ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 5772 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلقۇت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-10 21:32
2013 - 2014 - يىللىق جوڭگۇ ئا بىرلەشمىسىنىڭ 9 - ئايلانما مۇسابىقىسى 10- چىسلا چۈشتىن كىيىن سائەت 2دىن 30 دە باشلاندى .
شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسى ئۆز مەيدانى ئەرگوڭ تەنتەربىيە مەيداننىدا ئا بىرلەشمىدىكى بىر قەدەر كۈچلۈك ھېسابلىنىدىغان خۇنەن شىياڭتاۋ كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى.
ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ شىنجاڭ كۇماندىسى ئۆز مەيدانىدىكى ئىپادىسىنى ياخشى جارى قىلدورۇپ خۇنەن شىياڭتاۋ كوماندىسىغا ھە دىگەندىلا خىلى تەھدىت ئىلىپ كەلدى،بۇ مەيداندا بىزنىڭ ئۈچ ئەزمىتىمىزمۇ ياخشى ئوينىدى بولۇپمۇ بارىينىڭ مۇسابىقە باشلىنىپ 25 مىنۇت بولغاندا جونىيغا ئەجەلىك پاستىن بىرنى بىرىشى بىلەن جونىي توپنى قارىش تەرەپنىڭ ۋارتاسىغا ئورۇپ ۋاقتىنچە شىنجاڭ كۇماندىسىنى 1-0 ئۈستۈنلۈككە ئىرىشتۈردى،ئالدىنقى مەيدان ئاياقلىشىدىغانغا ئاز قالغاندا شىنجاڭ كۇماندىسى بىخەستەلىك قىلىشى بىلەن خۇنەن شىياڭتاۋ كوماندىسى بىر توپ ئورۇپ نومۇرنى تەڭلەشتۈرۋالدى، كىيىنكى مەيداندا خۇنەن شىياڭتاۋ كوماندىسىنى بىر ئاز ئۈستۈنلۈككە ئۈتكەن بولسىمۇ شىنجاڭ كۇماندىسى بىر نەچچە خەتەرلىك ھوجۇملار قىلدى ئەپسۇس پورسەتنى چىڭ توتالمىدى،موسابىقە 89 مىنۇتقا قەدەم قويغاندا خۇنەن شىياڭتاۋ كوماندىسى ئالدىنقى مەيدانغا ئوخشاش ئەجەلىك بىر توپنى ئورۇپ شىنجاڭ كۇماندىسىنى بوغۇزلاپ قويدى، مۇسابىقە ئاخىرى 2-1 شىنجاڭ كۇماندىسىنىڭ مەغلوبىيىتى بىلەن ئاياقلاشتى. |
|