akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1750|ئىنكاس: 41

ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشەلمىگەن گىگانىتلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
1995-يىلىدىن باشلاپ، ياۋروپا ئالتۇن توپ مۇكاپاتى نامزاتلىقىغا ياۋروپادىن سىرىت باشقا دۆلەت توپچىلىرىنىڭمۇ قاتنىشىشقا بولىدىغانلىقىغا رۇخسەت قىلىنغاندىن كىيىن، كۆپ يىللاردىن بۇيان، بۇ مۇكاپات تۈرى خەلقئارا پۇتبول ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق شەخىس مۇكاپات تۈرى، دەپ قارىلىپ كەلمەكتە. لېكىن 15 يىلدىن بۇيان، گەرچە خەلقئارا پۇتبول ساھەسىدىكى شۇ ۋاقىتتىكى ئەڭ ياخشى توپچى دەپ قارالغان نۇرغۇنلىغان پۇتبولچىلار، ئەپسۇسلىنارلىق ئىچىدە بۇ مۇكاپاتقا نائىل بولالمىدى. بۇلار گەرچە ئالتۇن توپقا ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن پۈتۈن دۇنيادىكى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ نەزىرىدە، ئۆز ئەمەلىي كۈچى بىلەن بۇ مۇكاپاتقا نائىل بولۇشى كېرەك ئىدى. «توپ كىرگۈزۈش تورى» ئون چوڭ ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشەلمىگەن گىگانىت چولپانلارنى تىزىپ چىققان (1995-يىلىدىن كىيىنكىسى). ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭدىنمۇ نۇرغۇن ئالتۇن توپقا ئېرىشەلمىگەن، ئەمما ئېرىشىشكە تېگىشلىك چولپانلار بار بولۇپ، بۇ يەردە ئۇلارنى بىر-بىرلەپ سۆزلەش ھاجەتسىز. قېنى كۆرۈپ باققايسىلەر:

     10. سۇكېر (كىرۇدىيە)
     كىرۇدىيەنىڭ يۇقىرى مەھسۇلاتلىق ھۇجۇمچىسى سۇكېر - كىرۇدىيە پۇتبولچىلىقىنىڭ ئوبرازى دەپ قارالغان. ئۇنىڭ توپ كىرگۈزۈشى بىلەن، كىرۇدىيە 1996-يىلى ياۋروپا لوڭقىسىنىڭ 8 كۈچلۈككە، 1998-يىلى دۇنيا لوڭقىسىدا تۆت كۈچلۈككە كىردى. بولۇپمۇ 1998-يىلى، ئۇ دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ئالتۇن توپ مۇكاپاتى ۋە كۈمۈش توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى 1996-، 1998-يىلىدىكى ئالتۇن توپ مۇكاپاتىنى تالىشىشتا ئەمەلىي كۈچى زور دەپ قارايتى، لېكىن ئۇ ئەپسۇسلىنارلىق مەغلۇب بولدى.
     سول پۇتى بىلەن ئىسكىرىپكا چالالايدىغان سۇكېر، 69 مەيدان دۆلەت كوماندىسىدىكى مۇسابىقىدە 45 توپ كىرگۈزگەن، ئۇ ساگرېب دىناموكوماندىسى، سېۋىللا كوماندىسى ۋە خان مادىرىد كوماندىسىدا توپ تەپكەن ۋاقىتلىرىدىمۇ، يۇقىرى مەھسۇلاتلىق ھۇجۇمچى بولۇپ، كىشىلەر تەرىپىدىن شۇ ۋاقىتتىكى ئەڭ ياخشى ھۇجۇمچى دەپ قارالغانىدى. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، ئۇ دەۋىردە رونالدودىن ئىبارەت تېخىمۇ ياخشى توپچىدىن بىرسى بار ئىدى. 1998-يىلى، سۇكىر كۈمۈش توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بولۇپ، ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشكىنى تاشقى پىلانىت ئادىمى ئىدى.


9. سىمېيچېل (دانىيە)
     ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى قاپقاۋۇللارنىڭ بىرى ئىدى. 1999-يىلى، گەرچە ئالتۇن توپنى رىۋالدو ئېلىپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە، بۇ مۇكاپاتنى ھەقىقىي ئېلىشقا تېگىشلىكى سىمېيچېل ئىدى. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، بۇ دانىيىلىك ھەتتا شۇ يىلقى ئالتۇن توپ مۇكاپاتىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ نامزاتىغىمۇ كىرەلمىگەنىدى. لېكىن مانچىستېر بىرلەشمىسىنىڭ ئۈچ چىمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن ئاشۇ يىلى، ئۇ ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغانىدى.
     سىمېيچېلنىڭ 1999-يىلى مانچىستېر بىرلەشمىسىدە ئوينىغان رولى، خۇددى ئۇنىڭ 1992-يىلى ياۋروپا لوڭقىسىدا دانىيە ئۈچۈن ئوينىغان رولى بىلەن ئوخشاش مۇھىم ئىدى. لېكىن ئەپسۇسلىنارلىقى، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىكى دۇنيا بويىچە ئەڭ ياخشى قاپقاۋۇل ئەزەلدىن ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ باقمىدى.


8. رائۇل (ئىسپانىيە)
     سىز پەقەت رائۇلنىڭ كۇلۇپتىكى پۇتبول ھاياتىنى كۆرسىڭىزلا، ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى بىلەلەيسىز. ئۇ 15 يىلدىن بۇيان، دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى مۇداپىئە تىپىدىكى ئوتتۇرا مەيدانچى ماكېلېلې، ئەڭ ياخشى يان ھۇجۇمچى فىگو، ئەڭ ياخشى ئوتتۇرا مەيدان زىدانى ۋە ئەڭ ياخشى ھۇجۇمچى رونالدو بىلەن بىللە توپ تەپتى، لېكىن ئۇ ھەقىقەتەن كوماندىنىڭ بىردىنبىر يادروسى ۋە داھىيىسى ئىدى. ئۇندىن باشقا، ئۇ قاتناشقان ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ ھەممىسىدە توپ كىرگۈزگەن، ئۇ مۇشۇ مۇسابىقىدە دۇنيا بويىچە كىرگۈزگەن توپى ئەڭ كۆپ كىشى ئىدى. ئۇ خان مادىرىد تارىخىدىكى مەرگەنلەر تەرتىپىدە بىرىنچى، ئىسپانىيە تارىخىدىكى مەرگەنلەر تەرتىپىدىمۇ بىرىنچى.
     رائۇل گەرچە 2000 ،2001، 2002-يىلى ئۇدا ئۈچ يىل ياۋروپادىكى كۇلۇبلارنى باھالاشتا يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى بولۇپ باھالانغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ  2001-يىلى پەقەت بىرلا كۈمۈش توپقا ئېرىشەلىدى. شۇ يىلقى ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى ئوۋېن بولۇپ، رىقابەتچانلىقى كۈچلۈك نامزات ئىدى.


7. كائېن (گىرمانىيە)
     2006-يىلى ئۆز دۆلىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە، كائېن گەرچە ئاساسلىق ئورنىنى لېمانغا بېرىپ قويغان بولسىمۇ، لېكىن ھېچكىم ئۇنىڭ دۇنيا پۇتبول تارىخىدىكى ئەڭ ياخشى قاپقاۋۇللارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلالمايدۇ. بەيرىن مىيۇنخىندىكى بۇ ئاجايىپ توپچى دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 86 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان. بولۇپمۇ 2002-يىلىدىكى دۇنيا لوڭقىسىدا، ئۇ ئۆزىنىڭ قالتىس ئىپادىسى بىلەن گىرمانىيە كوماندىسىنى ھەل قىلغۇچقا ئېلىپ كىرگەن.
     ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، كائېن دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە ئەڭ مۇنەۋۋەر پۇتبولچى قاتارلىق تۈرلۈك مۇكاپاتلارغا ئېرىشىپ، بۇ يەرشارىدىكى تارىختىن بۇيانقى ئەڭ ياخشى قاپقاۋۇلنىڭ بىرى دەپ تەرىپلىنىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئالتۇن توپ مۇكاپاتىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىسى، پەقەتلا 2001-، 2002-يىلى ئۈچىنچى بولغانىدى.


6. نېستا (ئىتالىيە)
     ئۇ ئون يىلدىن بۇيانقى دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى مۇداپىئەچىنىڭ بىرى، دەپ تەرىپلەنگەن بولۇپ، نېستانىڭ تېنى ساغلام ۋاقتىدا، ھېچكىم ئۇنىڭدەك ياخشى ئەمەس ئىدى. نېستا قاتناشقان بارلىق چوڭ مۇسابىقىلەرنىڭ ھەممىسىدە چىمپىيون بولغان ۋاقىتلىرى بار ئىدى. مىلاننىڭ 2003-، 2007-يىلى ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنىڭ چىمپىيونى بولۇشىدا، ئۇ ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغانىدى. 2006-يىلىدىكى دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە، گەرچە ئۇ يارىلانغانلىقتىن مۇسابىقىگە كۆپ چىقالمىغان بولسىمۇ، لېكىن مەيدانغا چىققان چەكلىك ۋاقتىدا ئىنتايىن ياخشى ئىپادىسىنى كۆرسەتكەنىدى.
     يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، نېستا كۆپ يارىلىنىپ، مۇسابىقە مەيدانىدىن بىر مەزگىل يىراقلىشىپ كەتتى، ئەمما 2009-يىلىدىكى پەسىلدە ساقىيىپ قايتىپ كەلگەندىن كىيىن، يەنە داۋاملىق دۇنياۋى دەرىجىلىك سەۋىيىسىنى كۆرسەتتى. يەنىلا ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، ئۇ ئەزەلدىن ئالتۇن توپ مۇكاپاتىنىڭ نامزاتلىقىغا كىرىپ باقمىدى.


5. تۇرام (فىرانسىيە)
     ئۇ ئېھتىمال فىرانسىيە پۇتبول تارىخىدىن بۇيانقى ئەڭ ياخشى مۇداپىئەچىدۇر. تۇرام مۇكەممەل بىر مۇداپىئەچىنىڭ ئۈلگىسىدۇر، يەنى: چاقماقتەك سۈرئەت، بۇقىدەك كۈچ، تاكتىكا سەۋىيىسى ئالاھىدە يۇقىرى، توپ تالىشىش ئىقتىدارى ئالاھىدە كۈچلۈك ۋەھاكازالار، ئۇندىن باشقا يەنە ئۇ ھەقىقىي داھى ئىدى. ئۇ يۇۋېنتۇس ۋە فىرانسىيە كوماندىسى بىلەن بىرلىكتە، دۇنياۋى دەرىجىلىك چىمپىيونلۇققا ئېرىشتى، بۇ مەزگىلدە ئۇ ئوڭ مۇداپىئە، ئوتتۇرا مۇداپىئە قاتارلىق كۆپ ئورۇندا ئوينىدى. ئۇنىڭ بارسىلونادىكى ئىپادىسى، شۇنداقلا 2008-يىلىدىكى ياۋروپا لوڭقىسىدا كۆرسەتكەن تۆھپىسى ئانچە يېتەرلىك بولمىسىمۇ، لېكىن بۇلار ئۇنىڭ ئۆتكەن ئون يىللىق شانلىق نەتىجىلىرىنى يېپىپ قالالمايدۇ.
     ھالبۇكى، مۇشۇنىڭدەك بىر ئۇلۇغ مۇداپىئەچى، ئالتۇن توپ مۇكاپاتى نامزاتلىقىنى سايلاشتا، ئەزەلدىن ئالدىنقى ئۈچنىڭ ئىچىگە كىرىپ باقمىدى.


4. كافۇ (بىرازىلىيە)
     ھەر قانداق بىر مۇداپىئەچىنىڭ ئۇنىڭغا ئوخشاش يادرو كۈچىدەك بەدەن قۇۋۋىتى، مول بولغان مۇسابىقە تەجرىبىسى، باشتىن-ئاخىر كۈلۈمسىرەپ تۇرىدىغان چىراي ۋە ھۇجۇم، مۇداپىئەگە تولۇق بولغان ئىپادىسى بولىۋەرمەيدۇ. ئۇ رىمدا 6 يىل تۇردى، ئاندىن كىيىن مىلان ئۈچۈن كۈچ چىقاردى، شۇ ۋاقىتلاردا، كىشىلەر ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى ئوڭ مۇداپىئەچىنى بايقىمىغانىدى.
     بىرازىلىيە كوماندىسىدا، ئۇ 142 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشتى، ھەمدە كاپىتانلىق سالاھىتى بىلەن، بىرازىلىيە كوماندىسىنى يېتەكلەپ 2002-يىلىدىكى دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چىمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى. 1994- يىلى دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چىمپىيونى بولغاندىمۇ، ئۇ شۇ كوماندىنىڭ ئەزاسى ئىدى. لېكىن ئۇ ئەزەلدىن بۇيان ئالتۇن توپ مۇكاپاتى نامزاتىنىڭ ئالدىنقى ئۈچىنچىلىكىگىمۇ كىرىپ باقمىدى. بۇنداق بولسا بولامدۇ؟


3. بۇففون (ئىتالىيە)
    ئۇ، كىشىلەر تەرىپىدىن شۇ ۋاقىتتىكى ئەڭ ياخشى قاپقاۋۇل، پەقەت بىرلا دەپ قارالغان بولۇپ، ئۇ ھەتتا دۇنيا پۇتبول ساھەسىدىكى تارىختىن بۇيانقى ئەڭ ياخشى قاپقاۋۇل بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئۇ يۇۋېنتۇستا، كۆپ قېتىم ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن، 2006-يىلىدىكى دۇنيا لوڭقىسىدا، ئىتالىيەنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدىكى ئەڭ مۇھىم ئادەم ئىدى. مەيلى كۇلۇب ياكى دۆلەت كوماندىسىدا بولسۇن، ئۇ بىر ھەقىقىي غەلبە قازانغۇچى.  گەرچە نۇقتا توپنى توسۇشتا دىگەندەك ئانچە مۇكەممەل بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدا بىر قاپقاۋۇلدا بولۇشقا تىگىشلىكلەرنىڭ ھەممىسى بار.
     بىراق، بۇففون 2006-يىلى كۈمۈش توپ مۇكاپاتىغىلا ئېرىشىپ باققان. نۇرغۇن كىشىلەر، ئۇ كاناۋاروغا قارىغاندا بۇ مۇكاپاتنى ئېلىشقا تېگىشلىك ئىدى، دەپ قارىغان.


2. ھېنرى (فىرانسىيە)
    ئارسىنالنىڭ تارىختىن بۇيانقى مەرگەنلەر قاتارىدا بىرىنچى، فىرانسىيەنىڭ تارىختىن بۇيانقى مەرگەنلەر قاتارىدا بىرىنچى، ئارسىنالنىڭ تارىخىدىكى ئەڭ ياخشى ھۇجۇمچى، فىرانسىيەنىڭ تارىخىدىكى ئەڭ ياخشى ھۇجۇمچى.......... مۇشۇنداق بىر سۈرئىتى چاقماقتەك ھۇجۇمچى ئارسىنالدىكى 370 مەيدان مۇسابىقىدە، 226 توپ كىرگۈزگەن، 03-04-پەسىلدە ئۇ ھەتتا كوماندىنى يېتەكلەپ، بىر مەيدانمۇ مەغلۇب بولماي چىمپىيون بولغان. 2008-يىلى ئۇ بارسىلونادا ئۈچ چىمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن. ئۇ تېخى دۇنيا لوڭقىسى، ياۋروپا لوڭقىسى قاتارلىق دۇنياۋى دەرىجىلىك لوڭقىلارغىمۇ ئېرىشىپ باققان.
     ھالبۇكى، ئۇ ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ باقمىغان، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە، بۇ پەقەتلا ئەقىلگە مۇۋاپىق ئەمەس.


1. مالدىنى (ئىتالىيە)
     دۇنيا پۇتبول تارىخىدىكى بۇ ئەڭ ئۇلۇغ سول مۇداپىئەچىگە نىسبەتەن، يەنە كىم نىمىلەرنى دىيەلەيدۇ؟ ئۇ پۈتۈن ئۆمرىدە مىلان ئۈچۈن توپ تەپكەن، يەنى بىر كوماندىدا 25 يىل توپ تىپىپ رىكورىت ياراتقان، بۇ يىللاردا، ئۇ 7 قېتىم ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيونلۇقىنى، 1 قېتىم ئىتالىيە لوڭقىسىنىڭ چىمپىيونلۇقىنى، 5 قېتىم ئىتالىيە دەرىجىدىن تاشقىرىلار لوڭقىسىنىڭ چىمپىيونلۇقىنى، 5 قېتىم ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنىڭ چىمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن، يەنە 5 قېتىم ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرىلار لوڭقىسى، 2 قېتىم تويوتا لوڭقىسى، 1 قېتىم دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى....................
     يامان يېرى شۇكى، مۇشۇنداق بىر پۇتبولچى بىر قېتىممۇ ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ باقمىغان، بۇ ئىش پۇتبول دۇنياسىدىكى ئەڭ چوڭ يېپىق دېلولارنىڭ بىرى دەپ قارالغان. ئېھتىمال، ئۇنىڭ تىراگىدىيىسى كىشىلەرنى قارشى پىكىر قىلىشقا ئۈندەيدۇ. بۇ مۇكاپاتنى ھەر قېتىم ئاشۇ ھۇجۇمچىلارغا بەرسە، سىزنىڭچە بۇنداق قىلىش توغرىمۇ؟



مەنبە؛تېڭشۈن تورى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-9 09:27:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېما ئىگسنىڭ جاپا تارتىپ تېما يولۇغانلقىغا رەھمەت ، لىكىن ئۇلۇغ دىگەن سۆزنى ئشلتىشكە دىققەت قىلساق ، ئۇلۇغ دىگەن سۆز پەقەت بىر كىشىگە مۇناسىپ سۆز ، بۇنى سىزمۇ بىلسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-9 09:31:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چەۋەنداز يوللىغان ۋاقتى  2014-5-9 09:27
تېما ئىگسنىڭ جاپا تارتىپ تېما يولۇغانلقىغا رەھمەت ، لى ...

بىلمەپتىمەن خاپۇلماڭ بۇلدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-9 09:38:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
灰狼王子 يوللىغان ۋاقتى  2014-5-9 09:31
بىلمەپتىمەن خاپۇلماڭ بۇلدۇ

ۋاي خاپا بولمدۇم ، ھەمىمىز دىققەت قىلشقا تىگىشلىك ئىش تۇرسا بۇ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-9 09:46:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كارلوس ئىرىشكەنمۇ؟ باللاك؟ ئافىرقا يايلىقىغا كۈمۈلگەن ئېيتو؟ بۇنداق ساناپ كەلسەك يەنە نۇرغۇنى چىققىدەك لىكىن مۇكاپات بىردە كاكادىن كىيىنكى ئەپەندىلىك ئىككىلا ئادەمگە قالغاندەك ئۇفففففففففففف
مۇشۇ ئىككىسىنىڭ ئىپادىسى تۈۋەنلىگەندىن باشلاپ كۆپسانلىق تالىشىدىغان بۇلامدىكىن دەيمە مۇشۇ مۇكاپاتنى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-9 09:48:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چەۋەنداز يوللىغان ۋاقتى  2014-5-9 09:38
ۋاي خاپا بولمدۇم ، ھەمىمىز دىققەت قىلشقا تىگىشلىك ئىش ...

ماقۇل
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-9 10:05:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-9 10:07:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە تاغىل ئات شاھزادىسى دىل پئېرو ، رىم شاھزادىسى توتتى . . .  .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-9 10:14:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمما مىدال دېگەننى بوينىڭىز ئىگىلىپ كەتكۈچە ئېسىپسىزغۇ ھە!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-9 10:34:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ ئىدارىدە يىللىق ئىلغارلارنى سايلىغاندا 30 نەچچە پۇقرا بىلەت تاشلىساق ،ئەڭ ئاخىردا 50% بىلەتنى بىر ئىدارە باشلىقى بەلگىلەيدۇ . شۇنىڭ بىلەن باشلىق ئەڭ ئامراق ئادەم يىللىق ئىلغار بولىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشكەن بۇ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-9 10:37:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چاھارباغ يوللىغان ۋاقتى  2014-5-9 10:14
ئەمما مىدال دېگەننى بوينىڭىز ئىگىلىپ كەتكۈچە ئېسىپسىز ...

ھە ئە يەنە تاپسام تۇشقىزۋىتىمەن ھى ھى رەھمەت سىزگە تىللا بەگىنىڭىزغا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-9 10:39:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇلارنڭ ئچىدە   رائۇل  كائېن  مالدىنى  ئالتۇن توپنى  ئېلشقا تىگشلك  توپچىلار تى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 08:54

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش