akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 593|ئىنكاس: 21

پۇتبول رىپىرلىقى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئايرىم مۇنبەرداشلارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ۋە مۇنبىرىمىزدە رىپىرلىققا ئائىت مەزمۇنلارنىڭ يوقلۇقىنى كۆزدە تۇتۇپ، مۇنبىرىمىزنى تېخىمۇ بېيىتىش مەقسىتىدە ئۇشبۇ تېمىنى يېزىم چىقتىم. پايدىلانغايسىلەر!





     رىپىرنىڭ ھوقۇقى
     ھەر بىر مەيدان مۇسابىقىنى بىر نەپەر رىپىر كونترول قىلىدۇ، ئۇ مۇسابىقىگە ئالاقىدار قائىدىلەرنى تولۇق ھوقۇقلۇق ھالدا ئىجرا قىلىدۇ.

    رىپىرنىڭ ھوقۇق چېكى ۋە مەجبۇرىيىتى
     مۇسابىقە قائىدىسىنى ئىجرا قىلىش؛
     ياردەمچى رىپىر ۋە 4-رىپىرلار بىلەن بىرلىكتە مۇسابىقىنى كونترول قىلىش؛
     مۇسابىقە توپىنىڭ قائىدىنىڭ 2-بابىدىكى تەلەپكە ئۇيغۇن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش؛
     ئەزارلار جابدۇقلىرىنىڭ قائىدىنىڭ 4-بابىدىكى تەلەپكە ئۇيغۇن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش؛
     مۇسابىقە ۋاقتى ۋە نەتىجىسىنى خاتىرىلەش؛
     قائىدىگە خىلاپلىق قىلىش سەۋەبىدىن، مۇسابىقىنى توختىتىش، كېچىكتۈرۈش ياكى ئاخىرلاشتۇرۇش؛
     تاشقى ئامىلنىڭ تەسىرى سەۋەبىدىن، مۇسابىقىنى توختىتىش، كېچىكتۈرۈش ياكى ئاخىرلاشتۇرۇش؛
     ئەگەر ئەزالار ئېغىر يارىلانغان بولسا، مۇسابىقىنى توختىتىپ تۇرۇش، ھەمدە مەيدان سىرتىغا يۆتكەش؛
     ئەگەر ئەزالار يىنىك يارىلانغان بولسا، مۇسابىقىنى تاكى توپ توختىغىچە داۋاملاشتۇرۇش؛
     ئەزالار يارىلىنىپ قان چىققان بولسا، مەيداندىن ئايرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش. مەزكۇر ئەزا مەيدان سىرتىدا داۋالىنىپ قان توختىغان بولسا، رىپىرنىڭ ئىجازىتىدىن كىيىن مەيدانغا قايتىپ كىرىش؛
     بىر كوماندا قارشى تەرەپنىڭ قائىدىگە خىلاپلىق قىلىشىغا ئۇچرىسا، ئەگەر ئەھۋال شۇ كوماندىغا پايدىلىق بولسا، مۇسابىقىنىڭ داۋاملىق ئېلىپ بېرىلىشىغا يول قويۇش. ئەگەر پايدىلىق بولمىسا ھۆكۈم قىلىش؛
     ئەگەر يۇقىرىدىكىدەك ۋاقىتتا، قائىدىگە خىلاپ ھەرىكەت بىر ئاز ئېغىر بولسا، شۇ ھامان مۇسابىقىنى توختىتىپ تۇرۇپ جازا بەرمەي، توپ توختىغاندا ئاندىن جازا بېرىش؛
     ئۆز ھەرىكىتىگە مەسئۇل بولمايدىغان كوماندىنىڭ مەسئۇلىنى جازالاش، ھەمدە مەيداندىن چىقىرىۋېتىش؛
     ئۆزى بايقىيالمىغان ئەھۋاللارنى ياردەمچى رىپىرنىڭ پىكرىگە ئاساسەن ھۆكۈم چىقىرىش؛
     تەستىقلانمىغان كىشىلەرنىڭ مۇسابىقە مەيدانىغا كىرمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش؛
     مۇسابىقە توختىتىپ تۇرۇلغاندىن كىيىن، قايتىدىن باشلاش؛
     مۇسابىقىدىن بۇرۇنقى، كىيىنكى ۋە مۇسابىقە جەريانىدىكى ئەزارلار ياكى كوماندا مەسئۇللىرىغا چىقارغان جازا ھۆكۈمنى ۋە باشقا ئەھۋاللارنى، مۇسابىقە دوكلاتى شەكلىدە مۇناسىۋەتلىك تارماققا تاپشۇرۇش.


رىپىرنىڭ قارارى
     1. رىپىرلار مۇسابىقە ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن چىقارغان قارارىنىڭ ھەممىسى كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
     2. پەقەت مۇسابىقە قايتا باشلىنىشتىن بۇرۇن، رىپىر ئۆزىنىڭ ھۆكۈمى ياكى ياردەمچى رىپىرنىڭ پىكرىگە ئاساسەن، توغرا بولمىغان قارارىنى ئۆزگەرتسە بولىدۇ.



رىپىرلىقنى ئىلتىماس قىلىش ۋە تەكشۈرۈپ تەستىقلاش
     دۆلىتىمىزدە پۇتبول رىپىرلىرى دۆلەت دەرىجىلىك، بىرىنچى دەرىجىلىك، ئىككىنچى دەرىجىلىك ۋە ئۈچىنچى دەرىجىلىك دەپ 4 دەرىجىگە بۆلۈنىدۇ.

     دۆلەتلىك ئۈچىنچى، ئىككىنچى دەرىجىلىك رىپىرلىقنى ئىلتىماس قىلىش ۋە تەكشۈرۈپ تەستىقلاش
     ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى دەرىجىلىك پۇتبول رىپىرلىرىنى تەربىيىلەشتە جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى تۈزىگەن «ئىككىنچى، ئۈچىنچى دەرىجىلىك پۇتبول رىپىرلىرىنى تەربىيىلەش ئوقۇتۇش پروگراممىسى» بىر تۇتاش ئىجرا قىلىنىدۇ. ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى دەرىجىلىك پۇتبول رىپىرلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسىنىڭ لىكتورلىقىنى چوقۇم ئەزا جەمئىيەت شۇ يىلى تەستىقلىغان  رىپىرلار لېكتورى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئەزا جەمئىيەتلەر قاراشلىق رايوندىكى ئىككىنچى، ئۈچىنچى دەرىجىلىك پۇتبول رىپىرلىرىنى تەربىيىلەشنى باشقۇرۇشتا، بىرىنچى دەرىجىلىك پۇتبول رىپىرلىرىنى تەربىيىلەشنى باشقۇرۇش چارىسىغا ئاساسەن ئىجرا قىلسا بولىدۇ.
  
     دۆلەتلىك بىرىنچى دەرىجىلىك رىپىرلىقنى ئىلتىماس قىلىش ۋە تەكشۈرۈپ تەستىقلاش
    1. دۆلەتلىك تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ رىپىرلارنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ھوقۇق چېكىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، بىرىنچى دەرىجىلىك رىپىرنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش سالاھىيىتىگە ئىگە ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ ئەزا جەمئىيەتلىرى بىرىنچى دەرىجىلىك پۇتبول رىپىرلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسى ئۇيۇشتۇرىدۇ. ئۇيۇشتۇرغۇچى جەمئىيەت چوقۇم تەربىيىلەش كۇرسى تەشكىلىي كومىتېتى ۋە ئىمتىھان كومىتېتى قۇرۇشى، ھەمدە ئىككى ئاي بۇرۇن «بىرىنچى دەرىجىلىك پۇتبول رىپىرلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسى ئېچىش ئىلتىماسنامىسى»نى جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى رىپىرلار ئىشخانىسىغا يوللىشى كېرەك. جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى رىپىرلار ئىشخانىسى تەكشۈرۈپ تەستىق جاۋاب قايتۇرغاندىن كىيىن، كۇرس ئاچسا بولىدۇ.
     2. بىرىنچى دەرىجىلىك پۇتبول رىپىرلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسىنىڭ لېكتورلىقىنى چوقۇم جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى شۇ يىلى تەستىقلىغان جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى رىپىرلار لېكتورى ئۈستىگە ئالىدۇ، جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى تۈزىگەن «بىرىنچى دەرىجىلىك پۇتبول رىپىرلىرىنى تەربىيىلەش ئوقۇتۇش پروگراممىسى» بىر تۇتاش ئىجرا قىلىنىدۇ. ھەر قارارلىق كۇرسانتلارنىڭ سانى 16-25 ئادەمگىچە، لېكتورلارنىڭ سانى 2 نەپەر بولىدۇ. ئەگەر يەرلىك كۇرسانتلارنىڭ سانى بەك ئاز بولسا، مەسئۇل جەمئىيەت باشقا جەمئىيەتلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، باشقا جەمئىيەت ئورۇنلاشتۇرغان كۇرسقا قاتنىشىشقا ھاۋالە قىلسا بولىدۇ. لاياقەتلىك بولغانلار تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ھوقۇقىغا ئىگە يەرلىك تەنتەربىيە مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىغا يوللىنىدۇ.
     3. بىرىنچى دەرىجىلىك پۇتبول رىپىرلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسىنى ئۇيۇشتۇرغان جەمئىيەت، كۇرس ئاخىرلىشىپ 2 ھەپتە ئىچىدە، «بىرىنچى دەرىجىلىك پۇتبول رىپىرلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسىنىڭ مالىيە كىرىم-چىقىم ئەھۋالىدىن دوكلات»نى جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى رىپىرلار ئىشخانىسىغا يوللاپ ئەنگە ئالدۇرىدۇ.
     4. بىرىنچى دەرىجىلىك پۇتبول رىپىرلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسىنىڭ كۇرسانتلىرى نەزەرىيە ئىمتاھانى ۋە بەدەن قۇۋۋىتى سىنىقىدىن ئۆتكەندىن كىيىن، ئۇيۇشتۇرغۇچى جەمئىيەت بىر يىل ئىچىدە ھەر بىر كۇرسانتلارنى ئاز دىگەندەئايرىم-ئايرىم ھالدا 3 قېتىمدىن ئۆلكە دەرىجىلىك 15 ياشلىقلار ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشلىقلار مۇسابىقىسىگە رىپىرلىق، ياردەمچى رىپىرلىق قىلىش خىزمىتىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئەمەلىيەت سىنىقى قىلىش كېرەك. بۇ خىزمەتنى بىر قەدەر ياخشى ئورۇنلىيالىغانلار ئاخىرىدا لاياقەتلىك كۇرسانتلار بولىدۇ. ئۇيۇشتۇرغۇچى جەمئىيەت ھەر بىر لاياقەتلىك كۇرسانتلارنىڭ «رىپىرلىقنى تىزىملاشقا ئىلتىماس قىلىش جەدىۋىلى»نىڭ ئۈستىگە پىكرىنى يېزىپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلىغۇچى تارماقنىڭ تەستىقلىشىغا يوللايدۇ. تەكشۈرۈپ تەستىقلىغۇچى تارماق تەستىقلىغاندىن كىيىن، ئۇيۇشتۇرغۇچى جەمئىيەت «بىرىنچى دەرىجىلىك پۇتبول رىپىرلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسىدىكى لاياقەتلىك كۇرسانتلارنىڭ ئىسىملىگى»نى جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى رىپىرلار ئىشخانىسىغا يوللاپ ئەنگە ئالدۇرىدۇ.

     دۆلەت دەرىجىلىك رىپىرلىقنى ئىلتىماس قىلىش ۋە تەكشۈرۈپ تەستىقلاش
     1. ئىلتىماس قىلىش
     1) ئىلتىماس قىلىش سالاھىيىتى
     (1) ئىلتىماس قىلغۇچى چوقۇم جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزا جەمئىيىتىگە ياكى دۆلەتلىك تەنتەربىيە باش ئىدارىسى قارىمىقىدىكى تەنتەربىيە مەكتەپلىرىگە ۋە ياكى دۆلەتلىك بىرىنچى دەرىجىلىك سالاھىيىتىنى تەستىقلىغان باشقا ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلۇق پۇتبولچىلار جەمئىيىتى ۋە كەسپى تەنتەربىيە جەمئىيىتىگە تەۋە بولغان بولۇشى كېرەك.
     (2) رىپىر، ياردەمچى رىپىرلار تەۋە بولغان جەمئىيەت ياكى ئورۇن ئىلتىماس قىلىش رەسمىيىتىنى بىر تۇتاش بىجىرىدۇ. بىر رىپىر ئوخشاش بىر ۋاقىتتا ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق پۇتبولچىلار جەمئىيىتى ئارقىلىق ئىلتىماس قىلسا بولمايدۇ.
     2) ئىلتىماس قىلىش ۋاقتى
    (1) 2000-يىلىدىن باشلاپ، ھەر 3 يىلدا بىر قېتىم ئىلتىماس قىلىنىدۇ. مەسىلەن: 2000-يىلى، 2003-يىلى، 2006-يىلى..........؛
     (2) ھەر ئىلتىماس قىلىش يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن بۇرۇن، ئىلتىماس قىلىش ماتىرىيالى ئوخشاش نۇسخىدا ئىككى پارچە قىلىپ، جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى رىپىرلار ئىشخانىسىغا ئەۋەتىلىدۇ.
     3) ئىلتىماس قىلىش جەدىۋىلى
     (1) جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى جەدىۋەلنى بىر تۇتاش تۈزىدۇ.
     (2) ئىلتىماس قىلغۇچى ئورۇننىڭ تامغىسى بېسىلىدۇ، ھەمدە تەۋەلىكىدىكى رىپىرلار كومىتىتېنىڭ مەسئۇلى ئىمزا قويغاندىن كىيىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ (رىپىرلار كومىتېتى بولمىسا مەسئۇل ئورۇننىڭ مەسئۇلى ئىمزا قويىدۇ).
     (3) كىملىك ۋە رىپىرلىق كىنىشكىسىنىڭ كۆپەيتىلمىسى بىللە ئەۋەتىلىدۇ.
     (4) ئىلتىماس قىلغۇچى ئورۇن جەدىۋەلنى ئەستايىدىل توشقۇزۇشى كېرەك.
     4) ئىلتىماس قىلش شەرتلىرى
    (1) ئىدىيە ئىستىلى دۇرۇس، پۇتبول رىپىرلىق ئىشلىرىنى سۆيىدىغان، مەسئۇلىيەتچانلىقى كۈچلۈك بولۇش؛
     (2) دۆلەت بىرىنچى دەرىجىلىكتىن دۆلەت دەرىجىلىككە ئىلتىماس قىلىدىغانلار (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «بىرىنچى دەرىجىلىك ئىلتىماس قىلغۇچى» دېيىلىدۇ)نىڭ يېشى 35تىن تۆۋەن بولۇشى، بۇنىڭ ئىچىدە 30 ياشتىن تۆۋەنلەر تۇنجى نۆۋەت ئىلتىماس قىلغانلار سانىنىڭ %50 دىن يۇقىرى بولۇشى كېرەك.
     (3) ئىلگىرى دۆلەت دەرىجىلىك بولغانلار ئىلتىماس قىلىش يىلىدىن 1 يىل بۇرۇن ئىلتىماس قىلمىغان ياكى تەسلىقلانمىغان دۆلەت دەرىجىلىكلەر (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇدا ئىلتىماس قىلغۇچى» دېيىلىدۇ)، ئەرلەرنىڭ يېشى 45تىن، ئاياللارنىڭ يېشى 40 تىن تۆۋەن بولۇشى كېرەك.
     (4) ئالاھىدە ئەھۋاللارغا قارىتا، ئېھتىياجغا ئاساسەن ياش چەكلىمىسىنى يۇقىرلىتىشقا بولىدۇ.
     (5) بىرىنچى دەرىجىلىك ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ چوقۇم 3 يىلدىن يۇقىرى دۆلەت بىرىنچى دەرىجىلىك رىپىرلىق تارىخى بولۇشى، ھەمدە ئالدىنقى يىلدا مەزكۇر جەمئىيەت ياكى رايونلۇق كومىتېت ئورۇنلاشتۇرغان مۇسابىقىدە، رىپىرلىق قىلغان مۇسابىقىسى 10 مەيداندىن، ياردەمچى رىپىرلىق قىلغان مۇسابىقىسى 15 مەيداندىن كام بولماسلىقى كېرەك.
     (6) تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولۇشى، ھەمدە بەلگىلىك ئىنگىلىزتىلى ئاساسى بولۇشى كېرەك.
     (7) جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى رىپىرلار كومىتېتى ئېلان قىلغان بەدەن قۇۋۋىتىنى سىناش ئۆلچىمىگە يەتكەن بولۇشى كېرەك.
     (8) تىببى تارماقلار چىقارغان سالامەتلىك ئىسپاتى بولۇشى كېرەك.
     2. تەكشۈرۈپ تەستىقلاش
     1) تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئاپپاراتى
     جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغاندىن كىيىن، دۆلەتلىك تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىغا يوللايدۇ.
     2) تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تەرتىپى
     ئىلتىماس قىلغۇچى جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى رىپىرلار كومىتېتى دەرىجە بويىچە ئايرىپ تەشكىللىگەن رىپىرلىق كۇرسىغا قاتنىشىشى، ھەمدە تەكشۈرۈپ سىناشتىن ئۆتۈشى كېرەك.
     (1) بىرىنچى دەرىجىلىك ئىلتىماس قىلغۇچى ۋە ئىلگىرى ئىلتىماس قىلغۇچىلار تۆۋەن دەرىجىلىك كۇرسقا قاتنىشىشى كېرەك.
     (2) مەملىكەتلىك a دەرىجىلىك بىرلەشمىنىڭ رىپىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغانلار يۇقىرى دەرىجىلىك كۇرسقا قاتنىشىشى كېرەك.
     (3) يۇقىرىدا دىيىلگەن ئىككى خىل كۇرسقا قاتناشمايدىغانلار ئوتتۇرا دەرىجىلىك كۇرسقا قاتنىشىشى كېرەك.
     (4) ئايال ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئاياللارنىڭ كۇرسىغا قاتنىشىشى كېرەك.
     (5) تەربىيىلەش كۇرسىنىڭ سىناپ تەكشۈرۈش مەزمۇنى نەزەرىيە، بەدەن قۇۋۋىتى ۋە ئېنگىلىزتىلى ئاساسىدىن ئىبارەت.
     (6) ئىلتىماس قىلغۇچى جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى رىپىرلار كومىتېتى تەشكىللىگەن ئەمەلىيەت ئىمتاھانىسىغا قاتنىشىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، بىرىنچى دەرىجىلىك ئىلتىماس قىلغۇچى ۋەئىلگىرى ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ ئەمەلىيەت ئىمتاھانىسى ئىلتىماس قىلىش يىلىدىكى مۇسابىقىلەردە ئېلىپ بېرىلىدۇ. باشقا ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ ئەمەلىيەت ئىمتاھانىسى ھەر يىلى ھەر دەرىجىلىك مۇسابىقىلەردە ئېلىپ بېرىلىدۇ.
     (7) نەزەرىيە، بەدەن قۇۋۋىتى، ئېنگىلىزتىلى ۋە ئەمەلىيەت ئىمتاھانلىرىدىن ئۆتكەنلەر، دۆلەت دەرىجىلىك رىپىر دەپ تەستىقلىنىدۇ.
      3) تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ۋاقتى
     ھەر ئىلتىماس قىلىش يىلىنىڭ ئىككىنچى يىلى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش يىلى بولىدۇ.
     دۆلەت دەرىجىلىك رىپىرلىقنىڭ تەستىقلانغاندىن كىيىنكى كۈچكە ئىگە مۇددىتى:
     (1) بىرىنچى دەرىجىلىك ئىلتىماس قىلغۇچى ۋە ئىلگىرى ئىلتىماس قىلغۇچىلار، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش يىلىنىڭ ئىككىنچى يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، كېلەركى ئىلتىماس قىلىش يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە.
     (2) ئۇدا ئىلتىماس قىلغۇچى، ئىلتىماس قىلىش يىلىنىڭ ئىككىنچى يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، كېلەركى ئىلتىماس قىلىش يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە.
     (3) كۈچكە ئىگە مۇددەت ئىچىدە تۈرلۈك سىناقتىن ئۆتەلمىگەنلەر ياكى قائىدە-تۈزۈمگە خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ، ئالاقىدار بەلگىلىمىگە ئاساسەن رىپىرلىق خىزمىتى توختىتىلىدۇ، ياكى كېلەركى بىر قېتىملىق ئىلتىماس قىلىش سالاھىيىتى بېكار قىلىنىدۇ، ۋە ياكى كۈچكە ئىگە مۇددىتى مۇددەتتىن بۇرۇن ئاخىرلىشىدۇ.
     (4) كۈچكە ئىگە مۇددەت ئىچىدە يېشى بەلگىلەنگەن ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتسە، ھەمدە ئالاھىدە ئەھۋاللار بولمىسا، كۈچكە ئىگە مۇددىتى تەبئىي ئاخىرلىشىدۇ.

     جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى ۋە a دەرىجىلىك بىرلەشمە مۇسابىقىنىڭ رىپىرلىرىنى تاللاش
     رىپىرلار تىزىمغا ئالدۇرىدۇ
    1) جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى ۋە a دەرىجىلىك بىرلەشمە مۇسابىقە رىپىرلىرىنى تىزىمغا ئالدۇرۇش خىزمىتىدە جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى رىپىرلار كومىتېتى تىزىملىتىش ئۇقتۇرۇشى چىقىرىدۇ. ئەزا جەمئىيەتلەر تىزىملىتىش ئۇقتۇرۇشىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان رىپىرلارغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ. ئۆز ئىختىيارلىقى بويىچە تىزىملىتىش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
   2) تىزىملىتىش شەرتلىرى
     (1) سىياسىي، ئىدىيىۋى ئىپادىسى ياخشى، پۇتبول ئىشلىرىنى ۋە رىپىرلىق خىزمىتىنى سۆيىدىغان، ياخشى بولغان رىپىرلىق كەسپى ئەخلاقى ۋە كەسپى ساپاسىغا ئىگە، دۆلەتنىڭ قانۇن-نىزاملىرى ۋە جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ تۈرلۈك باشقۇرۇش بەلگىلىمىلىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىدىغان بولۇش.
     (2) پۇتبول مۇسابىقىسى خىزمىتىگە پىششىق، «پۇتبول مۇسابىقە قائىدىلىرى» ۋە رىپىرلىق ئۇسۇلىنى تولۇق ئىگىلىگەن، بىر قەدەر يۇقىرى بولغان رىپىرلىق قىلىش سەۋىيىسى ۋە قابىلىيىتى بولۇشى، جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى ۋە a دەرىجىلىك بىرلەشمە مۇسابىقىنىڭ رىپىرلىق خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىن چىقالايدىغان بولۇشى كېرەك.
     (3) مەخسۇس كۇرستىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، بەلگىلىك ئىنگىلىزتىلى سەۋىيەسى بولۇشى كېرەك.
     (4) سالامەتلىكى ياخشى، بەدەن قۇۋۋىتى سىنىقىدىن لاياقەتلىك بولغان بولۇشى كېرەك.
     (5) تىزىملاتقان رىپىرلار چوقۇم جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى ئەنگە ئالغان دۆلەت دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رىپىر بولۇشى كېرەك.
     (6) تىزىملاتقان رىپىرلار پىرىنسىپ جەھەتتە 25-45 ياش ئارىلىقىدا بولۇشى كېرەك.

     3) رىپىر، ياردەمچى رىپىرلارنىڭ بەدەن قۇۋۋىتىنى سىناش ئۇسۇلى
     سىناش نىشانى: ئالاھىدە بېكىتىلگەن ئارىلىق ئىچىدە، تەكرار يۈگۈرۈش جەريانىدىكى ئوتتۇرىچە يۈگۈرۈش سۈرئىتى.
     سىناش ئۇسۇلى: 6 گۇرۇپپا، 40 مىتىر ئارىلىقتا تىز يۈگۈرۈش. ھەر گۇرۇپپىدا كۈچەپ يۈگۈرۈپ بولغاندىن كىيىن، باشلىنىش نۇقتىسىغا قايتىپ كېلىش ۋاقتى 1 مىنۇت 30 سىكۇنىت.
     ۋاقىت تەلىپى: 1. خەلقئارا دەرىجىلىك باش رىپىر 6.2 سىكۇنتتىن، ياردەمچى رىپىر 6 سىكۇنتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.
                        2. دۆلەت دەرىجىلىك رىپىر 6.4 سىكۇنتتىن، ياردەمچى رىپىر 6.2 سىكۇنتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.
     ئەسكەرىتمە: مۇسابىقىنىڭ بىردەكلىكىنى ساقلاش ئۈچۈن، بۇ سىناق يىنىك-ئاتلىتكا مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ.
                      ئەگەر رىپىرلار سىناق جەريانىدا يىقىلىپ كەتسە ياكى خاتالىق سادىر قىلسا، بىر قېتىم تولۇقلىسا بولىدۇ.
                      ئەگەر رىپىرلار 6 قېتىملىق سىناق جەريانىدا 1 قېتىم مەغلۇب بولسا، پەقەت 1 قېتىملا تولۇقلاش پۇرسىتى بولىدۇ. ئەگەر 2 قېتىم مەغلۇب بولسا، سىناقتا لاياقەتسىز بولغان بولىدۇ.
                     سىناق جەريانىدا مىخلىق يۈگۈرۈش ئايىقى كىيىشكە بولمايدۇ.

ۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى رىپىرلار كومىتېتى ھەر يىلى دۆلەت دەرىجىلىك رىپىرلارنى خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ئىمتاھانىسىغا قاتنىشىشقا تونۇشتۇرىدۇ. ئىمتاھاندىن ئۆتكەندىن كىيىن، خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى خەلقئارا دەرىجىلىك رىپىر دەپ بېكىتىدۇ. نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدە خەلقئارا دەرىجىلىك رىپىرلاردىن 15ى بار، بۇنىڭ ئىچىدە، 7سى باش رىپىر، 8ى ياردەمچى رىپىر (يان رىپىر). مەملىكەتلىك a دەرىجىلىك بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ رىپىرلىرى چوقۇم دۆلەت دەرىجىلىك رىپىر بولۇشى كېرەك. ھەر پەسىللىك مۇسابىقە باشلىنىشتىن بۇرۇن، جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى رىپىرلار كومىتېتى يەرلىك ياكى كەسپى پۇتبولچىلار جەمئىيىتى كۆرسەتكەن رىپىرلار نامزاتىغا ئاساسەن، تەشكىللەپ كۇرس ئېچىپ، ئىمتاھاندىن لاياقەتلىك بولغاندىن كىيىن، شۇ پەسىللىك رىپىرلار ئىسىملىكىگە كىرگۈزىدۇ.
     ھەر ئايلانما مۇسابىقە باشلىنىشتىن بۇرۇن، جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى رىپىرلار ئىشخانىسى ھەر بىر مەيدان مۇسابىقىدىكى رىپىرلارنى يەنى: بىر نەپەر باش رىپىر، ئىككى نەپەر ياردەمچى رىپىر، بىر نەپەر 4-رىپىر (مەيدان سىرتىدىكى رىپىر)لارنى بېكىتىدۇ. پىرىنسىپ جەھەتتە، بىر رىپىر ئوخشاش بىر كوماندىنىڭ ئۇدا ئىككى مەيدان مۇسابىقىسىگە رىپىرلىق قىلسا بولمايدۇ، ھەم ئوخشاش بىر شەھەردە ئۇدا رىپىرلىق قىلسا بولمايدۇ.
     رىپىرلارنىڭ ھەر قايسى مۇسابىقە رايونلىرىغا بېرىپ رىپىرلىق قىلىش جەريانىدىكى كاماندروپكا خىراجىتىنى جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى ئۈستىگە ئالىدۇ. رىپىرلارنىڭ ھەر بىر مەيدان a دەرىجىلىك بىرلەشمە مۇسابىقىگە رىپىرلىق قىلىش ھەققى 1000يۈەن،  b دەرىجىلىكنىڭ 800 يۈەن. دۇنيا لوڭقىسىدىكى رىپىرلارنىڭ ھەر مەيداندىكى رىپىرلىق قىلىش ھەققى 500 ئامېرىكا دوللىرى.[/size


دۇنيادا ھازىرغا كەلگىچە بىردىنبىر تارقىتىلغان رىپىرنىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن تەڭگە (1990-يىلى)

1986-يىلى تارقىتىلغان رىپىرنىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن پوچتا ماركىسى

مەنبە: بەيدۇ تورى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تور بېكەتلەر
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-7 13:41:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە بارىكاللا  خلى كوپ بىلىمگە ئىگە بوپ قالدىم
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-7 13:41:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
turgunjan يوللىغان ۋاقتى  2014-5-7 13:41
ئەجرىڭىزگە بارىكاللا  خلى كوپ بىلىمگە ئىگە بوپ قالدىم [ ...

رەھمەت
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-7 13:58:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-7 14:00:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىپسىز.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-7 14:38:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت ئىنتايىن مەزمۇنلۇق مۇل بىلىم گە تۇلغان تېما ،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-7 14:42:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۇپ ۋاقىتلادا مۇسابىقىنىڭ نەتېجىسنى يەنە شۇ  رىپىر بەلگىلەيدۇ ،مەيداندىكى مۇھىم ئامالنىڭ بىرسى دەل رىپىر بۇ تېمىدا بەك ياخشى چۇشەندۇرۇپتۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-7 14:55:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رېپىرلىق ھەققى ئازمۇ قانداق؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-7 15:01:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-7 15:06:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەرۋەر يوللىغان ۋاقتى  2014-5-7 15:01
مەخسۇس مۇشۇ رىپىرلارنى تونۇشتىرىدىغان فىلىمدىن بىرنى  ...

مەنمۇ كۆرگەنتىم بىر بىرسى بىلەن توختىماي گەپلىشىپ چىقىدىكەن ! شۇڭا باش رىپىر كۆرمەي تۇرۇپمۇ پۈشتەك چالىۋىرىدىكەن !  ئەڭ جىق دەيدىغان گىپى جەزىم قىلالامسەن دەپ سورايدىكەن !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-7 15:07:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرلەشمىلەنىڭ سەۋيىسىگە قاراپ رىپىرلانىڭ ئالدىغان پۇلىمۇ ئۆزگىرىپ ماڭا !  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-7 16:03:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل تېما
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 09:34

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش