- تىزىملاتقان
- 2012-10-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-5-13
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 6306
- نادىر
- 1
- يازما
- 6306
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا تۇمشۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-9 15:48
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
ئىسمى : كەرىم مۇستافا بېنزىما
ئېنگىلىسچە ئىسمى : Karim Mostafa Benzema
دۆلىتى : فىرانسىيە
كۇلۇپ : خان جەمەتى مادرېد
تۇغۇلغان ۋاقتى : 1987-يىلى 12-ئاينىڭ 19-كۈنى
بېنزىما 15 يېشىدا لىئون ئۆسمۈرلەر تەربىيلەش بازىسىغا كىرگەن ، ئىككىنجى يىلىلا لىئون تەييارلىق كۇماندىسىغا كىرگەن ھەمدە ناھايىتى تىزلا لىئون كۇمانسىدىكى تۇنجى قېتىم مەيدانغا چىقىشنى تاماملىغان .
ئەينى ۋاقىتتىكى بېنزىما لىئون كۇماندىسدا ئۈزىنىڭ تالانتىنى نامايەن قىلغان .
2007-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى ، ئاۋىستىرىيە بىلەن بولغان مۇسابىقىدە تۇنجى قېتىم فىرانسىيە دۆلەت كۇماندىسىغا ۋاكالىتەن مەيدانغا چىققان ھەمدە توپ كىرگۈزگەن ، شۇنىڭدىن باشلاپ بېنزىما دۆلەت كۇماندىسى ھاياتىنى باشلىغان .
07-08-مۇسابىقە پەسلى ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ 8/1 ھەلقىلغۇچ مۇسابىقىسىدە بېنزىما مانچىستىر توپچىلىرىنىڭ قاتتىق مۇداپىيەسى ئىچىدە قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقۇرى بولغان توپتىن بىرنى كىرگۈزۈپ مەيدان سىرتىدىكى فورگېسسېننى قايىل قىلغان .
07-08-مۇسابىقە پەسلىدە بېنزىما فىرانسىيە بىرلەشمىسىنىڭ MVPسى بۇلۇپ باھالانغان .
يەنە شۇ 07-08-مۇسابىقە پەسلىدە بېنزىما فىرانسىيە بىرلەشمىسىنىڭ ئالتۇن ئاياغ مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن .
2009-يىلى فىرانسىيە بىرلەشمىسىدە نام قازانغان بېنزىما 35 مىلىيۇن ياۋرۇ باھا بىلەن ئىسپانىيە زەردارى خانلىق مادرېدقا قۇشۇلغان .
خانلىق مادرېدقا كەلگەن تۇنجى پەسىلدىكى ئىپادىسىنىڭ تازا ياخشى بولماسلىق سەۋەبىدىن بېنزىما فىرانسىيە كۇماندىسىنىڭ 2010-يىللىق جەنۇبى ئافرىقا دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان چوڭ تىزىملىكىگە كىرەلمىگەن .
10-11-مۇسابىقە پەسلىدە ھىگۇايىن يارلانغاندىن كىيىن بېنزىما پۇرسەتنى چىڭ تۇتقان ، 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىدىكى ئاۋكسېر (Auxerre) بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ئۈزىنىڭ مادرېدقا كەلگەندىن كىيىنكى تۇنجى قېتىملىق قالپاق ئۇيۇنىنى تاماملىغان .
2011-يىلى ۋە 2012-يىلى بېنزىما ئۇدا ئىككى يىل فىرانسىيە پۇتبول ئەپەندىسى بولغان .
ھازىرقى بېنزىما ئاللاقاچان مادرېد ۋە فىرانسىيە دۆلەت كۇماندىسىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان ئاساسلىق ئەزاسىغا ئايلاندى . بۇيىلقى بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى ئۇنىڭ تۇنجى قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى سەپىرى ھىساپلىنىدۇ . ئۇنىڭ دۇنيا لوڭقىسىدا ياخشى نەتىجىلەرگە ئىرىشىشىگە تىلەكداشمىز .
ۋاڭيى تورى |
|