ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 5173 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا زەربىدار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-10 23:37
26-مارت 2015-يىللىق ئاۋستىرالىيە ئاسىيا لوڭقىسىغا چەك تارتىلدى. جۇڭگۇ كوماندىسى بۇ قېتىم رەقىبى ئۆزبىكىستان، سەئۇدىي ئەرەبىستان ۋە چاۋشىيەن بىلەن Bگۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ ھالاكەت گۇرۇپپىسىنى شەكىللەندۈرگەن. بۇ جۇڭگۇ كوماندىسىنىڭ ئۇدا 3نۆۋەت ئۆزبىكىستان بىلەن بىر گۇرۇپپىغا بۆلۈنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
1-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 26-كۈنىگىچە ئاۋستىرالىيەنىڭ 5شەھىرىدە ئۆتكۈزىلىدۇ.
Aگۇرۇپ ئاۋسترالىيە كورىيە ئومان كۈۋەيت
Bگۇرۇپ ئۆزبىكىستان سەئۇدىي ئەرەبىستان جۇڭگۇ چاۋشىيەن
Cگۇرۇپ ئىران ئەرەب بىرلەشمە خەلپىلىكى قاتار بەھرايىن
Dگۇرۇپ ياپونىيە ئېئوردانىيە ئېراق ئاسىيا رىقابەتچىلەر لوڭقىسى چىمپىئونى
2015-يىللىق ئاسىيا لوڭقىسىنىڭ بېلەت باھاسى ئاران 30 يۈەن
5-ئاينىڭ 7-كۈنى 2015-يىللىق ئاۋىستىرالىيەدە ئۆتكۈزىلىدىغان ئاسىيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ بېلىتى رەسمىي سېتىلىشقا باشلىدى. ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى، دۆلەت كوماندىلىرىنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك بىلەت باھاسى 30 ئاۋسىتىرالىيە دوللىرى، خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا تەخمىنەن 180 يۈەن،ئەڭ تۆۋەن باھادىكى ئۈچىنچى دەرىجىلىك بىلەتنىڭ باھاسى ئارانلا بەش ئاۋىستىرالىيە دوللىرى، خەلق پۇلىدا 29 يۈەن بولۇپ، ھەتتا جۇڭگو بىرلەشمىسىنىڭ بىلەت باھاسىدىنمۇ تۆۋەن.
گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ بىلەت باھاسى ئىچىدە، ساھىبخان ئاۋىستىرالىيە كوماندىسى بىلەن كۈۋەيىت ئارىسىدىكى ئېچىلىش مۇراسىمى مۇسابىقىسىنىڭ بېلەت باھاسى ئەڭ قىممەت، بىرىنچى دەرىجىلىك بىلەتنىڭ باھاسى 149 ئاۋىستىرالىيە دوللىرى( 870 يۈەن)، ئىككىنچى دەرىجىلىك بىلەتنىڭ باھاسى 109 ئاۋىستىرالىيە دوللىرى( 639 يۈەن)، ئومان بىلەن كورىيە ئىككى كوماندا بىلەن بولغان گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك بىلىتىنىڭ باھاسى 99 ئاۋىستىرالىيە دوللىرى(580 يۈەن). جۇڭگونى ئۆزئىچىگە ئالغان باشقا كوماندىلارنىڭ گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك بېلىتىنىڭ باھاسى 30 ئاۋىستىرالىيە دوللىرى( 175 يۈەن)، ئىككىنچى دەرىجىلىك بىلىتىنىڭ باھاسى 20 ئاۋىستىرالىيە دوللىرى، ئۈچىنچى دەرىجىلىك بىلىتىنىڭ باھاسى بەش ئاۋىستىرالىيە دوللىرى(29 يۈەن).
گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدىن كېيىنكى سەككىز كۈچلۈك مۇسابىقىنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك بېلىتىنىڭ باھاسى 69 ئاۋىستىرالىيە دوللىرى( 400 يۈەن)، يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك بىلىتىنىڭ باھاسى 99 ئاۋىستىرالىيە دوللىرى(580 يۈەن)، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك بېلىتىنىڭ باھاسى 149 ئاۋىستىرالىيە دوللىرى( 870 يۈەن).
ئۇندىن سىرت ھەر مەيدان مۇسابىقىنىڭ بىلەت باھاسىنىڭ ھەممىسىدە ئېتىبار باھا بار بولۇپ، مەخسۇس ئائىلىدىكىلەر ۋە بالىلارغا تەمىنلىنىدۇ. |
|