akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 526|ئىنكاس: 3

4-نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
1950-يىلى بىرازىلىيە
چىمپىيون: ئۇرۇگۋاي                            مەرگەن: ئادېمىل (بىرازىلىيە، 9 توپ)
      1946-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى، خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسى لىيۇكسىمبۇرگدا تارىخى خارەكتىرلىك يىغىن ئېچىپ، دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى جاكارلىدى، ھەمدە لوڭقىغا رېمىت لوڭقىسى دەپ نام بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يىغىندا يەنە ئەنگىلىيە فېدېراتسىيىسىدىكى 4 پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ سەپكە قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈردى، شۇنىڭ بىلەن ھازىرقى زامان پۇتبولىنىڭ ئاساسچىسى خەلقئارا پۇتبول چوڭ ئائىلىسىگە قوشۇلدى. يىغىندا، 1950-يىلىدىكى دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش شەرىپىگە بىرازىلىيە ئېرىشتى، بىرازىلىيە مەخسۇس 200مىڭ ئادەم سىغىدىغان، نۆۋەتتىكى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ بولغان ماراكانا تەنتەربىيە مەيدانىنى ياسىدى. ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسى ئارقىلىق، 13 كوماندا ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە باسقۇچىغا كىردى، قىزىقارلىقى شۇكى، ھەل قىلغۇچ باسقۇچقا كىرگەن ھىندىستان كوماندىسى مۇسابىقىدىن چىكىنىپ چىقتى، سەۋەبى شۇكى، خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسى ئۇلارنىڭ يالاڭئاياق مۇسابىقىگە قاتنىشىشىغا يول قويمىغان.


ئەنگىلىيەلىكلەر بىرازىلىيەنىڭ سېتكا پۇتبولىنى كۆرۈپ ھەيران قالماقتا

        1:10 بۇلۇشتەك قىزىقارلىق ئىش   
      گۇرۇپپا مۇسابىقىدە ئاقمايدىغان ئىشلار ئاز ئەمەس، ساھىپخان بىرازىلىيە شىۋىتسارىيە بىلەن تەڭلىشىدۇ، ئىشتىن سىرىتقى توپچىلارنى ئاساس قىلغان شىېىتسىيە كوماندىسى ئالدىنقى نۆۋەتلىك چىمپىيون ئىتالىيەنى مەغلۇپ قىلىدۇ، لىكىن بۇلارنىڭ ھەممىسى ئامرىكا بىلەن ئەنگىلىيەنىڭ مۇسابىقىسىگە يەتمەيدۇ. ئەنگىلىيە پۇتبولچىلار جەمئىيىتى مۇسابىقىدىن ئىلگىرى، پەقەت كوماندا تەشكىللەپ مۇسابىقىگە قاتناشتۇرساقلا، چىمپىيونلۇق بىزگە تەۋە بولىدۇ، دەپ قارىغان، لىكىن 6-ئاينىڭ 29-كۈنى ئامرىكا بىلەن ئوينىغان مۇسابىقىدە، ئويلىمىغان يەردىن 1:0 مەغلۇپ بولىدۇ. خەۋەر ئەنگىلىيەگە يېتىپ بارغاندا، ئارقا سەپ تەھرىرلىك ئىشخانىسى بۇ گەپكە ئىشەنگۈسى كەلمەي، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن، نەتىجىمىزگە بىر سان كام يېزىلىپ قاپتۇ دەپ قاراپ، ئەنگىلىيە كوماندىسى 1:10 چوڭ غەلبە بىلەن ئۇتتى، دەپ خەۋەر تارقىتىپ، دۇنيا خەۋەرلىرى تارىخىدىكى بىر چوڭ قىزىق تېمىغا ئايلىنىدۇ، بۇ مەيدان مۇسابىقىمۇ دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدىكى ئەڭ كۈتمىگەن ئىشلارنىڭ بىرى بۇلۇپ قالىدۇ.

ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە بولمىغان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە   
بىرىنجى باسقۇچلۇق گۇرۇپپا مۇسابىدىن كىيىن، بىرازىلىيە، ئۇرۇگۋاي، ئىسپانىيە ۋە شىۋىتسىيە قاتارلىق 4 كوماندا ئۆزىنىڭ پۈتۈن كارامىتىنى كۆرسىتىپ، ئەڭ ئاخىرىقى ئايلانما باسقۇچلۇق مۇسابىقىگە كىرىدۇ. يېڭى مۇسابىقە تۈزۈمى قوللانغانلىقتىن، بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقە، تارىختىكى بىردىنبىر ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە بولمىغان دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى بۇلۇپ قالىدۇ، 4 كوماندا يەككە ئايلانما مۇسابىقە ئويناش ئارقىلىق، نومۇرىنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكىگە قاراپ چىمپىيون بېكىتىلىدۇ.
پۈتۈن كۈچى بىلەن دۇنيا لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئويلىغان بىرازىلىيە دەسلەپكى ئىككى ئايلانمىدا رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، 1:7 نەتىجە بىلەن شىۋىتسىيەنى، 1:6 نەتىجە بىلەن ئىسپانىيەنى ئۇتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرازىلىيىلىكلەر ئالدىنئالا "بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چىمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى" دىگەن ئاتكىرىتكىنى سېتىشقا باشلايدۇ. ئەڭ ئاخىرقى ئايلانمىدا، بىرازىلىيە ئۇرۇگۋاي بىلەن تۇتىشىدۇ، بۇ ئەمەلىيەتتە، چىمپىيونلۇقنى قارار قىلىپ بولغان "ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە" بۇلۇپ قالغانىدى. بۇندىن بۇرۇن ئۇرۇگۋاي بىر ئۇتۇپ بىر تەڭلەشكەن بۇلۇپ، بىرازىلىيە پەقەت تەڭلەشسىلا غەلبە قىلاتتى، لىكىن ماراكانادىكى 174مىڭ تاماشىبىننىڭ دىققەت بىلەن كۆرۈشى ئاستىدا، دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدا يەنە بىر كۈتۈلمىگەن ئىش يۈز بېرىپ، ئەكسىچە ئۇرۇگۋاي 1:2 نەتىجە بىلەن يېڭىپ چىمپىيونلۇقنى تارتىۋالىدۇ، بىرازىلىيە غەلبە بوسۇغۇسىدا مەغلۇپ بولىدۇ، ھەتتا بەزى توپ مەستانىلىرى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالىدۇ.

پادىشاھلىق قايتىپ كەلدى
      ئارىلىقتا 20 يىل ئۆتكەندىن كىيىن، تۇنجى چىمپىيون ئۇرۇگۋاي دۇنيا لوڭقىسى سەھنىسىگە قايتىپ كەلدى، 2 قېتىم مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، 2 قېتىم چىمپىيون بۇلۇش، بۇ، دۇنيا لوڭقىسىنىڭ بالدۇرقى مەزگىلىدە مۆجىزە ياراتتى. بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە، ئۇرۇگۋاي پەقەت بىر مەيدان مۇسابىقە ئويناپلا (0:8 بولۋىيە، يەنە بىر كوماندا مۇسابىقىدىن ۋاز كەچكەنلىكتىن، بۇ گۇرۇپپىدا ئىككىلا كوماندا قالغان) ئايلانما مۇسابىقە باسقۇچىغا كىردى، 7-ئاينىڭ 16-كۈنىدىكى جەڭدە، ئۇرۇگۋاي ئاۋۋال بىر توپ كەتكۈزۈپ، تۇيۇق يولغا كىرىپ قالغان ئىدى، لىكىن ئويلىمىغان يەردىن، نومۇرنى ئاشۇرۇپ، بىرازىلىيەنى ھەيران قالدۇردى، مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كىيىن، تەشكىلىي كومىتېت ھەتتا مۇكاپاتلاش مۇراسىمىنىمۇ ئۆتكۈزمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇرۇگۋاي " بىركوماندا بىردۆلەتنى مەغلۇپ قىلدى" دىگەن گەپلەر تارالدى.
...........................................................................................
سىز بىلەمسىز؟     
        بىرازىلىيە بىلەن ئۇرۇگۋاينىڭ مۇسابىقىسى، 174مىڭ تاماشىبىننى ئۆزىگە جەلىپ قىلدى، بەزى خەۋەرلەردە 200مىڭ ئادەم دىيىلگەن. بۇھەم دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدىكى تاماشىبىنلار ئەڭ كۆپ بىر مەيدان مۇسابىقە بۇلۇپ قالدى. ساھىپخان مۇسابىقىدە ئۇتتۇرىۋەتكەندىن كىيىن، ئەزالار كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىگە مۆكۈنىۋىلىپ سىرىتقا چىقىشقا پېتىنالمىدى، توپ مەستانىلىرى ماراكانا تەنتەربىيە مەيدانىغا يىغىلدى، ھەتتا ۋارقىراپ ئەزالارنى ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇۋەتتى. پۈتۈن دۆلەت مىقياسىدا، بىر قىسىم توپ مەستانىلىرى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى، يەنە نۇرغۇنلىرى يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ ئۆلدى.
       ساھىپخان ھەل قىلغۇچتا مەغلۇپ بولدى، بۇنداق ئىش دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدا ئىككى قېتىم يۈز بەرگەن بۇلۇپ، 1958-يىلى ئۇلار ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە شىۋىتسىيەگە مۇشۇ ئازاپنى تېتىتقان.
      بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدىن باشلاپ، مېكسىكا قاپقاۋۇلى ئانتون-كابايالنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچتىكى مۇسابىقىگە قاتنىشىشى باشلانغان بۇلۇپ، 1950-يىلىدىن 1966-يىلىغىچە، ئۇ ئۇدا بەش نۆۋەت دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قاتناشقان، كىيىن گىرمانىيەلىك ماتېئۇسمۇ 1982-يىلىدىن 1998-يىغىچە ئۇدا بەش نۆۋەت قاتنىشىپ، كابايالغا ئوخشاش رىكورتتىن بەھرىمان بولغان.
      1949-يىلىدىكى تورىن بوشلۇق ئاۋارىيىسى سەۋەبىدىن، ئىتالىيە ھالقىلىق نەچچە توپچىلىرىدىن ئايرىلغان. 1950-يىلىدىكى مۇسابىقىدە، ئۇلار ئايروپىلاندا ئولتۇرۇپ مۇسابىقىگە بېرىشنى رەت قىلىپ، پاراخوتقا ئولتۇرۇپ، نەچچە ھەپتىلىك دېڭىز سەپىرىنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ بىرازىلىيەگە يېتىپ بارغان. شۇنىڭ بىلەن كوماندىدىكىلەرنىڭ كۈچى خوراپ، ئەھۋالى يامانلىشىپ، گۇرۇپپىدا شىۋىتسىيەگە ئۇتتۇرۇپ، گۇرۇپپىدىن چىقالمىغان.
      2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن، شەرقى ياۋروپادىكى بارلىق دۆلەتلەر مۇسابىقىدىن چىكىنىپ چىققان، چېخىسلوۋاكىيە، ۋىنگىرىيە، سۆۋىت ئىتتىپاقى قاتارلىق بىر قىسىم خەلقئارا دەرىجىلىك كۈچلۈك دۆلەتلەر مۇسابىقىگە قاتناشمىغان، ئارگىنتىنا، فىرانسىيە، شوتلاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ مۇسابىقىگە قاتناشمىغان.
سىستاتسىكا جەدىۋىلى
رەت تەرتىپى         كوماندا        ئوينىغان مەيدان           ئۇتۇق           تەڭ           ئۇتتۇرغىنى           نومۇر           كىرگۈزگىنى           كەتكۈزگىنى           ساپ توپ
1        ئۇرۇگۋاي        6        4        1        1        13        22        6        16
2        بىرازىلىيە        4        3        1        0        10        15        5        10
3        ئىسپانىيە        6        3        1        2        10        10        12        -2
4        شىۋىتسىيە        5        2        1        2        7        11        15        -4
5        سېرۋىيە        3        2        0        1        6        7        3        4
6        شىۋىتسارىيە        3        1        1        1        4        4        6        -2
7        ئىتالىيە        2        1        0        1        3        4        3        1
8        ئېنىگلاند        3        1        0        2        3        2        2        0
9        چىلى        3        1        0        2        3        5        6        -1
10        ئامرىكا        3        1        0        2        3        4        8        -4
11        پاراگۋاي        2        0        1        1        1        2        4        -2
12        مېكسىكا        3        0        0        3        0        2        10        -8

مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر


ئامرىكا كوماندىسى

ئۇرۇگۋاي كاپىتانى بارىرا


مەيدانغا پاتماي قالغان مەستانىلەر

ئۇرۇگۋاي كاپىتانى رېمىتنىڭ قولىدىن لوڭقىنى ئالماقتا

ئېسىل توپ

ئۇرۇگۋاي قاپقاۋۇلىنىڭ كارامىتى

چىمپىيون رىپىرلار بىلەن بىللە

بىرازىلىيە ئالدى بىلەن بىر توپ ئۇردى

بىرازىلىيە - ئۇرۇگۋاي

بىرازىلىيە كوماندىسى

ئۇرۇگۋاي ھۇجۇمچىسى

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2مۇنبەر پۇلى +50 تىللا +6 يىغىش سەۋەبى
مەشئەل + 6 مانا تىللا كەتتى
قۇياش + 50 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-8 11:53:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گېرمانىيە ئۇرۇش تۈپەيلى قاتنىشالمىغانغۇ دەيمەن....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-8 12:21:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-8 14:58:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقىي ياخشى چۇشەندىم رەھمەت  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 08:00

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش