلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
1.jpg


   1992-يىلى ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ تۈزىمىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەندىن بۇيان، ئىسپانىيە ئەڭ كۆپ ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيۇنلۇقىغا ئېرىشكەن دۆلەت بولۇپ قالدى. 2 -ئۇرۇندىكى ئىتالىيەدىن پەقەت بىر قېتىملىق ئارتۇق. ئىسپانىيە ئىلگىرى 1998، 2000، 2002، 2006، 2009، 2011 -يىللىرى ئېرىشكەن ھەمدە 9 قېتىم ھەل قىلغۇچنىڭ دائىرىسىگە كىرگەن. ئىتالىيە كۇلۇبلىرىدىن 1994، 1996، 2003، 2007، 2010 -يىللىرى چىمپىيۇنلۇققا ئېرىشكەن ھەم 11 قېتىم ھەل قىلغۇچنىڭ دائىرىسىگە كىرگەن. ئېنگىلانىد كۇلۇبلىرىدىن 1999، 2005، 2008، 2012 -يىللىرى چىمپىيۇنلۇققا ئېرىشكەن.

  بۇرۇنقى ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندا، ئىتالىيە كۇلۇبلىرى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە ئەڭ كۆپ قاتناشقان بولۇپ، 26 قېتىم ھەل قىلغۇچ دائىرىسىگە كرىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە 12 قېتىم چىمپىيۇن بولۇپ، 14 قېتىم مەغلۇپ بولغان. ئېنگىلانىدتىن 19 قېتىم ھەل قىلغۇچ دائىرىسىگە كرىگەن بولۇپ، 12 قېتىم چىمپىيۇن بولغان. ئىسپانىيەدىن 22 قېتىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتناشقان بولۇپ، 13 قېتىم غەلبە قىلغان. گېرمانىيەدىن 17 قېتىم ھەل قىلغۇچنىڭ دائىرىسىگە كىرگەن بولۇپ، 7 قېتىم غەلبە قىلغان. پورتىگالىيەدىن 9 قېتىم ھەل قىلغۇچنىڭ دائىرىسىگە كىرگەن بولۇپ، 4 قېتىم غەلبە قىلغان. گوللاندىيەدىن 8 قېتىم ھەل قىلغۇچنىڭ دائىرىسىگە كىرگەن بولۇپ، 6 قېىتم غەلبە قىلغان.

  ئوخشاش بىر دۆلەتتىن كەلگەن كۇلۇبلارنىڭ ئوتتۇرسىدىكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە 4 قېتىم كۆرۈلگەن بولۇپ، 2000-يىلى خانلىق مادىرىد فىرانسىيە پۇتبول مەيدانىدا ۋالىنىسىيەنى مەغلۇپ قىلىپ، 3 يىلدىن كىيىن، AC مىلەن كونا تىرانفورت مەيدانىدا نوقتا توپ جېڭىدا يۇۋىنتىسنى مەغلۇپ قىلغان.  2008-يىلى مانچىستىر بىرلەشمىسى مۇسكىۋادا ئوخشاشلا نوقتا توپ جېڭىدە چېلسىنى مەغلۇپ قىلغان. 2013-يىلى بايرىن مىيۇنخىن ۋېمبىلى پۇتبول مەيدانىدا دورىتمونىد كۇلۇبىنى يېڭىپ چىمپىيۇن بولغان.

  ئىلگىرى ئۆتكۈزۈلگەن 21 قېتىملىق ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، 15 قېىتم يېغىندى نۇمۇر بىلەن غەلبە-مەغلۇبىيەت ئايرىلغان. 6 قېتىم نوقتا توپ جېڭى ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، جەمئىي 54 توپ كىرگۈزۈلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە 2_1 نەتىجە ئەڭ كۆپ بولۇپ، 5 قېىتم مەيدانغا كەلگەن. 4 قېتىم 1-1، 3 قېتىم 1_0 نەتىجە مەيدانغا كەلگەن.

  بۇنىڭ ئىچىدە 15 قېتىملىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنىڭ 90 مىنۇتلۇق مۇسابىقىدە تەڭلىشىپ ۋاقىت قۇشۇلۇپ 120 مىنۇتلۇق ئوينالغان مۇسابىقە 1958، 1968، 1970، 1992-يىللىرىدىكى قۇشۇپ بېرىلگەن مۇسابىقىدە يېغىندى نۇمۇر بىلەن غەلبە-مەغلۇبىيەت ئايرىلغان.  1974-يىلى بايرىن مىيۇنخىن بىلەن مادىرىد رىقابەت ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە تەڭلىشىپ قالغاندىن كىيىن، ۋاقىت قۇشۇپ بېرىلگەن مۇسابىقىدە 1-0 نەتىجە بىلەن غەلبە قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا 10 قېتىم نوقتا توپ جېڭىدە يېغىندى نۇمۇر بىلەن غەلبە-مەغلۇبىيەت ئايرىلغان بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم 1984، 1986، 1988، 1991، 1996، 2001، 2003، 2005، 2008 ۋە 2012-يىللىرى.  ئەينى ۋاقىتتا چېلسى كۇلۇبى بايرىن مىيۇنخىن بىلەن 1-1 تەڭلىشىپ قالغاندىن كىيىن، نوقتا توپ جېڭىدە 4-3 نەتىجە بىلەن بايرىننى مەغلۇپ قىلىپ چىمپىيۇن بولغان.

  1994-يىلى AC مىلەن كۇلۇبى 4-0 نەتىجە بىلەن بارسىلونانى مەغلۇپ قىلىپ ئەڭ يۇقىرى پەرىق بىلەن ئۇتۇش رىكورتىنى ياراتقان. بۇنىڭدىن سىرىت، قىزىل قارا قۇشۇن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە توپ كىرگۈزۈش رىكورتىنى ساقلاپ قالغان.  2005-يىللىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ  AC مىلەن بىلەن لېۋىرپول ئوتتۇرسىدىكى مۇسابىقىدە 6 توپ كىرگەن. مۇلاھىزە قىلىپ باقساق، ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىدە، 1960-يىلى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە خانلىق مادىرىد 7 - 3 نەتىجە بىلەن فىرانكىفورتنى مەغلۇپ قىلغان بولۇپ، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئەڭ كۆپ توپ كىرگەن ۋە ئەڭ يۇقىرى پەرىق بىلەن غەلبە قىلىش رىكورتىنى ياراتقان. ئۇنىڭدىن سىرىت، بايرىن مىيۇنخىن 1974-يىلى مادىرىد رىقابەت بىلەن بولغان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە 4-0 نەتىجە بىلەن غەلبە قىلغان. ھەم شۇنداقلا  AC مىلەن 1989-يىلى بۇخارىست يۇلتۇزىنى 4-0 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ قىلغان.

  يېقىنقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىلەردە ھېچقانداق بىر توپچىسى قالپاق ئويۇنى ئويناپ باقمىغان بولۇپ، ماسسارو (1994-يىلى AC مىلەن )، رېيىدلى ( دورىتمونىد 1997-يىلى)، كىرىسپو ( 2005-يىلى AC مىلەن )، ئېنزاگى (2007-يىلى AC مىلەن ) ۋە مىلىتو (2010-يىلى خەلقئارا مىلەن) قاتارلىقلار ئىلگىركى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىلەردە 2 توپ ئۇرۇپ باققان. ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسى تارىخىدا، پۇسكاش 1960-يىلدىكى خانلىق مادىرىد بىلەن فىرانكىفورت ئوتتۇرسىدىكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە 4 توپ ئۇرۇپ، دى سىتفانو 3 توپ ئۇرغان. 1962-يىلدىكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە، پۇسكاش يەنە بىر قېتىم قالپاق ئۇيۇنى تاماملىغان. بۇنىڭدىن باشقا، پىراتى ( 1969-يىلىAC مىلەن ) بۇلاردىن سىرت قالپاق ئۇيۇنى تاماملىغان توپچى.

  رائول (  2000، 2002-يىللىرى، خانلىق مادىرىد)، ئېيتو ( 2006، 2009-يىللىرى، بارسىلونا) ۋە مىسسى ( 2009، 2011-يىللىرى، بارسىلونا) ئىلگىركى 2 قېتىملىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە توپ ئۇرغان بولۇپ، جەمئىي 16 توپچى ھېچ بولمىغاندا  2 قېتىملىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە توپ ئۇرغان. پۇسكاش بىلەن دى سىتفانو ئايرىم-ئايرىم 7 قېتىم بۇ تۈردىكى رىكورتنى ساقلاپ قالغان.

  2005-يىلدىكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە، مالدىنى 51 سىكونىتتا توپ ئۇرۇپ، ئەڭ تېز توپ كىرگۈزۈش رىكورتىنى ياراتقان.

  لەيمەن (2006-يىلى دىروگىبا 2008-يىلى) بولسا، ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە بىردىن -بىر قائىدىگە خلاپلىق قىلىپ مەيداندىن چىقىرۋېتىلگەن.

  سېددىرف بولسا بىردىن -بىر ئوخشاش بولمىغان 3 كۇلۇبتا توپ تىپىپ، ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيۇنى بولغان توپچى. 1995-يىلى ئاجاكىس، 1998-يىلى خانلىق مادىرىد، 2003 ۋە 2007-يىلى AC مىلەن. لېۋىرپولدىن بوپ بايىسلى بولسا بىردىن-بىر ئوخشاش بولغان بىر كۇلۇبتا 3 قېتىم ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيۇنى بولغان باش تېرنىردۇر(1977. 1978، 1981-يىللىرى) .

  ھېتىزفېلد ( 1997-يىلى دورىتمونىد، 2001-يىلى بايرىن مىيۇنخىن)، ھەپېل (1970-يىلى فېينورد، 1983-يىلى ھامبۇرگ )، مورنىھو ( 2004-يىلى پورتو، 2010-يىلى خەلقئارا مىلەن) ۋە ھايىنكىس ( 1998-يىلى خانلىق مادىرىد، 2013-يىلى بايرىن مىيۇنخىن) قاتارلىقلار بولسا، ئوخشاش بولمىغان 2 كۇلۇبتا 2 قېتىمدىن ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيۇنى بولغان بىردىن-بىر تېرنىرلار.

  ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيۇنلىقىنى پەقەت بىردىن-بىر ساقلاپ قالغان كۇلۇب بولسا AC مىلەن بولۇپ، 1989-يىلى ۋە 1990-يىلى چىمپىيۇنلۇقنى ساقلاپ قالغان.  ئۇنىڭدىن كىيىن كەينى-كەينىدىن ھەل قىلغۇچقا كىرگەن كۇلۇبلار بولسا، AC مىلەن (1994، 1995)، ئاجاكىس ( 1995، 1996)، يۇۋىنتىس (1996، 1997) ۋە مانچىستىر بىرلەشمىسى ( 2008، 2009) بولۇپ، بۇلار ئەڭ ئاخىردا ھەل قىلغۇچتا چىمپىيۇنلۇقنى قولغا كەلتۈرەلمىگەنلەر.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 3مۇنبەر پۇلى +110 يىغىش سەۋەبى
سەۋدايى7 + 10 ئىملاسى بەك توغرا
باقاۋۇل + 50 قوللاش!
~virus~ + 50 ئىملاسى بەك توغرا

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-11 01:59:51 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Kop. Ezdinip. Si.  Ajirlik tima. Boptu koligiz. Ga dart barmisun
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-11 02:25:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوزغۇنلۇقنىڭ گىپى چىقسا زادى سان-سىفىرلار مىلان بىلەن توشۇپ كېتىدۇ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-11 02:43:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياۋرۇپا چېمپىيونلۇق لوڭقىسىدا قايسى كوماندا ئۇزۇن قۇلاقنى جىق كۇتۇرگەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-11 02:48:01 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مادىرىت  ئككىنچىسى  مىلان...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-11 02:49:42 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىلان شۇچاغدىكى   شۆھرىتىنىڭ  پايدىسىنى  ھازىرمۇ   كۆرۋاتىدۇ  تىخى   ....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-11 02:51:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   گوللاندىيە بىرلەشمىسى كۇلۇبلىرى 8 قېتىم ھەل قىلغۇچنىڭ دائىرىسىگە كىرگەن بولۇپ، 6 قېىتم غەلبە قىلغان بولسا،ھەل قىلغۇچتا چېمپىيۇن بۇلۇش نىسبىتى يۇقۇركەن، ئۇندىن قالسا ئېنگىلانىت بىرلەشمىسىكەن.
مۇشۇ گوللاندىيە بىرلەشمىسى كۇلۇبلىرىنىڭ بۇرۇنقى ئىپادىسى بەك ياخشىكەنتۇق، ھازىرغىچە تالانتلىق چولپانلارمۇ جىق چىقىۋاتىدۇ. كىچىكلەرنى تەربىيلەش ئىقتىدارى ۋە ئۈنۈمى بەك ياخشىكەن،بۇنىڭدىن گوللاندىيەدە ئۇستاز تېرىنىرلار قۇشۇنىنىڭ ياخشىلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. لېكىنزە گوللاندىيە بىرلەشمىسىنىڭ باشقا ياۋرۇپادىكى بىرلاشمىلەرگە قارىغاندا تەسىر كۈچى تۆۋەن. ياش-ئۆسمۈرلەر ئازىراق چاقناپ بولغۇچە باشقا زەردارلارنىڭ كۆزى چۈشۈپ بولىدىكەن. بەلكىم بۇ بىرلەشمە كۇلۇبلىرىغا سالىدىغان مەبلەغ يوق ئوخشايدۇ.
  پۇتبولغا سالىدىغان كاپتال بولمىسا، قانداق ھالغا كەپ قالار؟
شۇنچە گۈللەنگەن ياۋرۇپا ئىقتىسادى بىر كۈنلەردە خارابلىشىپ قالسا، ياۋرۇپا پۇتبولچىلىقى قانداق كۈنلەرگە قالار؟ كەلگۈسىدە يېڭى گۈللەنگەن «پۇتبول چەمبىرىكى» قايسى رايۇنغا يۆتكىلەر؟
ھەي پۇل.... ئاخىرى پۇتبولنىڭ بېشىغا چىقىدىغان ئوخشايدۇ.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +5 يىغىش سەۋەبى
پەرۋەر + 5 ئورۇنسىز ئەنسىرەش

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-11 03:53:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەسلىمە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-11 04:15  

ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيۇنلىقىنى پەقەت بىردىن-بىر ساقلاپ قالغان كۇلۇب بولسا AC مىلەن بولۇپ، 1989-يىلى ۋە 1990-يىلى چىمپىيۇنلۇقنى ساقلاپ قالغان
مۇشۇ يىرىدە خاتالىق بارمۇ قانداق..........لىۋىرپول   1977-1978 ئىككى يىل ئۇدا چىمپىيۇن بوپتىكەن بۇمۇ شۇچىمپىيۇنلىقنى ساقلاپ قالغانغا تەۋەدۇ........بايرىن ، مادىرىتمۇ ئۇدا3-4 قىتىمدىن چىمپىيۇن بولغان  بۇمۇ شۇنىڭغا ھىساپ تۇ......
مىلاننىڭ ئۇ دەرۋىمۇ يا تۈزۈم ئۆزگەتكەندىن كىيىن بارلىققا كەلگەن ئەمەسكەن.......
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-11 09:04:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
拉模斯0605 يوللىغان ۋاقتى  2014-5-11 02:43
ياۋرۇپا چېمپىيونلۇق لوڭقىسىدا قايسى كوماندا ئۇزۇن قۇل ...

مادىرد 9قېتتىم ئالغان ...2-ئاس مىلەنغۇ دەيمەن ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-11 09:23:32 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ACمىلەننىڭ تارىخى ھەقىقىتەن شانلىق يەنە بۇرۇنقى ھەلىتىگە قايتىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-11 11:19:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىلان خاندانلىقى تىزراق ئەسلىڭگە كەلگىن ياۋرۇپانىڭ 2چى نوچىسى سەن    ئالغا قارا قىزىل قوشۇن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-11 11:27:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 18:24

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش