akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1292|ئىنكاس: 21

پۇتبول ساھەسىدىكى 10 چوڭ زەربىدارلار ئەترى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
0. 2006-يىلى بىرازىلىيەدىكى تۆتىنىڭ چۈشىنى ماسلاشتۇرۇپ ئوينىشى
     2006-يىلى گىرمانىيەدىكى يازدا، بىرازىلىيە دۆلەت كوماندىسى يەنە بىر قېتىم ئۇدا چىمپىيون بولۇش چۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، مەشقاۋۇل پېرللا رونالدو، رونالدىنخو، ئادېرىيانو ۋە كاكادىن ئىبارەت 4 ھۇجۇمچىدىن تەشكىل تاپقان ماسلاشقان گۇرۇپپىدىن بىرنى تەشكىللىدى، گۇرۇپپىدىكى 3 مەيدان مۇسابىقىدە بۇ ماسلاشقان گۇرۇپپىنىڭ ئەمەلىي كۈچى ئىنتايىن زور بولدى، رونالدو، ئادېرىيانولار ئىنتايىن چىرايلىق توپلارنى كىرگۈزدى، ئەمما تېخى ئالدىنقى يىلى دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى بولغان رونالدىنخونىڭ ئىپادىسى باشتىن-ئاخىر كىشىلەرنى رازى قىلالمىدى، شاللاش مۇسابىقىسىنىڭ دەسلىپىدە ئادېرىيانو ۋە رونالدونىڭ ئېسىل توپلارنى كىرگۈزۈشى بىلەن گانانى 0:3 مەغلۇب قىلدى، بۇ ھەم بۇ ماسلاشقان گۇرۇپپىنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى بىر قېتىملىق كۆرسەتكەن نومۇرى بوپقالدى، كىيىن فىرانسىيە بىلەن ئوينىغان مۇسابىقىدە بىرازىلىيە كوماندىسى ئۈزۈل-كېسىل مەغلۇب بولۇپ شاللىنىپ كەتتى. شۇنداق قىلىپ بۇ ماسلاشقان ئويۇنچىلارنىڭ ئويۇنى ئاخىرلاشتى.


9. سىتۇگارتتىكى ئۈچ ئاتلىق پەيتۇن
     90-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا جۇڭگو تاماشىبىنلىرى ئاخىرى ياۋروپانىڭ داڭلىق بىرلەشمە مۇسابىقىلىرىنى كۆرەلەيدىغان بولدى، شۇنىڭ بىلەن گىرمانىيە بىرلەشمىسىنىڭ مۇسابىقە مەيدانلىرىدا سىتۇگارتتىكى ئۈچ ئاتلىق پەيتۇننىڭ زور كۈچ-قۇدرىتىدىن بەھىرلەندى، بوبىچ، ئېربو ۋە بالاكوۋ قاتارلىقلار 3 يىل ئىچىدە سىتۇگارتنى بىر يېڭى يۈكسەك پەللىگە كۆتۈردى، 96-97-مۇسابىقە پەسىلىدە، ئۈچى بىرلىكتە 49 توپ كىرگۈزۈپ بىرلەشمىدە 2-بولدى. كىيىن ئېربونىڭ بەيرىن مىيۇنخېن كوماندىسىغا يۆتكىلىپ كېتىشىگە ئەگىشىپ، سىتۇگارتتىكى ئۈچ ئاتلىق پەيتۇننىڭ ئالتۇن دەۋرىگە خاتىمە بېرىلدى.

8. چېلسىدىكى ئۈچ ئاچىماق
     مۇرىنخو پورتۇدا زور نەتىجىلەرگە ئېرىشكەندىن كىيىن چېلسىغا كېلىپ، ئۆزىنىڭ 4-3-3 يان ھۇجۇمچىلىق سەپ شەكلى ئۈچۈن قوشۇن توپلايدۇ، مەخلۇق دروگبامۇ كەلگەندىن كىيىن ئۇنىڭ نامى چىقىشقا باشلايدۇ، گوللاندىيە چولپىنى روبىن ۋە بلاكبۇرىندىكى ئىپادىسى ئالاھىدە بولغان دۇف ئىككىسى قوش قاناتنى ئوينايدۇ، بۇلارنىڭ ماسلىشىشچانلىقى ئالاھىدە بولۇپ، بىردەمدىلا ئېنىگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى مۇسابىقە مەيدانلىرىدىكى كوماندىلارنىڭ ھەممىسىنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، 50 يىلدىن بۇيانقى چېلسىنىڭ تۇنجى بىرلەشمىنىڭ چىمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرىدۇ. كۈچلۈك بولغان بۇ مەخلۇق مۇداپىئەچىلەرنى ئۆزىگە جەلب قىلىدۇ، ئىككى قاناتتىكىلەر بولسا ئۆتكۈر پىچاقتەك چەكلەنگەن رايون ئىچىگە بۆسۈپ كىرىدۇ، بۇ ئىنتايىن نادىر بولغان ماسلىشىشچانلىق ئېنىگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ مەيدانلىرىدا پەيدا بولغاندا، رەقىبلىرى ھېچقانداق ئامال قىلالمايدۇ.


7. ئىنتېرمىلاننىڭ قانخور گۇرۇپپىسى
     04-05 مۇسابىقە پەسىلىدە، ھۇجۇم خۇمار مانچىنى ئىنتېرغا كېلىدۇ، نەتىجىدە ئىنتېرنىڭ مۇداپىئەسىدە ئۈزلۈكسىز خاتالىقلار كۆرۈلگەچكە، بۇ ياش مەشقاۋۇل ئادېرىيانو، ۋېئېرى، مارتنىسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 3 ھۇجۇمچىدىن ئىبارەت كۈچلۈك سەپ شەكلىنى قۇرۇپ چىقىدۇ، بۇ ھۇجۇمچىلارنىڭ ئۈزلۈكسىز توپ كىرگۈزۈشى بىلەن مۇداپىئەدىكى خاتالىقلار بىر-بىرلەپ يېپىلىدۇ، ئادېرىيانومۇ تەدرىجىي ھالدا ئىنتېرنىڭ شاھىغا ئايلىنىدۇ، شۇ پەسىلدە، ئىنتېرنىڭ ھۇجۇم كۈچى ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكىلەرنى تىترىتىدۇ، كىيىن 05-06 مۇسابىقە پەسىلىدە مانچىنى رەھبەرلىكىدىكى كۆك قارا ئارمىيە ئالدىن 5 ئايلانما بۇرۇنلا بىرلەشمىنىڭ چىمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۇزۇندىن بېرى قولغا كەلمىگەن چىمپىيونلۇقنى قايتۇرۇپ ئەكىلىدۇ.

6. يۇۋېنتۇسنىڭ ياۋروپالىق 3 شەمشىرى
     ئالدىنقى ئەسىردىكى 80-يىللارنىڭ ئوتتۇلىرىدا، تاغىل ئات ئارمىيىسى يۇۋېنتۇس كوماندا تارىخىدىكى بىر ئالتۇن دەۋىرنى باشتىن ئۆتكۈزىدۇ، شۇ دەۋىردىكى ساماۋى چولپان پىلاتىنى ۋە ھۇجۇم سېپىدىكى پولشالىق ھۇجۇمچى بونىئېك شۇنداقلا دانىيىلىك يېڭى شەخىس لاۋدىرۇپ قاتارلىقلار تاقابىل تۇرۇش قىيىن بولغان ياۋروپادىكى ئۈچ شەمشەر گۇرۇپپىسىنى تەشكىل قىلىدۇ، يۇۋېنتۇسنىڭ توپ مەستانىلىرىغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا، پىلاتىنى باشچىلىقىدىكى زەربىدارلار گۇرۇپپىسى 90-يىللاردىكى زىدانى، پىئېرو ۋە ئېنزاگى گۇرۇپپىسىدىن ئۈستۈن تۇراتتى، چۈنكى پەقەت مۇشۇ گۇرۇپپىلا ئاشۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك يىللارنىڭ سەمىمىي ئەسلىمىلىرىنى ياڭراتقانىدى.

  5. مانچىستېر بىرلەشمىسىنىڭ 4 كىشىلىك ھۇجۇمچىلار توپى
     09-08 مۇسابىقە پەسىلىدە ئېنىگلاند بىرلەشمىسىدە مانچىستېر بىرلەشمىسى داۋاملىق ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللەپ تۇراتتى، ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدە بارسىلوناغا يېڭىلىپ ئىككىنچى بولدى، كوماندىدىكى 4 ھۇجۇمچىنىڭ كىرگۈزگەن توپلىرى يەنىلا ھەممىسىدىن ئۈستۈن تۇراتتى، س.رونالدو، رۇنى، بېرباتوف، تېۋېس قاتارلىقلار دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچلۈك بولغان گۇرۇپپىنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، ھېچكىم ئۇلارنى توسالمايتى، س.رونالدو ئاللىقاچان دۇنيادا توسىماق ئەڭ قىيىن بولغان يان يول توپچىسىغا ئايلانغان، رۇنىمۇ تەدرىجى ھالدا دۇنياۋى چولپان بولدى، بېرباتوف كوماندىغا يېڭى كەلگەن بولسىمۇ توپ كىرگۈزۈپلا قالماستىن يەنە نۇرغۇنلىغان چىرايلىق بىۋاستە پاسلىرى بار ئىدى، تېۋېس بولسا ئاچقۇچلۇق پەيىتتە توپ كىرگۈزۈپ قۇتقۇزغۇچىغا ئايلاندى، شۇ يىلى بىرلەشمە مۇسابىقىنىڭ يېرىمى ئەمدى تۈگىگەندە، بۇ تۆتى جەمئىي 52 توپ كىرگۈزۈپ، ئېنىگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە تارىخىدىكى ئەڭ كۈچلۈك ئوت كۈچىگە ئايلانغان.

4. ناپولىدىكى جەنۇبى ئامېرىكىلىق 3 داڭدار
     1984-يىلى مارادونا كېلىشتىن بۇرۇن، نېئاپول كوماندىسى ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكى سېپى ئۆزىدىن ئاجىز كوماندا ئىدى، لېكىن پۇتبول شاھىنىڭ كېلىشى بىلەن، بۇ شەھەر ھاياتى كۈچكە تولدى، 1987-يىلى نېئاپول كوماندىسى مارادونانىڭ باشلامچىلىقىدا تارىختىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى، كىيىنكى يىلى، جەنۇبى ئامېرىكىلىق چولپانلاردىن كارېكا ۋە ئالېماۋ قاتارلىقلار نېئاپول كوماندىسىغا يۆتكىلىپ كېلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ھۇجۇم سېپى جەنۇبى ئامېرىكىلىق 3 داڭداردىن تەشكىللىنىدۇ، كوماندىمۇ ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكى شاھلىق ئورنىنى مۇستەھكەملەيدۇ، 89-90-مۇسابىقە پەسىلىدە، ئۇلار بىرلىكتە تازا گۈللىنىۋاتقان مىلاندىكى گوللاندىيىلىك  3 قېلىچۋازنى مەغلۇب قىلىدۇ.

  3. بىرازىلىيەدىكى « 3 ر »
     2002-يىلى دۇنيا لوڭقىسىدىكى بىرازىلىيە كوماندىسى 7 مەيداننىڭ ھەممىسىدە يېڭىپ چىمپىيون بولۇشتەك رىۋايەت يارىتىدۇ، بىر يىل ئىلگىرى ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىدىن مىڭ تەسلىكتە چىققان بىرازىلىيە كوماندىسى رونالدو، رونالدىنخو ۋە رىۋالدوغا تايىنىپ دۇنيا پۇتبولچىلىقىنىڭ شەكسىز خاندانلىقىغا ئايلىنىدۇ، بۇ ئۈچى 7 مەيداندا جەمئىي 16 توپ كىرگۈزىدۇ، بىرازىلىيە كوماندىسىنىڭ كۈچ-قۇدرىتى تامامەن بۇ «3 ر »نىڭ ئېسىل ماسلىشىشچانلىقى ۋە كوللىكتىپ ئويۇنىدىن كەلگەن بولۇپ، رونالدو كىرگۈزگەن 8 توپى بىلەن ئەڭ مۇنەۋۋەر مەرگەن بولۇپ باھالىنىدۇ، بىرازىلىيە كوماندىسىمۇ 5-قېتىم دۇنيا لوڭقىسىنى كۆتۈرىدۇ.

2. بارسىلونانىڭ زەربىدار ئەتىرىتى
     لىجىكارىدتىن تارتىپ گۇدىئولاغىچە، بارسىلونا باشتىن-ئاخىر ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى، رونالدىنخو كەتكەندىن كىيىن، مېسسى بولسا ئالدىنقى سەپنىڭ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈردى، 08-09 مۇسابىقە پەسىلىدە، ئېتئو، مېسسى ۋە ھېنرى قاتارلىقلار بارسىلونانىڭ ئالدىنقى مەيدانىدىكى ئۈچ ئاچىماقنى شەكىللەندۈردى، شۇ پەسىلدە بارسىلونانىڭ توپ كىرگۈزۈشى خېمىردىن قىل سۇغارغانغا ئوخشاش بولدى، بىرلەشمە مۇسابىقىدە كونا رەقىبى خانلىق مادىرىت كوماندىسىنى 2:6 مەغلۇب قىلدى، ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىدە ھېچكىم ئۇلارغا تەڭ كېلەلمىدى، مېسسىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى ئىقتىدارى، ئېتئونىڭ چاقماقتەك ھۇجۇمى ناھايتى ياخشى بولدى، ھېنرىمۇ بىر مەزگىل پەسلەپ قالغان ئورنىدىن پارتىلاپ چىقتى، ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىكى شاۋى، ئېنىستالار ئۇلارغا توختىماستىن بىۋاستە پاسلارنى بېرىپ تۇردى، زاپاس ئەزالىق ئورنىدىكى بوجان ھەر قېتىم ئالمىشىپ مەيدانغا چىققاندا ھەممىسىنى ھەيران قالدۇردى، شۇ يىلىدىكى بارسىلونا دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل پۇتبولنى ئوينىدى، ھەمدە بۇ بارسىلونانىڭ زەربىدار ئەترىتى يەنە داۋاملىق ئېسىل توپلارنى ئوينىماقتا.

1. بىرازىلىيەنىڭ تارىختىكى ئەڭ كۈچلۈك زەربىدارلار گۇرۇپپىسى
     1958-يىلى ۋە 1962-يىلىدىكى ئىككى نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە، بىرازىلىيە كوماندىسى دۇنيا چىمپىيونلۇقىنى ئىگەللىۋالدى، يېشى كىچىك بولغان پىلى باشچىلىقىدىكى زەربىدارلار گۇرۇپپىسى خەلقئارا پۇتبولچىلىقى تارىخىدىكى ئەڭ كۈچلۈك گۇرۇپپا دەپ ئاتالدى، پىلى، كالىنچا، ۋاۋا قاتارلىقلار يېڭىلمەس ئۈچ ئاچىماقنى شەكىللەندۈردى، پۇتبول شاھى پىلىنىڭ ھۇجۇم سېپىدىكى ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى ئىدى، كالنچانىڭ يان يولدىن بۆسۈپ كىرىش ئىقتىدارى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئىدى، ئارقىسىدىكى ۋاۋا بولسا ھەر قايسى جەھەتلەردىن يېتىلگەنىدى، زاگاللومۇ ئوخشاشلا يان يولدا مۇھىم روللارنى ئوينايتى، ئوتتۇرا مەيدان پىرى دى دى ئارقىسىدىكىلەرنىڭ قوللىشى بىلەن ھۇجۇم سېپىنىڭ مۇقىم يۆنىلىشىگە كاپالەتلىك قىلاتتى، بۇ زەربىدارلار لىنىيىسى تارىختىكى ئەڭ كۈچلۈك دەپ ئاتالغاندى.


     مەنبە: تېڭشۈن تورى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-7 18:52:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   dilmurat. تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-7 03:58  

1958-1962- 1970-1994-2002-يىللىرى  بىرازىلىيە كوماندىسىنىڭ ئەڭ شانلىق ۋاقىتلىرى ھىساپلىنىدۇ
تېمىڭىز ئىسىل چىقىپتۇ   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-7 18:53:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
dilmurat. يوللىغان ۋاقتى  2014-5-7 18:52
ئىنكاس يېزىلىۋاتىدۇ

نىمۇ ئىنكاس دەيسىز
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-7 18:53:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەگەر مادرىد 10 - قېتىملىق لوڭقىنى ئىلىپ قالسا ، بۇلارنىڭ ئارسىغا BBC گۇرۇپسىنى قوشۇپ قويساق بولغۇدەك .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-7 18:56:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زىدانى، ۋىئىرا،ھىنىرىدىن تەشكلەنگەن فىرانسىيەنىڭ كوماندىسىنى بىرمەھەل نام چىقارغانتى......
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-7 18:57:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېربو ئەمەس ئېلبېر، مىلاننىڭ 3 ھارۋىكىشى چالا قالدىمۇ يا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-7 19:06:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
dilmurat. يوللىغان ۋاقتى  2014-5-7 18:52
1958-1962- 1970-1994-2002-يىللىرى  بىرازىلىيە كوماندىسىنىڭ ئەڭ شا ...

رەھمەت باشلىق نادىرلىساق بۇلامۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-7 19:10:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچىمۇ BBC نى قوشسا ئارتۇق كەتمەيدۇ ، بۇ ئۈچىنىڭ ئۇرغان توپىنى ھىساپلىساق خېلى بىر يەرگە بارىدۇ ،  ئەگەر 2012-يىلىدىكى رونالدو ، بېنزىما ۋە ھىگۇايىننى ھىساپلىساققۇ توپ سانى بەكلا جىق بۇلۇپ كىتىدۇ ئەپسۇس ئاساسلىق سەپ شەكلىدەھىگۇايىن بىلەن بېنزىما بىللا مۇسابىقىگە چۈشمىگەندە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-7 19:11:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-7 20:07:01 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-7 20:25:27 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەتە ئۆگۈن BBCنىمۇ كىرگۈمىز.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-7 21:33:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 08:53

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش