- تىزىملاتقان
- 2012-10-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-5-11
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 6302
- نادىر
- 1
- يازما
- 6302
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
فوربېس ژۇرنىلىنىو يېقىنقى كۇلۇپلارنىڭ ئەڭ يېڭى بازار قىممىتىنى ئىلان قىلغان بۇلۇپ بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا خانلىق مادرېد بىرىنجى ئۇرۇندا تۇرغان . ئىككىنجى ئۇرۇندىكىسى بولسا بارسىلونا، ئۈچىنجى ئۇرۇندىكىسى بولسا ئېنگىلاند زەردارى مانچىستىر بىرلەشمىسى . بۇلارنىڭ ئىىچىدە مانچىستىر بىرلەشمىسىنىڭ بازار قىممىتىدە بۇلتۇرىىغا قارىغاندا تۈۋەنلەش بولغان .
ئالدىنقى پەسىل خانلىق مادرېدنىڭ كىرىمى 675 مىلىيۇن دوللارغا يەتكەن بۇلۇپ پۇتبول دۇنياسى ئىچىدە بىرىنجى ئۇرۇندا تۇرغان . بۇ يىل مادرېدنىڭ نەتىجىسىدە ئىلگىرلەش كۈرۈلگەن ، بۇلۇپمۇ ئۇزغۇنلۇق ھەلقىغۇچ مۇسابىقىسىگە بۈسۈپ كىرگەندىن كىيىن مادرېدنىڭ كىرىمى تېخىمۇ ئاشقان . فوربېس ژۇرنىلىنىڭ كۆرسىتىشىچە خانلىق مادرېدنىڭ ھازىرقى بازار قىممىتى 3 مىلىيارد 440 مىلىيۇن دوللار بۇلۇپ بۇلتۇرقىغا قارىغاندا % 4 ئاشقان ، مادرېد بازار قىممىتى پۇتبول دۇنياسىدىلا ئەمەس بارىلىق تەنھەركەت تۈرىدىكى ھەرقانداق بىر كۇلۇپنىڭ بازار قىممىتىدىن يۇقۇرى .
ئىككىنجى ئۇرۇندا تۇرغان بارسىلونانىڭ بازار قىممىتى 3 مىلىيارد 200 مىلىيۇن دوللار بۇلۇپ بۇلتۇرقىغا قارىغاندا % 23 ئاشقان . بارسىلونانىڭ بازار قىممىتىنىڭ بۇنداق ئۈسۈپ كىتىشىدىكى سەۋەپ ھەمكارلاشقۇچىسى بولغان نايىك شىركىتى بىلەن قاتار فوندى جەمىيىتى يىللىق قوللاش سوممىسىنى 45 مىلىيۇن دوللار ۋە 44 مىلىيۇن دوللارغا ئۆستۈرگەن .
مانچىستىر بىرلەشمىسى ئۈچىنجى ئۇرۇندا بۇلۇپ بازار قىممىتى 2 مىلىيارد 810 مىلىيۇن دولللار . بىراق مانچىستىر بىرلەشمىسىنىڭ بازار قىممىتى ئالدىنقى يىلىغا قارىغاندا % 11 تۈۋەنلىگەن . سەۋەبى بولسا مانچىستىر بىرلەشمىسىنىڭ بۇ پەسىلدىكى نەتىجىسىنىڭ زىيادە ئۇسال بۇلۇشى ھەمدە كىلەر پەسسىللىق ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسدىن مەھرۇم قېلىشى .
ئالدىنقى پەسىللىك ئۇزغۇنلۇق چىمپىيۇنى بايرېننىڭ بازار قىممىتى 1 مىلىيارد 850 مىلىيۇن بۇلۇپ بۇلتۇرقىغا قارىغاندا %41 ئاشقان . يېڭىدىن باش كۈتۈرۈ پ چىقىپ فىرانسىيە بىرلەشمىسىنى مۇنۇپۇل قىلىۋېلىشقا يۈزلىنىۋاتقان پارىژ سانت گېرمان كۇلۇبىنىڭ بازار قىممىتى 415 مىلىيۇن دوللار بۇلۇپ 15-ئۇرۇندا تۇرغان ؛ تۈركىيە زەردارى گالاتا سارايمۇ ئالدىنقى 20نىڭ ئىچىگە كىرگەن بۇلۇپ 16-ئۇرۇندا تۇرماقتا ، بازار قىممىتى بولسا 347 مىلىيۇن دوللار .
فوربېس ژۇرنىلى تىزىپ چىققان ئالدىنقى 10 كۇلۇپ : (% 4 ئاشقان )
1. خانلىق مادرېد ---3 مىلىيارد 440 مىلىيۇن ؛ ( %4 ئاشقان )
2 . بارسىلونا ---- 3 مىلىيارد 200 مىلىيۇن ؛ ( %23 ئاشقان )
3 . مانچىستىر بىرلەشمىسى --- 2 مىلىيارد 810 مىلىيۇن ؛ ( %11 تۈۋەنلىگەن )
4 . بايرېن مىيۇنخىن --- 1 مىلىيارد 850 مىلىيۇن ؛( %41 ئاشقان )
5 . ئارسىنال ---1 مىلىيارد 331 مىلىيۇن ؛ ( ئۆزگەرمىگەن )
6 .چىلسى ----868 مىلىيۇن ؛ ( % 4 تۈۋەنلىگەن )
7 . مانچىستىر شەھرى ---863 مىلىيۇن ؛ (% 25 ئاشقان )
8 . مىلان ----856 مىلىيۇن ؛ ( %9 تۈۋەنلىگەن )
9 . يۇۋېنتۇس ---- 850 مىلىيۇن ( %22 ئاشقان )
10 . لىۋېرپۇل ---691 مىلىيۇن ؛ (% 6 ئاشقان )
11-ئۇرۇندىن 20-ئۇرۇنغىچە تىزىلغان كۇلۇپلار بولسا : دورتىموند ، شالىك 04 ، توتىنھام ، ئىنتىر مىلەن ، پارىژ سانت گېرمان ، گالاتا ساراي ، مادرېد ئاتلىتكا ، ھامبۇرۇگ ، رىم ۋە ناپولى .
ئەسكەرتىش : يۇقارقى پۇل بىرلىكلىرى دوللار ؛
مەنبە : سىنا تورى ، ۋاڭيى تورى
|
|