akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 320|ئىنكاس: 6

3-نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
1938-يىلى فىرانسىيە
چىمپىيون: ئىتالىيە                                مەرگەن: لىئاننىداس (بىرازىلىيە، 8 توپ)
      1938-يىلى، خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسى رەئىس رېمىتنىڭ تۆھپىسىنى تەقدىرلەش ئۈچۈن، دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنى ئۇنىڭ دۆلىتى فىرانسىيەدە ئۆتكۈزگەن، بۇ، ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا ھەر قانداق ئامال بىلەن ئېرىشىشنى ئويلىغان ئارگىنتىنانىڭ غەزىپىنى كەلتۈرگەن بۇلۇپ، ئۇلار ئۇرۇگۋاي قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بىللە مۇسابىقىدىن چىكىنىپ چىققان. پەقەت بىرازىلىيىلا جەنۇبى ئامرىكىغا ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە قاتناشقان. ئۇرۇشنىڭ قارا بۇلۇتى پۈتۈن ياۋروپانى قاپلىغان بۇلۇپ، ئاۋىستىرىيەنى گىرمانىيە يۇتۇۋالغان، ئىسپانىيەدە ئىچكى ئۇرۇش پارتىلاپ قىيىنچىلىقتا قالغان، ئەنگىلىيە بولسا يەنە داۋاملىق مۇسابىقىگە قاتناشمىغان بۇلۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا 15 دۆلەت مۇسابىقىگە قاتناشقان، 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئىلگىرىكى ئەڭ ئاخىرىقى بىر قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى، ئەنە شۇنداق ئەنسىزلىك ئىچىدە باشلانغان.
ئۇلار كىم؟ بىرازىلىيىلىكلەر!
      ئەنئەنىۋى ئىككى كۈچلۈك كوماندا ئۇرۇگۋاي بىلەن ئارگىنتىنا مۇسابىقىدىن چىكىنىپ چىققاندىن كىيىن، جەنۇبى ئامرىكىدىن كەلگەن يېڭى بىر كۈچ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارىتتى، بىرازىلىيىلىكلەر، پۇتبول ساھەسىدە باش كۆتۈرۈشكە باشلىدى. ئالدىنقى ئىككى نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە، بىرازىلىيە كوماندىسىنىڭ نەتىجىسى ئىنتايىن ناچار بۇلۇپ، 1930-يىلى گۇرۇپپىدىن چىقالمىغان، 1938-يىلى بولسا ئىككىنچى باسقۇچقا كىرەلمىگەن، لىكىن بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە، ئۇلار پۇتبول ساھەسىنى ھاڭ-تاڭ قالدۇردى. تۇنجى مەيدان پولشا بىلەن ئوينىغان مۇسابىقىدە، بىرازىلىيە 5:6 ئۇتتى، مەرگەن لىئاننىداس 4 يوپ ئۇردى، ئارقىدىن ئۇلار يەنە ئالدىنقى نۆۋەتتە 2- بولغان چېخىسلوۋاكىيە بىلەن تەكرار مۇسابىقە ئويناپ ئۇلارنى شاللىۋەتتى (1:1 ، 1:2). ئۇلارنىڭ ئۆزگىچە تېخنىكىسى تاماشىبىنلارنى قايىل قىلدى. شۇ ۋاقىتتا، پارىژ مۇسابىقىسى دىكى بىر فىرانسىيەلىك مۇخبىر بىرازىلىيە كوماندىسىنى مۇنداق دەپ تەرىپلىگەن:" مەن ئەمدىلا ئۇلارنىڭ مۇسابىقىسىنى كۆردۈم، توۋا! ئەجەبا، ئۇلارنىڭ ھەممىسى بەش پۇتى بار غەلىتە مەخلۇقمىدۇ؟!"


غەلىتە مەخلۇقلار كوماندىسى
چىرايلىق كىرگەن توپلار ۋە " بوردودىكى قانلىق جەڭ"
      بىرازىلىيىكلەر، پۇتبول ساھەسىنى ھەيران قالدۇردى، شۇنداقلا 1938-يىلىدىكى دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە، نەتىجە 5:6 بۇلۇشتەك بىر مەيدان كلاسسىك جەڭنى قالدۇرۇپ كەتتى. بىرىنچى باسقۇچتىكى بىرازىلىيە بىلەن پولشانىڭ مۇسابىقىسىدە، مۇسابىقە باشلىنىپ 18 مىنۇتتىن تاكى 118 مىنۇتقىچە (ۋاقىت قوشۇپ بېرىلگەن مۇسابىقە) جەمئىي 11 توپ كىردى. 0:1 ، 1:1 ، 1:3 ، 3:3 ، 3:4 ، 4:4 ، 4:6 ، 5:6 .......... بىرازىلىيە باشتىن ئاخىر بىر قەدەم ئالدىدا ماڭدى، پولشا بولسا ئارقىسىدىن داۋاملىق قوغلاپ ماڭدى، ئىككى سائەت جەڭ قىلىش ئارقىلىق، بىرازىلىيەلىكلەر بولسا ئەڭ ئاخىرىغىچە كۈلدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، بىرازىلىيە ھۇجۇمچىسى لىئاننىداس دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدا بىر مەيداندا 4 توپ كىرگۈزگەن تۇنجى ئادەم بۇلۇپ قالدى، پولشالىق ۋېلموۋىسكىمۇ 4 توپ ئۇرغان بولسىمۇ، لىكىن بىرازىلىيەنىڭكىدىن 14 مىنۇت كىيىن ئىدى.
      1938-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى، 4 كۈچلۈككە كىرىش مۇسابىقىسىدە، بىرازىلىيە چېخىسلوۋاكىيە بىلەن تۇتىشىدۇ، شۇ ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ كىشىلەرگە قالدۇرغان ئەسلىمىسى ئانچە گۈزەل ئەمەس ئىدى. مۇسابىقە ياۋايىلارچە قائىدىگە خىلاپ ھەرىكەتلەر ۋە قەبىھ ئادەم يارىلاندۇرۇش بىلەن توشۇپ كەتكەن ئىدى، بىرازىلىيەدىن 2 ئادەم، چېخىسلوۋاكىيەدىن 1 ئادەم مەيداندىن چىقىرىۋىتىلگەن، چېخىسلوۋاكىيە قاپقاۋۇلى فىرانكانىڭ ئوڭ بىلىكى، ئالدىنقى نۆۋەتلىك مەرگەن نېئادلېسنىڭ ئوڭ پۇتى سۇنۇپ، جىددى دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان، بىرازىلىيەنىڭ 3 ئەزاسى ئوخشاش ئۇسۇلدا يارىلىنىپ، مەيداندىن ئايرىلغان، مۇسابىقە ئەڭ ئاخىرىدا 1:1 ئاخىرلاشقان، بۇ، دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدىكى سېسىق نامى پۇر كەتكەن " بوردودىكى قانلىق جەڭ" ئىدى. ئىككى كۈندىن كىيىن ئېلىپ بېرىلغان قايتا مۇسابىقىدە، بىرازىلىيە 1:2 نەتىجە بىلەن چېخىسلوۋاكىيەنى شاللاپ، تەسلىكتە 4 كۈچلۈككە كىرگەن.
ئەڭ ئەجەللىك خاتالىق
      بىرازىلىيەنىڭ توختىماي ئىلگىرلىشى بىلەن بىرگە، يەنە بىر كىشىنى قورقۇتىدىغان كوماندىمۇ ئالدىغا قاراپ ماڭغان. بوزو قوماندانلىقىدا، مېيئاچا، پىئورا قاتارلىق چولپانلىرى بار ئىتالىيە كوماندىسى نورۋىگىيەنى مەغلۇپ قىلغاندىن كىيىن، ساھىپخان فىرانسىيەنى شاللاپ، يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە بىرازىلىيە بىلەن ئۇچراشقان.


ئەگەر ئۇ بولغان بولسا
     بىرازىلىيە بىلەن ئىتالىيەنىڭ مۇسابىقىسى بولسا، كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە بالدۇر ئېلىپ بېرىلغان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدۇر. لىكىن ھەيران قالارلىق يېرى شۇكى، بىرازىلىيە مەشقاۋۇلى پىمېنتا ئىككى نەپەر يادرولۇق ئەزانى مەيدانغا چىقارمىغان. ئەڭ ئەقلىگە سىغمايدىغان ئىش شۇكى، مەرگەن لىئاننىداسنى ئارام ئالدۇرغان، بۇندىن بۇرۇن " قارا مەرۋايىت" لەقەملىك بۇ ھۇجۇمچى 6 توپ كىرەۈزگەن بۇلۇپ، بىرازىلىيەنىڭ ئاساسلىق نومۇر ئالغۇچىسى ئىدى. بۇ ئىشقا قارىتا پىمېنتا چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: " مەن ئۇنى ساقلاپ قېلىپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئىشلىتىمەن". ئاخىرىدا، لىئاننىداس ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشالمايدۇ، چۈنكى كىروش ۋە مېيئاچانىڭ توپ ئۇرۇشى بىلەن ئىتالىيە 1:2 ئۇتىدۇ، پىمېنتانىڭ بۇ قارارى دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدىكى ئەڭ داڭلىق بولغان، ئادەم ئىشلىتىش جەھەتتىكى خاتالىقنىڭ بىرسى بۇلۇپ قالىدۇ. 3-لىكنى تالىشىش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، بىرازىلىيە 2:4 شىۋىتسىيەنى ئۇتىدۇ، لىئاننىداس ئىككى توپ ئۇرىدۇ، ئۇ ئەسلىدە بۇ ئىككى توپنى ئىتالىيەنىڭ قاپقىسىغا ئۇرۇشنى  ئۈمىد قىلاتتى.
ئىتالىيە خاندانلىقى
     1938-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى، ھۇجۇمچى پىئورانىڭ قالتىس رولى بىلەن، ئىتالىيە، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە 2:4 نەتىجە بىلەن ۋىنگىرىيەنى مەغلۇپ قىلپ، ئىككىنچى قېتىم دۇنيا لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈرىدۇ. 1934-يىلى ۋە 1938-يىلى ئۇدا ئىككى نۆۋەت چىمپىيون بولغاندىن سىرىت، ئىتالىيە كوماندىسى يەنە 1936-يىلىدىكى ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ پۇتبول تۈرىدە ئالتۇن مىدالغا ئىرىشىپ، دۇنيا پۇتبول ساھەسىدە تۇنجى بۇلۇپ ھەقىقىي بىر خاندانلىق كوماندا بۇلۇپ قالىدۇ. 38-يىلى ئىتالىيە، مۇسابىقىنى كىشىنى قايىل قىلارلىق دەرىجىدە ئوينىغان بۇلۇپ، 34-يىلىدىكى مۇسسۇلىننىڭ ھەيۋىسى ئارقىلىق، لوڭقىنى قولغا كەلتۈرگىنىگە ئوخشىمايتى، ئۇلارنىڭ مۇداپىئەسى تەڭداشسىز بۇلۇپ، پىئورا، مېيئاچا قاتارلىق ھۇجۇمچىلارنىڭ تېخنىكىسى رەقىبىنى قورقۇنۇشقا سالاتتى.
      چىمپىيون بولغاندىن كىيىن، مەشقاۋۇل بوزونىڭ نامى چىقتى، كوماندىدىكى كاپىتان مېيئاچا بىلەن فېرارى ئىككىنچى قېتىم دۇنيا لوڭقىسىنى كۆتۈردى، بوزو بولسا تارىختىكى بىردىنبىر ئىككى نۆۋەت دۇنيا لوڭقىسىدا چىمپىيون بولغان مەشقاۋۇل بۇلۇپ قالدى. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، 30-يىللاردىكى ئىتالىيە خاندانلىقى 2- دۇنيا ئۇرۇشى سەۋەبىدىن ئاخىرلاشتى، ئەگەر ئۇرۇشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغان بولسا، ئىتالىيە كوماندىسى رېمىت لوڭقىسىنى مەڭگۈلۈك ئىگەللەپ تۇرغان بولاتتى. بۇ ئىتالىيە كوماندىسى 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئىلگىرىكى خەلقئارا پۇتبول ساھەسىدىكى ئەڭ كۈچلۈك كوماندا دەپ تەرىپلەندى.
......................................................................................................................................................................................................
سىز بىلەمسىز؟
        1938-يىلىدىكى دۇنيا لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدىن ئىلگىرى، مۇسسۇلىن ئىتالىيە كوماندىسىگە تېلگىرامما ئەۋەتىپ مۇنداق دىگەن: " غەلبە بولسا مۇكاپات، مەغلۇبىيەت بولسا ئۆلۈم". بۇ خەۋەر تارقالغاندىن كىيىن، مۇسابىقىدە ئۇتتۇرىۋەتكەن ۋىنگىرىيە كوماندىسىنىڭ قاپقاۋۇلى سىزاپ چاقچاق قىلىپ مۇنداق دىگەن: " بىز بىر مەيدان مۇسابىقە ئۇتتۇردۇق، لىكىن 22 ئادەمنىڭ جېنىنى قۇتقۇزۇپ قالدۇق.
       38-يىلىدىكى دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ چەك تارتىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈپ بىر ئايدىن كىيىن، گېتلىرنىڭ ناتسىستلار گىرمانىيىسى ئاۋىستىرىيەنى يۇتۇۋالغان، شۇنىڭ بىلەن ئاۋىستىرىيە مۇسابىقىدىن چىكىنىپ چىققاندىن كىيىن، بۇ كوماندىدىكى مۇنەۋۋەر توپچىلارنى گىرمانىيە كوماندىسىگە قاتنىشىشقا بۇيرۇق چۈشۈرگەن. سىندىرال بولسا ئاۋىستىرىيە تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ توپچى بۇلۇپ، ئۇ ناتسىستلار ئۈچۈن توپ تىپىشنى خالىماي، يېڭى تەشكىللەنگەن گىرمانىيە كوماندىسىگە كىرىشنى رەت قىلغان. 1939-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى، سىندىرالنىڭ جەسسىتى ئۆز ئۆيىدە باشقىلار تەرىپىدىن بايقالغان بۇلۇپ، ھۆكۈمەت دائىرلىرى ئۇنى كاربون چالا ئوكسىدتىن زەھەرلىنىپ ئۆلگەن دەپ دىئاگنوز قويغان.
       1938-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئىتالىيە بىرازىلىيە بىلەن ئوينىغان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە، ئۇلار بىر نۇقتا توپ تېپىش پۇرسىتىگە ئىرىشكەن بۇلۇپ، بۇ توپنى مېيئاچا تەپكەن. شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ كالتە ئىشتىنىنىڭ بېغى ئۈزۈلۈپ كەتكەن بۇلۇپ، ئۇ سول قولىدا ئىشتىنىنى كۆتۈرۈۋىلىپ، ئوڭ قولى بىلەن توپنى جازا توپ نۇقتىسىغا قۇيۇپ، توپنى تىپىپ كىرگۈزگەن، ئاخىرىدا، ئىتالىيە 1:2 ئۇتقان.
       دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدا ئاسىيادىن تۇنجى بۇلۇپ كوماندا قاتناشقان بۇلۇپ، ئۇ بولسىمۇ گوللاندىيەگە تەۋە شەرقى ھىندى تاقىم ئارىلى ئىدى. لىكىن تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە ياۋروپادىكى كۈچلۈك قوشۇن ۋىنگىرىيەگە ئۇتتۇرۇپ شاللىنىپ كەتكەن.
      بىرازىلىيە بىلەن پولشانىڭ مۇسابىقىسىدە، مەرگەن لىئاننىداسنىڭ ئايىقى لايغا توشۇپ كېتىپ، ئامالسىز ئايىقىنى سېلىۋىتىپ يالاڭئاياق ئوينىغان، ھەم بىر توپ كىرگۈزگەن. مۇسابىقە ئاخىرىغا كەلگەندە، كوماندىسىدىكىلەر ئۇنىڭغا بىر ئاياق تېپىپ ئەكىلىپ بەرگەندىن كىيىن، ئاياقنى كىيىپ مۇسابىقىسىنى داۋاملاشتۇرغان.
بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقە جەمئىي 18 مەيدان ئېلىپ بېرىلغان بۇلۇپ، ھەربىر مەيداندا ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن 4.66 توپتىن جەمئىي 84 توپ كىرگەن بۇلۇپ، دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدىكى ئەڭ ياقتۇرۇپ كۆرگەن مۇسابىقىنىڭ بىرسى بۇلۇپ قالغان.
سىتساستىكا جەدىۋىلى
رەت نومۇرى         كوماندا        ئوينىغان مەيدان           ئۇتۇق            تەڭ            ئۇتتۇرغىنى          نومۇر           كىرگۈزگىنى           كەتكۈزگىنى            ساپ توپ
1        ئىتالىيە        4        4        0        0        12        11        5        6
2        ۋىنگىرىيە        5        3        1        1        10        14        11        3
3        بىرازىلىيە        4        3        0        1        9        15        5        10
4        چېخىسلوۋاكىيە        3        1        1        1        4        5        3        2
5        شىۋىتسارىيە        3        1        1        1        4        5        5        0
6        كۇبا        3        1        1        1        4        5        12        -7
7        شىۋىتسىيە        3        1        0        2        3        11        9        2
8        فىرانسىيە        2        1        0        1        3        4        4        0
9        رۇمىنىيە        2        0        1        1        1        4        5        -1
10        گىرمانىيە        2        0        1        1        1        3        5        -2
11        پولشا        1        0        0        1        0        5        6        -1
12        نورۋىگىيە        1        0        0        1        0        1        2        -1

مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر

ئىتالىيە بىلەن بىرازىلىيە

ۋىنگىرىيە قاپقاۋۇلىنىڭ كارامىتى

پىئورا

پولشا بىلەن بىرازىلىيە (لىئاننىداس، ئوڭدا)

ۋىنگىرىيە بىلەن ئىتالىيەنىڭ كاپىتانلىرى، ئوڭدىكىسى مېيئاچا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-7 13:43:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامىنى كۇتىمىز
رەخمەت
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-7 13:44:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
turgunjan يوللىغان ۋاقتى  2014-5-7 13:43
داۋامىنى كۇتىمىز
رەخمەت

ھە بۇلدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-7 13:46:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت قېرىندىشىم   ئەجرىڭىزگە  جاپا چىكىپسىز
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-7 13:47:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
putbol777 يوللىغان ۋاقتى  2014-5-7 13:46
رەخمەت قېرىندىشىم   ئەجرىڭىزگە  جاپا چىكىپسىز

رەھمەت
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-7 17:18:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامى بامۇ قىرىندىشىم
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-7 18:32:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
HAKKER يوللىغان ۋاقتى  2014-5-7 17:18
داۋامى بامۇ قىرىندىشىم

بابا جىق يەنە با ئەتە يۇللايمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 08:11

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش