پۇتبول كۇلۇبى

نىيە ۋاسكىتبول كۇلۇبى
كۆرۈش: 1322|ئىنكاس: 16

سامبانىڭ غەزىپى -مۇھەببەت ۋە نەپرەت !!!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قۇياش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-7 18:49  

u=1173824689,3188168622&fm=11&gp=0.jpg


  2014 بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقىسىغا يەنە بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت قالدى، 4 يىل ، جەنۇبىي ئافرىقىدىن-بىرازلىيىگىچە ساق 4 يىل ساقلىدۇق، ھەممىمىز ئۆزىمىز ياقتۇرىدىغان دۆلەت كوماندىلارنىڭ، چولپانلارنىڭ بۇ بەيگىدە ئۈزۈپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز ئەلۋەتتە....
بۇنداق كاتتا بەيگىنى ئۆتكۈزۈش شەرىپىگە ئېرىشىش- شۇ دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي،ئىجتىمائىي ئەمەلىي كۈچى،خەلقئارادىكى ئىناۋىتى ، شۇنداقلا پۇتبول دۇنياسىدىكى رىقابەت كۈچىنى نامايەن قىلىپلا قالماي، شۇ دۆلەتكە نۇرغۇن بايلىق يارىتىش،ئىناۋىتىنى ئۆستۈرۈش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدۇ.
بىرازىليەنىڭ بۇ شەرەپكە يەنە ئېرىشىشى،كىشىلەرگە دەسلەپتە ھېچقانداق بىنورمال تۇيۇلمىدى، چۈنكى، بىرازىلىيە پۇتبول پادىشاھلىقى، بۇ دۆلەتتە پۇتبول قىزغىنلىقى تەبىئىيلا مىراس ھالىتىدە شەكللىنىدۇ، بۇ يەردە ئەڭ تۆۋەن قاتلامدىكى پۇقرادىن تارتىپ ، دۆلەت پىرىزدېنتىغىچە پۇتبولغا ئوتتەك ئىشتىياقى بار.
نوپۇس ۋە زىمىن كۆلەم جەھەتتە ، دۇنيادا 5- ئورۇندا تۇرىدىغان، دۇنيادىكى 7- چوڭ ئىقتىساد گەۋدىسى بولغان بۇ دۆلەتنىڭ بىرلەشمە مۇسابىقىسى ياۋروپادىكى 5 چوڭ بىرلەشمىدىن قېلىشمايدۇ، بۇ يەر ياۋروپادىن تارتىپ ، پۈتۈن دۇنياغىچە ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچىلارنى يېتىشتۈرۈپ بېرىدۇ، شۇڭا زور كۆپچىلىك بۇ مەرىكىنىڭ بۇ دۆلەتتە ئۆتكۈزۈلۈشىگە ئالدىنقى قېتىملىقدىنمۇ بەكرەك ئېنتىزار بولۇشتى، لېكىن، شۇ شەرەپكە ئېرىشكەندىن باشلاپ، بىرازىلىيە پۇقرالىرى، ھۆكۈمىتى بۇ جەرىيانىدا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنى باشتىن ئۆتكۈزدى، باي-نامراتلىق پەرقنىڭ ئېشىشى، زەھەرنىڭ يامرىشى ، ئامانلىقنىڭ ناچار بولۇشى.... نۇرغۇن زىددىيەتلىك مەسلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. يېقىندا تەكشۈرۈلۈشىچە، پۈتۈن دۆلەتتە زەھەر چېكىپ باققانلار سانى 6 مىلىيۇندىن ئېشىپ، پۈتۈن نوپۇسنىڭ %3 دىن ئېشىپ كەتكەن، زەھەر ئەتكەسچىلىرى گورۇھى زورىيىپ، بەزى رايۇنلاردا تەسىر كۈچى ھۆكۈمەتتىن ئېشىپ كەتكەن، نوپۇس ۋە تەرەققىياتنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشى، بايلىق ۋە نامراتلىق پەرقىنىڭ زورىيىشى قاتارلىق تەسىرىدەدۆلەت ئىچىدە نۇرغۇن زىددىيەتلەر پەيدا بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەر بۇ مۇسابىقىنى بايقۇت قىلىپ قارشى چىقتى،ئەلۋۋەتتە، ھېچكىم ئۇلارنى پۇتبولنى ياخشى كۆرمەيدۇ دېيەلمەيدۇ، بايلىق-نامراتلىق ئىچىدىكى ئىزتىراپلىق خىياللار بىرازىليە ھۆكۈمىتىنىڭ بېشىنى قاتۇردى، FIIFA نى ئالاقىزادە قىلىدى، دۇنيا مەستانىلىرىنى شۈبىھىلەندۈردى، پۇتبول خىجىل بولدى !!!
9364144_980x1200_0.jpg
باشلىنىشقا ناھايىتى يېقىنلاشقان ۋاقىتتا، مۇسابىقە تەييارلىق خىزمەتلىرنىڭ تولۇق پۈتمەسلىكى، نامايىشلارنىڭ داۋاملىشىشى، زەھەرنىڭ كەڭ تارقىلىشى، نامرات رايۇنلاردىكى كەپىلىك ئۆيلەرنى مەجبۇرى چقىشقا قارشى تۇرۇش....... بۇلار،دۇنيا مەستانىلىرىنىڭ كۆڭلىنى ئىزچىل مەيۈسلەندۈرمەكتە، ئۇنداقتا، بىز تۆت كۆزىمىز بىلەن كۈتكەن بۇ مەرىكىگە بولغان بىرازىلىيەلىكلەرنىڭ كۆزقاراشلىرىغا نەزەر سېلىپ باقايلى !

9364157_980x1200_0.jpg
2003-يىلى بىر قېتىلىق ئەلرايىنى تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، بىرازىليە پۇقرالىرنىڭ بۇ مەرىكىنى ئۆتكۈزۈشنى قوللاش نىسبىتى %65 كە يەتكەن، 2008- يىلى%79 قا ئۆرلىگەن، لېكىن، يېقىندا تەكشۈرۈشتە، %52 كە چۈشۈپ ، قوللىمايدىغانلار نىسبىتى زور دەرىجىدە ئۆرلىگەن.
جامائەت پاۋارانلىقىغا بولغان نارازىلىق،  بايلىق ۋە نامراتلىق پەرقىنىڭ زورىيىشى قاتارلىقلارنارازى بولغۇچىلارنىڭ نامايىش قىلىپ، كۈچ كۆرسىتپ ئاچچىقىنى كۆرسىتىشنىڭ سەۋەبى بولۇپ قالغان.

9364146_980x1200_0.jpg
مۇخبىر زىيارەت داۋامىدا، كوچىدا ئىختىيارى ھالدا كىشىلەرنى زىيارەت قىلغاندا، زور كۆپچىلىكى بىردەك مۇسابىقە تەييارلىق خىزمەتلىرىنىڭ يۈرۈشىشىگە نارازى ئىكەنلىكىنى، ئامانلىق ساقلاشتىن ئەنسىرەيدىغانلىقى شۇنداقلا مەخسۇس مەبلەغنىڭ جەمئىيەتتىكى مەخسۇس تۈرلەرگە ئىشلىتىلىشىدىن گۇمانلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ھەمدە بىردەك قانداقلا بولمىسۇن ، بۇ مۇسابقىدىن دۆلەت ساياھەتچىلىكى زور نەپكە ئېرىشىدىغانلىقى، شۇڭا ھۆكۈمەتنىڭمۇ پۈتۈن دۇنيا خەلقىگە ياخشى بىر قېتىملىك دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى سوۋغا قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

9364147_980x1200_0.jpg
رىئودې.ژانېرو شەھەر ئاھالىسى ژوزې مۇخبىرغا مۇنداق دېدى :بۇ قېتىملىق مۇسابىقە ئىلگىركىگە ئوخشاش پۇقرالارغا بەخىت تۇيغۇسى ھىس قىلدۇرالمىدى، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىپادىسى ناچار بولدى، مەسلەن : مەيدان قۇرۇلۇشى، مۇھىت تازىلىقى قاتارلىقلار، ھەممە يەر ئەخلەت......››. بىرازىليەنىڭ دېڭىز بويى رايۇنلىرى ھەقىقەتەن ناھايىتى تەرەققى قىلغان، لېكىن، ئىچكى قورۇقلۇق بۇنىڭ دەل ئەكسىچە....

9364148_980x1200_0.jpg
2014- يىلى 4- ئاينىڭ 17- كۈنى،رىئودې.ژانېرودا 300 دىن ئارتۇق ساقچى كوچىغا چىقىپ نامايىش قىلىپ، ئىش ھەققىنى ئۆستۈرۈپ بېرىشنى، بولمىسا مۇسابىقى مەزگىلىدە ئىش تاشلايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى، شۇ چاغدا، يەنە بىر مۇسابىقە شەھىرى سالۋادوردىمۇ ساقچىلار ئىش تاشلاپ نامايىش ئېلىپ باردى، ھۆكۈمەت ئامالسىز ئارمىيەنى ئىشقا سېلىپ، جەمئىيەت ئامانلىقىنى قوغدىدى، لېكىن، بۇ مەزگىلىدە توقۇنۇش يۈز بېرىپ 22 دىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلدى.

9364150_980x1200_0.jpg
شەھەر ئاھالىسى ئېلىكا ‹‹ مۇسابقە ئۆتكۈزدىغان نۇرغۇن شەھەرلىرىمىزدە زوراۋانلىق ۋەقەلىرى ئېغىر، كوچا،ئاپتۇبۇس ، يوللاردا بۇلاڭچىلىق يۈز بېرىپ تۇرىدۇ...›››، مارىنا ‹‹ نۇرغۇن چەتئەللىك بۇ مۇسابىقىنى دەپ بىرازلىيىگە كېلىدۇ، لېكىن، بىرازلىيەنىڭ ئاممىۋى بىخەتەرلىك ئەھۋالى ناھايىتى قالايمىقان...››

9364149_980x1200_0.jpg
بىخەتەرلىك ئۈچۈن، ھۆكۈمەت ئومۇمىيۈزلۈك بىخەتەرلىك دەرىجىسىنى ئۆستۈردى.رىئودې.ژانېرودا ساقچىلارنىڭ نامرات رايۇنلاردىكى كەپىلىك ئاھالىلەرگە بولغان نازارەتچىلىكى كۈچەيتىلدى، ھەتتا ، ئارمىيە قوشۇن ئاجرىتىپ ،قوغداشنى كۈچەيتتى.

9364152_980x1200_0.jpg
2013- يىلى 9- ئايدا،رىئودې.ژانېرودا ‹‹ ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى›› نامايىشى يۈز بېرىپ، ئوقۇتقۇچىلار ھۆكۈمەتتىن مۇئاشىنى ئۆستۈرۈپ بېرىشنى تەلىپ قىلىپ، نامايىش داۋامىدا ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشۇپ قېلىپ ، ۋەزىيەت ناھايىتى قالايمىقانلىشىپ كەتكەن.

9364153_980x1200_0.jpg
بىرازلىيەدىكى داڭلىق مالاكانا پۇتبول مەيدانىنى رىمونت قىلىش جەرىيانىدا، ئەتراپىدىكى بەزى ئىدىنئان موزىيلىرىنىمۇ قوشۇپ رىمونت قىلماچى بولغان، بۇ شۇ ئەتراپتىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان، شۇ كۈنى، ساقچى تەرەپ 300 دىن ئارتۇق نامايىشچىنى قولغا ئالغان .

9364165_980x1200_0.jpg
زىيارەت داۋامىدا، بىر كىشى مۇخبىرغا : بۇلتۇر دۇنيا بىرلەشمە لوڭقىسى مۇسابىقسى مەزگىلىدە ئېلىپ بېرىلغان نامايىشنىڭ يەنە يۈز بىرىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ قېتىملىق مۇسابىقىگە ناھايىتى زور مەبلەغ سالغانلىقىنى، ئەسلى، مائارىپ،داۋالاش قاتارلىق ساھەلەرگىمۇ شۇنداق مەبلەغ سېلىشى كېرەكلىكىنى، نامايىشچىلار بىلەن ھۆكەمەت ئوتتۇرىسىدا نۇرغۇن ئىختىلاپنىڭ بارلىقىنى ئېيىتقان...

9364154_980x1200_0.jpg
بىرازىلىيە گەرچە بۇندىن كېيىن دۇنيا لوڭقىسى ۋە ئولىمپىك 2 كاتتا تەنتەربىيە مەرىكىسىنىڭ ساھىپخانى بولسىمۇ، لېكىن ئاممىۋى ئەسلىھەلەر قورۇلىشىدە ناھايىتى ئارقىدا قالغان، بالىلار تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرىدىن بەھرىمان بولالمىغان، بىرازىلىيدە كوچىلاردا، قۇملۇق ساھىلىدا پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن توپ تىپىۋاتقان بالىلارنى دائىم ئۇچراتقىلى بولىدۇ.

9364155_980x1200_0.jpg
ئاھالىسى 17 مىليۇنغا يەتكەن رىئودې.ژانېرودا، كىشىلەر يازدا دېڭىز ساھلىغا بېرىپ سالقىندايدۇ، مىغ-مىغلىشىپ كەتكەن، كىشىلەر توپى بۇ ساھىلدا ئاجايىپ ھەيۋەت مەنزىرە شەكىللەندۈرگەن.

9364156_980x1200_0.jpg
مۇھىت، سۇ بۇلغىنىش مەسلىسىمۇ ھۆكۈمەتنىڭ بېشىنى ئاغرىتماقتا. بىرازىلىيە رىئو ئانتونىئو ئايرىپورتى يېنىدىكى گۇئانابا قولتۇقى سۇ رايۇنى، بىرازلىيەنىڭ ئولىمپىك يەلكەن كېمە مۇسابىقە رايۇنى بولۇپ، گەرچە ھۆكۈمەت بۇلغىنىش جەھەتتە ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، ئادەم ۋە سانائەت مەنبەسى بۇ يەرنىڭ مۇھىتىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتمەكتە، يەنەكېلىپ، رىئودې.ژانېرودىكى پاسكىنا سۇنىڭ %34 مۇشۇ سۇ رايۇنىغا قويۇپ بېرىلدىكەن.

9364158_980x1200_0.jpg
نامايىش - بىرازلىيكىلەرنىڭ نارازىلىقىدا ئاچچىقىنى چىقىرىۋېلىشتىكى دائىملىق ھەرىكىتى، بۇ ‹‹ تىزىملىك›› دە، داۋالاش، مائارىپ، مۇئاش،ئىجتىمائىي سۇغۇرتا،سەھىيە، ئامانلىق قاتارلىقلارنىڭ ھەرقاندىقى بار، نامايىش  ‹‹ قىززىپ››، كۈچ كۆرسىتىشكە ئايلىنىپ ،زوراۋانلىق يۈز بىرىشمۇ داۋاملىق بولۇپ تۇرىدىغان ئىش.

9364159_980x1200_0.jpg
بىر نامايىشچى ئاپتوماتىك پۇئالغۇنى چېقىپ، دۇنيا لوڭقىسى ئۆتكۈزۈشكە قارشى نامايىش قىلماقتا.

9364162_980x1200_0.jpg
2014- يىلى 2- ئايدا، رىئودې.ژانېرودا، نامايىشچىلار ئاممىۋى ئاپتۇبۇس بېلەت باھاسىنى ئۆستۈرگەنلىكىگە قارىتا نامايىش قىلماقتا،شۇ چاغدا، شەھەر باشلىقى ئېدىۋارد.پائېس بېلەت باھاسىنى 2.75 رىيالدىن 3 رىيالغا ئۆستۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

9364164_980x1200_0.jpg
نامرات ئاھالىلەر كەپە رايۇنى - رىئودې.ژانېرونىڭ يەنە بىر ئىسىم كارتىسى. بۇ رايۇندىكى ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشى ناھايىتى جاپالىق، بۇيەردە زوراۋانلىق، قوراللىق ئېتىشىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ تۇرىدۇ.

9364166_980x1200_0.jpg
مۇسابقە مەيدانى ئەتراپىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن، ساقچى تەرەپ رۇبېسادا.فولۇمىلېيس كەپە رايۇنىنى كونتىرول قىلدى .

9364167_980x1200_0.jpg
نامى مارى دەپ ئاتالغان بۇ كەپە رايۇنىنى ساقچى تەرەپ تېخى باشقۇرۇپ كونتىرول قىلمىدى، بۇ يەررىئودې.ژانېرو خەلقئارالىق ئايرىپورتى يېنىغا جايلاشقان بولۇپ، 16 مەھەللە، 130 مىڭ  ئاھالىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئىزچىل زەھەر ۋە زوراۋانلىقنىڭ ئىسكەنجىدە تۇرغان، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، ساقچى تەرەپ يېقىندا بۇ جاينىمۇ باشقۇرۇپ كونتىرول قىلماقچىكەن....

9364169_980x1200_0.jpg
2014- يىلى 3- ئايدا ، ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ئاخىرى بۇ رايۇنغا قارىتا تازىلاش ئېلىپ بارغان..... بۇ يەردىكى بالىلار بۇنداق شارائىتتا توپ تېپىشكە كۆنۈپ كەتكەن.

9364170_980x1200_0.jpg 9364171_980x1200_0.jpg
مەجبۇرى چقىش- بىرازىلىيە مۇسابقى مەزگىلىدە پۈتۈن دۇنياغا ، تەرەققى قىلغان، زامانىۋى شەھەرلىرىنى كۆرسىتپ، تىز تەرەققى قىلىۋاتقان بۇ دۆلەتنى قايتىدىن چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن، نۇرغۇن كەپلىك رايۇنلارنى ئۆزگەرتىش ئېلىپ باردى، لېكىن ، بۇ نۇرغۇن پۇقرلار بىلەن بولغان زىددىيەت، نامايىشلارنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.... گەرچە ئامما كۈچ كۆرسىتىپ نامايىش قىلغان بولسىمۇ، شۇكۈنى ،ساقچى تەرەپ 5000 دىن ئارتۇق ئاممىنى مەجبۇرى كۆچۈردى.

9364172_980x1200_0.jpg
جەمئىيەت تەرتىۋى قالايمىغان بولۇش، ناچار مۇھىت تازىلىقى -رىئودې.ژانېرودا دائىم كۆرۈلىدىغان ئەھۋال. نەچچە كۈن بۇرۇن، بىر دېڭىز ساھىلىدا ساقچىلار بىلەن نامايىشچلار توقۇنۇشۇپ قېلىپ، بىر ياش ھاياتىدىن ئايرىلغان.

9364362_980x1200_0.jpg
بىرازىلىيە زەھەر گورۇھلىرى دۇنياغا ‹‹ مەشھۇر››. ئۇلار ئاساسەن نامرات ئاھالىلەر كەپە رايۇنىغا يوشۇرۇنغان، شۇ ڭا ، ساقچىلار قەرەللىك بۇ جايلاردا تازىلاش ئېلىپ بارىدۇ.

9364174_980x1200_0.jpg
بىرازلىيە ساقچىلىرىنىڭ ‹‹ ساۋۇت-دوبۇلغا›› سى تەييار بولدى. بىر ساقچى ئۇنى كېيىپ سىنىماقتا. بۇ 10 كىلوگىرام ئېغىرلىقتىكى قوغدىنىش كېيىمى يۇقىرى چىدامچانلىق سۇلىياۋدىن ياسالغان بولۇپ، ئۆتكۈر تىغلىق ئەسۋاب ۋە پارتىلىتىشتىن ساقلىنىش ئۈنىمى ياخشى.

9364151_980x1200_0.jpg
رىئودې.ژانېرونىڭ سېمىۋولى دۇنيا لوڭقىسىغا كەڭ قۇچىقىنى ئاچقاندەك كۈتۈپ تۇرماقتا، دۇنيا مەستانىلىرى تەقەززالىق ئىچىدە كۈتۈۋاتقان بۇ پەيىتتە، بىرازلىيىكلەرنىڭ ھېسىياتى ناھايىتى مۇرەككەب. بەزى كىشىلەر بۇنىڭغا ئىشلەتكەن پۇلنى خەلق تۇرمۇشىغا ئىشلىتىشنى ھېلىھەم ئارزۇ قىلماقتا....

مەنبە : تېڭشۇن تورى.
ۋاقتى: 2014-5-7 19:11:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەلىقنىڭ ئاھۇ زارى تۇتۇپ كىتىدىغان بۇ دۆلەتنى..
ۋاقتى: 2014-5-7 19:19:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   -Arsenal- تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-7 19:24  

بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى ۋاقتىدا ئۆتكۈزەلمەيدىغان ئوخشايدۇ،مۇسابىقىگە بىر ئايدىن
جىقراق ۋاقىت قالغان  بولسىمۇ  نۇرغۇن  مەيدانلار تېخى پۈتمەپتۇدەك،بىرازىلىيە ھۆكۈمىتى  خەلىقنىڭ ئاھۇ
زارىغا قۇلاق سالماي ئۆزى بىلگەن سەنەمگە دەسسەۋەرسە ۋەزىيىتى تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ كېتىشى مۇمكىن،
بۇنداق  بولۇۋەرسە مۇسابىقە مەزگىلىدە باشقا دۆلەتتىكى  پۇتبولخۇمارلار خاتىرجەم بارالمايدۇ بىرازىلىيەگە.
ۋاقتى: 2014-5-7 19:29:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر تىما
ۋاقتى: 2014-5-7 19:55:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشتىلا ساھىبخانلىقنى بەرمەيدىغان ئىشكەنتۇق...باشتا خەلىقنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ ئاندىن بىر ئىلتىماس قىلسىچۇ ئۆتكۈزۈش شەرىپىنى.قوڭامدا ئىشتان يوق ئىتىم مارجانبۈ دىگەندەك ئىشنى قىپتۇ بىرازىليە...
ۋاقتى: 2014-5-7 21:22:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرازىلىيە دىگەن دۆلەتنىڭ ئۇيغۇر قەۋمىدىكى تۇنجى تونۇشى پۇتبۇلغا مۇناسىۋەتلىك بايان-ۋەقەلكلەردىن ئەمەس بەلكى كۆپچىلىكىمز كىچىكىمىزدە كۆرۈپ  چوڭ بولغان ‹دىدەك ئىزورا›فىلىمىدىن باشلانغان دەپ قارايمەن. ئۇ چاغلاردا ياسىن دەپ ئىسمى بارلارنىڭ لەقىمى ‹گارىڭگى ›ئىدى، ھازىرمۇ ئىسىمىزگە كەلگەندە پات-پات توۋلاپ قويمىز. شۇ يىللاردىكى سامبا جەڭچىلىرىنىڭ پۇتبۇل بىلەن باغلانغان كەچۈرمىشلىرى، قالدۇرغان تارىخلىرىنى شۇ دەۋىر پۇتبۇل شاھى پىلىدىن باشلاپ بىلىشكە ئىمكانىيەت كۆپ بولمىغان. (لىكىن ئارگىنتىنا ئۇنداق ئەمەس.  ئارگىنتىنا-مارادونا-پۇتبۇل، بۇلار بىر ئۇقۇم، بىر تەكشىلكتە بىزلەرگە مەلۇم بولغان). مانا بۇ پۇتبۇلچىلارنىڭ نەزىرىدىكى بىرازىلىيە.
لىكىن دۇنيا خەرىتىسىدىكى بىرازىلىيە بولسا ئۇچىغا چىققغان بۇزۇقچىلىق،مەينەتچىلىك،،،،،يەنە تالاي لىك لەرنىڭ ئۇۋىسى. ھەي پۇتبۇل ئۆز سىھرى-كۈچۈڭ بىلەن تالاي ياتباشلارنى ھەجەپ چىرايلىق كۆرسىتىسەندە كىشىگە...

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +100 يىغىش سەۋەبى
مىراس + 100 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2014-5-7 21:26:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇرغۇن بىلەت سېتىلىپ بولدى،مىنىڭچە چاتاق چىقماسمىكى،بىزنىڭغۇ يۇرىكىمىز مۇجۇلۇپ كەتتى،ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسى بار
ۋاقتى: 2014-5-7 21:31:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
4يىل ساقلىدۇق ،تىنىچ-خاتىرجەم  ئۆتكۇزىلىشىگە تىلەكداشمەن
ۋاقتى: 2014-5-7 23:42:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇسابىقىدە نۇرغۇن ئادەملەر جىنىدىن ئايرىلامدۇ نىمە مانداق قالايمىقان قىلسا لىكىن نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش بىلەن دۇنيا لۇڭقىسنى تاللا دىسە مەنمۇ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ پاراۋان تۇرمۇشنى تاللايتىم ،ئالغا سامبا مىللىتى پۇلغا دۇم چۇشكەن ئەمەلدارلارنى تويغۇزۇپ قوي
ۋاقتى: 2014-5-7 23:50:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tarimi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-7 23:52  

دۇنيا لوڭقىسى دىگەندەك چوڭ تۈردىكى تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرى ئۆتكۈزگۈچى دۆلەت ئىقتىسادى جەھەتتىن پايدا ئالالمايدۇ. ئۇ پەقەت يازما يازغاندا شۇنداق يېزىپ قويىدىغان شەكىل پاراڭ خالاس.

ئەمىلىيەت بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى توغرىسىدىمۇ  رومارىئو بۇ نۇقتا توغرىسىدا نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن.

پېلىدەك  بىكار يۈرۈيدىغان نام شۆھرەتكە بېرىلگەن كىشلەرگە بەلكى مۇسابىقە بولسىلا بولىشى مۇمكىن.

خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى قايسى دۆلەت ئۆتكۈزسۇن، بىرسىگە بىرىدۇ.
لىكىن تىلۋىزىيە تارقىتىش كىرىمى دىگەنلەرنى  خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئالىدۇ. بىلەتنىمۇ  دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگەن دۆلەت ساتمايدۇ. خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ساتىدۇ .
بۇلاردىن پەقەت مانچە ئۈلۈشىنىلا ئايرىپ بېرىدۇ.

بىرازىلىيەدىكى 12 مەيداننى رىمونىت قىلىشقا كەتكەن پۇل بىلەن بىلەت كىرىمى ۋە  ساياھەت كىرىمىنى ھېسابلاپ كەلسە  چىقىم ئېشىپ كېتىدۇ.
بۇنچىلىك ھېساباتنى قىلىشنى بىر دۆلەتتىكى كىشلەر بىلمىسە ،بىكاردىن   نارازىلىق بىلدۈرۈپ  نامايىش قىلمايدۇ.
خۇددى 2008 ئولىمپىك ۋاقتى جۇڭگودا باھا ئۆسۈپ كىتىپ ، بىراقلا ئۆي باھاسىدىن تارتىپ ئۆسۈپ  پۇقرالارغا زىيان بولغاندەك، بىرازىلىيەدىمۇ  يەنىلا شۇنداق ئەھۋال.

ئولىمپىك ئۆتكۈزگەنگە خەلققە مائاش قوتۇپ بەرمىدى، مائاشىڭىز  يەنىلا  3000 سوم لىكىن ئۆي باھاسى ئىلگىرىكىدىن نەچچە ھەسسە ئۆسۈپ بولدى. بۇ چوڭ تىپتىكى تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىنىڭ بىر دۆلەت ئىقتىسادىغا ئېلىپ كەلگەن يامان سۈپەتلىك تەسىرى.


دۇنيا لوڭقىسىدىن  كىيىن بىرازىلىيەدە  ھازىرلا  ئۆسۈپ كەتكەن باھالار قايتىدىن ئەسلىگە كەلمەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ئاي ئالدىدىكى  3000 رىئال مائاش ئالىدىغان بىرازىلىيەلىك نورمال تۇرمۇش كەچۈرەلىگەن بولسا  دۇنيا لوڭقىسى مەزگىلى ۋە  دۇنيا لوڭقىسىدىن كېيىن مائاشى  تۇرمۇش ئىستىمالىغا  يىتىشمەيدىغان ئىش كېلىپ چىقىدۇ.



ۋاقتى: 2014-5-8 01:53:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ما قالايمىقانچىلىقتا مۇسابىقە ئۆتكەزگىلى بولامۇ
ۋاقتى: 2014-5-8 02:13:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرازىلىيەنىڭ دۇنيا پۇتبۇل مۇسابىقىسىنى تىنىچ ئۆتكۈزىشىمۇ تەس ئوخشىمامدۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|رەسىمسىز نۇسخا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

GMT+8, 2014-8-2 17:16 , Processed in 0.100520 second(s), 24 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش