akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 512|ئىنكاس: 7

تۈركىيە بىرلەشمىسى 32-ئايلانما مۇسابىقە خەۋىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   isyanqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-8 02:25  

2 كۈن بۇرۇن ئېلىپ بېرىلغان تۈركىيە بىرلەشمىسىنىڭ 32-ئايلانمىسىدىكى مۇسابىقىلەر:

كونا شەھەر تەنتەربىيىسى 1 - 4 قەيسەرى تەنتەربىيسى
Eskişehirspor.png    VS    Kayserispor.png

كونا شەھەر تەنتەربىيىسى ئۆز مەيدانى كونا شەھەر ئاتاتۈرك مەيدانىدا بىرلەشمىنىڭ دەرىجە چۈشۈش رايۇنىدا تۇرۋاتقان قەيسەرىنى كۈتىۋالىدى. مۇسابىقە باشلىنىپ 12 مىنۇت بولغان قەيسەرى توپچىسى سەفا يىلماز بىر توپ ئۇردى. 3 مىنۇتتىن كىيىن كوناشەھەر توپچىسى نەجاتى ئاتەش بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈرۋالدى. 29 مىنۇت ۋە 34 مىنۇت بولغاندا قەيسىەرى كەينى-كەينىدىن 2 توپ ئۇرۇپ ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى. شۇنىڭ بىلەن ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقە ئاياقلاشتى. كىيىنكى مەيدان مۇسابىقىنىڭ 88- مىنۇتىغا بارغاندا قەيسەرى توپچىسى مەرىت نەبرە بىر توپ ئۇرۇپ مېھمان مەيداندا غەلبە قىلپ 3 نومۇرنى تولۇق ئالدى.


ئانتالىيا تەنتەربىيىسى 1 - 2 ئەلازىغ تەنتەربىيىسى
MP Antalyaspor.png     VS    Elazığspor.png

بىرلەشمىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا يەنى دەرىجە چۈشۈش رايۇنىدىكى ئانتالىيا تەنتەربىيىسى ئۆز  مەيدانىدا ئەلازىغنى كۈتىۋالدى. نەتىجىدە مۇسابىقە باشلىنىپ 30 مىنۇت بولغاندا ئاۋال بىر توپ ئۇرغان ئانتالىيا تەنتەربىيىسى كىيىنكى مەيدان مۇسابىقىدە ئەلازىغ توپچىسى باتۇخان قارادېڭىزنىڭ 5 مىنۇت ئىچىدە ئۇرغان 2 توپى بىلەن مەغلۇپ بولدى.


ئەرجىيەس تەنتەربىيسى 1 - 0 گازىئەنتەپ تەنتەربىيسى
Erciyesspor.png   VS    Gaziantepspor.png

بىرلەشمىنىڭ ئوخشاش ئورۇنىدا كېتىۋاتقان بۇ ئىككى كوماندا قاتتىق تىركىشىش ئارقىلىق مۇسابىقىنىڭ 88-مىنۇتىغا بارغاندا ئەرجىيەس تەنتەربىيسىنىڭ بىر توپ ئۇرۇشى بىلەن ئاياقلاشتى.


بەشىكتاش 2 - 1 قاسىم پاشا
Beşiktaş.png    VS    Kasımpaşa.png

بىرلەشمىدىكى زەردار بەشىكتاش كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا تۈركىيە كۈچلۈك كوماندىسى قاسىم پاشانى كۈتىۋالدى. مۇسابىقە باشلىنىپ 7 مىنۇت بولغاندا بەشىكتاش توپچسى ئۇغۇزخان ئۆزياقۇپ بىر توپ ئۇردى. 17 مىنۇت بولغاندا ۋەلى كاۋلاك بىر توپ ئۇرۇپ ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقە شۇنىڭ بىلەن ئاياقلاشتى. كىيىنكى مەيدان مۇسابىقە باشنىلىپ تاكى ۋاقىت توشىدىغانغا ئاز قالغاندا قاسىم پاشا ھۇجۇمچىسى ئوسكار سىكارىيون بىر توپ ئۇرغان بولسىمۇ قاسىم پاشا يەنىلا مېھمان مەيداندا مەغلۇپ بولدى.


گالاتاساراي 3 - 2 ياشلار بىرلىكى
Galatasaray.png    VS    Gençlerbirliği.png

بىرلەشمىدىكى زەردار گالاتاساراي ئۆز مەيدانىدا ياشلار بىرلىكىنى كۈتىۋالدى. مۇسابىقە باشلىنىپ 6 مىنۇتتىن 12 مىنۇتقىچە بولغان 6 مىنۇت ئىچىدە كەينى-كەينىدىن گالاتاساراي 2 توپ يەپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقە ئاياقلاشتى. كىيىنكى مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ گالاتاساراي كۈچەپ ئويناپ بۇراك يىلمازنىڭ 3 مىنۇت ئىچىدە 2 توپ ئۇرۇشى بىلەن نەتىجىنى ئاران تەڭلەشتۈرۋالدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە گالاتاساراي ئۇتتۇرۇپ قويسا ياكى تەڭلىشىپ قالسا يەنە بىرلەشمىنىڭ ئۈچىنچى ئۇرۇنىغا چۈشۈپ قالاتتى. ئەمما 90 مىنۇت بولغاندا ئۈمۈت بۇلۇتنىڭ بىر توپ ئۇرۇشى بىلەن غەلبە قىلىپ قىممەتلىك 3 نومۇرنى ئالدى.


چايقۇر رىزە تەنتەربىيسى 1 - 1 سىۋاس تەنتەربىيسى
Rizespor.png    VS    Sivasspor.png

بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ھەر ئىككى تەرەپ ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقىدە بىرمۇ توپ ئۇرالماي ئاياقلاشتى. كىيىنكى مەيدان مۇسابىقىنىڭ 89 مىنۇت بولغاندا سىۋاس توپچىسى خاقان ئارىسلان بىر توپ ئۇردى. ئەمما 1 مىنۇتتىن كىيىن رىزە تەنتەربىيسى بىر توپ قايتۇرۋالدى. شۇنىڭ بىلەن تەڭلىشىپ ھەر ئىككى كوماندا بىردىن نۇمۇر ئالدى.


بۇرسا تەنتەربىيسى 2 - 2 تىرابىزون تەنتەربىيسى
Bursaspor.png    VS    Trabzonspor.png

بۇرسا تەنتەربىيىسى ئۆز مەيدانى بۇرسا ئاتاتۈرك مەيدانىدا كۈچلۈك تىرابىزوننى كۈتىۋالدى. مۇسابىقە باشلىنىپ بۇرسا ئۆز مەيدان ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ بىر توپ ئۇرۋالدى، 29 مىنۇت بولغاندا تىرابىزون بىر توپ قايتۇرۇپ تەڭلىشۋالدى. كىيىنكى مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 60 مىنۇت بولغاندا بۇرسا توپچىسى فېرناندو بىر توپ ئۇرۇپ يەنە ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى، ئەمما 90 مىنۇت بولغاندا تىرابىزون توپچىسى قادىر كەلەش بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى.


ئاكھىسار شەھىرى 3 - 1 فەنەرباغچە
Akhisar Belediye.png    VS    Fenerbahçe.png

ئاكھىسار شەھىرى كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا بىرلەشمىنىڭ چىمپيۇنى فەنەرباغچىنى كۈتىۋالدى. فەنەرباغچە كوماندىسى 15 مىنۇت ئىچىدە 2 توپ ئىسىتمال قىلدى. 53 مىنۇت بولغاندا فەنەرباغچە توپچىسى مەخمەت توپەل بىر توپ ئۇردى. 69 مىنۇت بولغاندا ئاكھىسار شەھىرى كوماندىسى يەنە بىر توپ ئۇرۇپ ئۆز مەيدانىدا فەنەرباغچىنى مەغلۇپ قىلدى.


قارابۈك تەنتەربىيسى 2 - 2 توركو كونيا تەنتەربىيسى
Karabükspor.png   VS   Torku Konyaspor.png

قارابۈك تەنتەربىيسى ئۆز مەيدانىدا توركو كونيا تەنتەربىيسىنى كۈتىۋالدى. 90 مىنۇتلۇق بۇ مۇسابىقىدە ھەر ئىككى تەرەپ قاتتىق كۈچەپ ئويناپ ھەر ئىككى تەرەپ 2 دىن توپ ئۇرۇپ تەڭلىشىپ قالدى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-8 02:36:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈركىيە بىرلەشمىسى ئۇزغۇنلىقتا كۈچەپ قويسا بۇلاتتى گوللاندىيەنىڭ ئارقىغا چىكىنشى بۇلارغا بىر پۇرسەت
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-8 03:18:59 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ  يىل  ساپلا  دەرىجە چۈشۈش  رايۇندىكىلە سەركىلەنى ئ‍وكدا  قويغىلى  تۇردىغۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-8 05:16:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 1:00 دە تۈركىيە لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئوينىلىپ گالاتا ساراي 1:0 نەتىجە بىلەن غەلبە قىلدى .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-8 07:26:22 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
فەنەر  باغچە  ئۇتتۇرۇپ  قۇيۇپتۇغۇ  ھازىر  بىرىنچى  بىلەن  ئىككىنچىنىڭ  نۇمۇر  پەرقى  قانچە  باللا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-8 08:00:20 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
فەنەر باغچە مۇ مەغلۇبىيەتنىڭ تەمىنى تىتىپتۇدە، گىلاتاساراي بىلەن بولغان نومۇر پەرقى قانچىدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-8 08:17:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈركىيە كۇلۇبلىرنىڭ كۇلۇب گېرىبى بەك چىرايلىقكىنا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-8 09:52:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 21:43

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش