ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 5458 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بايرېن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-11 16:10
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ...
2013-2014- يىللىق گىرمانىيە بىرلەشمىسى 34 - ئايلانما مۇسابىقسى يەنى ئەڭ ئاخىرقى ئايلانما مۇسابىقىسى 10 - چىسلا چۈشتىن كىيىن شىنجاڭ ۋاقىتى 19:30 دە باشلاندى ، نەتىجە تۆۋەندىكىچە :
بايرېن 1 - 0 سىتۇگارت
گىرمانىيە زەردارى بايرېن كوماندىسى ئەڭ ئاخىرىقى بىرلەشمە مۇسابىقسىنى ئۆزمەيدانىدا سىتۇگارت كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى ، ئالدىنقى مەيدان ھەرئىككىلى تەرەپ كۈچىگەن بولسىمۇ نەتىجە ئۆزگەرمىدى ... كىيىنكى مەيدان بايرېن كوماندىسى كۈچلۈك ھۇجۇملارنى قىلدى ، مۇسابىقە داۋاملىشىپ 92 مىنۇت بولغاندا بايرېن ھۇجۇمچىسى پىززارو بىر توپ ئۇرۇپ بايرېن ئۆزمەيدانىدا 1 - 0 نەتىجە بىلەن غەلبە قىلدى ... بۇنىڭ بىلەن بايرېن كوماندىسى بۇ پەسىللىك مۇسابىقىدە 90 نۇمۇر بىلەن گىرمانىيە بىرلەشمىسى چىمپىيۇنى بولدى ... مۇبارەك بولسۇن گىرمانىيە زەردارى بايرېن !
بىرلىن ھېرتا 0 - 4 دورتمۇند
سېرىق ھەرە قوشۇنى - دورتمۇند كوماندىسى مىھمان مەيداندا بىرلىن ھېرتا كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى ، ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 41 مىنۇت بولغاندا لەيۋەندوۋىسكى بىر توپ ئۇردى ، 44 مىنۇت بولغاندا جۇيىچ بىر توپ ئۇرۇپ ئالدىنقى مەيدان 0 - 2 نەتىجە بىلەن ئاياغلاشتى ...كىيىنكى مەيدان لەيۋەندوۋىسكى ۋە مىكتارىيان بىردىن توپ ئۇرۇپ دورتمۇند كوماندىسى مىھمان مەيداندا يۇقىرى پەرىق 0 - 4 نەتجە بىلەن غەلبە قىلدى ... بۇنىڭ بىلەن داڭلىق ھۇجۇمچى لەيۋەندۋوىسكى بىرلەشمىدە 20 توپ ئۇرۇپ بۇ پەسىللىك ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئىرىشتى ...
ۋولفىسبۇرگ 3 - 1 مىنشىنگىلادباخ
بۆرە قەلئەسى ۋولفىسبۇرگ كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا كۈچلۈك مىنشىنگىلادباخ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى ، مۇسابىقە كەسكىن ئىلىپ بىرىلدى ، نەتىجىدە بۆرە قەلئەسى كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا 3 - 1 نەتىجە بىلەن غەلبە قىلدى ، بۆرە قەلئەسىدىن پىرىشىچ ۋە دىبرۇينى بىردىن توپ ئۇردى ... ۋولفىسبۇرگ ئۆزمەيدانىدا قىممەتلىك 3 نۇمۇرنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ بىرنۇمۇر كەملەپ ياۋروپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى ئويناش سالاھىتىدىن مەھرۇم بولۇپ ياۋروپا ئىتىپاق لوڭقىسى مۇسابىقىسى ئويناش سالاھىتىگە ئىرىشتى ...
لىۋىرىكسۇن 2 - 1 بىرمىن
بىرمەيدان مۇھىم مۇسابىقە ئوينالدى ، بۇ مەيدان مۇسابىقە كۈچلۈك لىۋىرىكسۇن كوماندىسى ئۈچۈن مۇھىم مۇسابىقە ئىدى ، ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 21 مىنۇت بولغاندا بىرمىن كوماندىسى بىر توپ ئۇرۇپ ئۈستىنلىككە ئۆتتى ، كىيىنكى مىنۇتلاردا لىۋىرىكسۇن كوماندىسى كۈچلۈك ھۇجۇم قىلىپ ئىككى توپ ئۇرۇپ ئۆزمەيدانىدا 2 - 1 نەتىجە بىلەن غەلبە قىلىپ قىممەتلىك 3 نۇمۇرنى قولغا كەلتۈردى ... لىۋىرىكسۇن توپچىسى كورىيەلىك چولپان سون ھالقىلىق توپ ئۇردى ... لىۋىرىكسۇن كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا 3 نۇمۇرنى قولغا كەلتۈرگەندىن كىيىن ئارقىدىكى كوماندىدىن بىر نۇمۇر ئىشىپ كىلەركى پەسىللىك ياۋروپا چىمپىيۇنلۇق قوشۇمچە مۇسابىقە ئويناش سالاھىتىگە ئىرىشتى ...
شارىك04 4 - 1 نىرۇنبۇرگ
كۈچلۈك شارىك04 كوماندىسى دەرىجە چۈشۈش رايۇنىدىكى نىرۇنبۇرگ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى ، 90 مىنۇتلۇق كەسكىن مۇسابىقىدىن كىيىن شارىك04 كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا 4 - 1 نەتىجە بىلەن غەلبە قىلدى ... بۇنىڭ بىلەن نىرۇنبۇرگ كوماندىسىنىڭ دەرىجىسى چۈشۈپ كەتتى ...
مايىنىز 3 - 2 ھامبۇرگ
دەرىجە ساقلاش ئۈچۈن تىرشىۋاتقان ھامبۇرگ كوماندىسى مىھمان مەيداندا مايىنىز كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى ، 90 مىنۇتلۇق كەسكىن مۇسابىقىدىن كىيىن مايىنىز كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا 3 - 2 نەتىجە بىلەن غەلبە قىلدى ... مايىنىز كوماندىسى كىلەر پەسىللىك ياۋروپا ئىتىپاق لوڭقىسى ئويناش سالاھىتىگە ئىرىشتى ، ھامبۇرگ كوماندىسى دەرىجە چۈشۈش رايۇنىغا چۈشىپ قىلىپ بىر مەيدان دەرىجە چۈشۈش ياكى ئۆرلەش مۇسابىقىسى ئويناش سالاھىتىگە ئىرىشتى ...
خوفىنھام 3 - 1 بىرانسىۋىگ
خوفىنھام كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا دەرىجە چۈشۈش رايۇنىدىكى بىرانسىۋىگ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى ، نەتىجىدە خوفىنھام كوماندىسى 3 - 1 نەتىجە بىلەن غەلبە قىلدى ، بىرانسىۋىگ كوماندىسىنىڭ دەرىجىسى رەسمى چۈشۈپ كەتتى ...
ھانۋېر96 3 - 2 فىرۇنبۇرگ
ھانۋېر96 كوماندىسى بىلەن فىرۇنبۇرگ كوماندىسى مۇسابىقىلەشتى ، 90 مىنۇتلۇق كەسكىن مۇسابىقىدىن كىيىن ھانۋېر96 كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا 3 - 2 نەتىجە بىلەن غەلبە قىلىپ ئاخىرقى مەيدان مۇسابىقىنى ئوڭۇشلۇق ئاياغلاشتۇردى ...
ئاگسۇنبۇرگ 2 - 1 فىرانكفۇرت
ئىپادىسى كۆرنەرلىك ياخشى بولغان ئاگسۇنبۇرگ كوماندىسى ئۆزمەيدانىد فىرانكفۇرت كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى ، ئاگسۇنبۇرگ كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا غەلبە قىلىپ 3 نۇمۇرنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ بىر نۇمۇر كەملەپ قىلىپ ياۋروپا ئىتىپاق لوڭقىسى ئويناش سالاھىتىگە ئىرشەلمىدى ...
مۇسابىقە فىلىمى تولۇق تەھىرلىنىدۇ ...
|
|