akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 941|ئىنكاس: 28

2-نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
1934-يىلى ئىتالىيە
چىمپىيون: ئىتالىيە          مەرگەن: نېئادېل (چېخسلوۋاكىيە)، كېنان (گىرمانىيە)، سىچياۋېئو (ئىتالىيە)، 4 توپ


مۇسسۇلىن ئىتالىيە كوماندا ئەزالىرى بىلەن بىللە
    1934-يىلىدىكى ئىتالىيە دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ كەينىدە بىر كۆلەڭگە بار بۇلۇپ، ئۇ بولسىمۇ چوڭ مۇستەبىت----مۇسسۇلىن. دۇنيا لوڭقىسى بىرىنچى قېتىم سىياسىي قورالغا ئايلىنىپ قالدى، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە بىر قېتىملىق ياخشى ئىش قىلىپ ئاساسىدىكى "پۈتۈن مەملىكەتلىك مىخاينىزىم" شۇنداقلا مۇسسۇلىننىڭ بىر قوللۇق قوماندانلىقىدا، بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقە ناھايتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان بۇلۇپ، ئاتالمىش "بۈيۈك رىم ئىپىرىيىسى"نىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە قۇدرەتلىكلىكىنى نامايەن قىلدى، لىكىن بۇنىڭ ئىچىدىكى ھېكايىلەر ھەرگىزمۇ ياخشى ئەمەس ئىدى.
     ئالدىنقى نۆۋەتلىك چىمپىيون قاتتىق ئاچچىقلاندى
     1930-يىلى، ياۋروپادىكى نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەر مۇسابىقىگە قاتنىشىشنى رەت قىلغان بۇلۇپ، 1934-يىلىغا كەلگەندە، ئۇرۇگۋايمۇ مۇسابىقىدىن چېكىنىپ چىقىپ ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن ئۆچىنى ئالدى، بۇ دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدىكى بىردىنبىر ئالدىنقى نۆۋەتلىك چىمپىيون قاتناشمىغان مۇسابىقىدۇر. مۇسابىقىدىن ئاۋۋال تىزىملاتقان كوماندا 32گە يەتكەنلىكتىن، بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە تۇنجى قېتىم ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلىپ، ھەل قىلغۇچقا قاتنىشىدىغان 16كوماندا تاللاپ چىقىلدى، كىيىنكى گۇرۇپپىلار بويىچە ئېلىپ بېرىلىدىغان ئايلانما مۇسابىلەرنىڭ ھەممىسى شاللاش مۇسابىقىسىغا ئۆزگەرتىلدى.
     بۇ ئېنىقلا بىر نۆۋەتلىك ياۋروپالىقلارنىڭ دۇنيا لوڭقىسى بۇلۇپ قالدى، ئەنگىلىيەلىكلەر ئاۋۋالقىدەكلا خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسى بىلەن توختىماي سوقۇشۇپ، مۇسابىقىگە قاتناشمىدى، ئۇرۇگۋاي مۇسابىقىگە قاتناشمىغانلىقتىن، ئارگىنتىنا 2-كوماندىسىنى ئەۋەتتى، 16 كۈچلۈك تاللاپ چىقىلغاندا، ياۋروپالىقلاردىن باشقا 4 كوماندىلا بار ئىدى، بىرىنچى تۈركۈمدىكى شاللاش مۇسابىقىسىدىن كىيىن، بۇ 4 كوماندىمۇ شاللىۋىتىلدى.

فاشسىتلارنى توسۇپ زەربە بېرىش
فاشىسىتلار ئۇچرىشامدۇ؟ چېخ جاۋاپ قايتۇرمىدى
دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ئالدىدىكى 1933-يىلى، گېتلىر تەخىتكە چىقتى، ئۇ مۇسسۇلىن بىلەن بېرلىن-رىم ھەربىي ئىشلار سىياسىي مەركىزىنى قۇردى. دۇنيا لوڭقىسى باشلانغاندىن كىيىن، ئىتالىيە ۋە گىرمانىيىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئۇچرىشىشى فاشسىتلارنىڭ ئارزۇسىغا ئايلاندى، ئايرىمخانىدا مۇسسۇلىننىڭ دىققەت بىلەن كۆزىتىشى ئاستىدا، ئىتالىيە ھەممىنى ئۇتۇپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى، لىكىن ئۇلارنىڭ ئىتتىپاقداش ئارمىيىسى بولغان گىرمانىيەلىكلەر يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە چېخسلوۋاكىيە كوماندىسىغا ئۇتتۇرىۋەتتى، 6-ئاينىڭ 3-كۈنى رىمدا، چېخسلوۋاكىيە كوماندىسى 1:3گىرمانىيەنى ئۇتتى، نېئادېل 2 توپ كىرگۈزدى، مۇسسۇلىن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە "چاقىرىلمىغان مېھمان"نى كۈتۈۋالدى.


مۇسسۇلىننىڭ سايىسى
     ئۆز مەيدانىدا قەھرىمان بۇلۇش ئۈچۈن، ئىتالىيىلىكلەر بارلىق كۈچىنى ئىشقا سالدى. ئارگىنتىنادىن  موندى قاتارلىق 3 چولپاننى ئەكىلىپ، دۆلەت تەۋەلىكىنى ئۆزگەرتىپ مۇسابىقىگە قاتناشتۇردى. ئۇندىن باشقا، مۇسسۇلىن رېپىر بېكىتىش ھوقۇقىنى ئىگەللىۋىلىپ، يېرىم ھەل قىلغۇچ ۋە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئوخشاش بىر رېپىرنى ئورۇنلاشتۇردى، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئېكلۇند ئىسىملىك بۇ شىۋىتسىيىلىك رېپىرنى مۇسسۇلىن ئايرىمخانىسىغا چاقىرتىپ سۆھبەتلەشكەن، لىكىن ئېكلۇند بۇنداق ئىشنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلغان.
     ئىتالىيە كوماندىسى ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىدە 0:4 گىرىتسىيەنى، تۇنجى شاللاش مۇسابىقىدا ئامرىكىنى ئۇتۇپ 8 كۈچلۈككە كىرگەن. 5-ئاينىڭ 31-كۈنى، ئىسپانىيە بىلەن ئوينىغان 4 كۈچلۈككە كىرىش مۇسابىقىسىدە، ئىسپانىيە ئالدى بىلەن بىر توپ كىرگۈزگەن، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە ئاياغلىشىشتىن بۇرۇن، ئىتالىيەنىڭ 3 نەپەر ئەزاسى قارشى تەرەپ قاپقاۋۇلىنى سوقۇۋىتىپ توپنى كىرگۈزگەن، رېپىر بۇ توپنى ئىناۋەتلىك قىلغان، كىيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ئىسپانىيە بىر توپ كىرگۈزگەندە ئىناۋەتسىز قىلغان، شۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپ قائىدە بويىچە ئەتىسى قايتا مۇسابىقە ئوينىغان. 6-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئىتالىيە ئاۋال بىر توپ كىرگۈزگەن، ئارقىدىن ئىسپانىيە بىر توپ كىرگۈزۈپ تەڭلەشكەن، لىكىن رىپىر بۇ توپنى يەنە ئىناۋەتسىز قىلغان، شۇنىڭ بىلەن ساھىپخان 4 كۈچلۈككە كىرگەن، كىيىن ئاۋىستىرىيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرگەن.

ھايات-ماماتلىق جەڭ

     ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە، مۇسسۇلىن تەنتەربىيە مەيداننىڭ كۆرۈش سۇپىسىدىكى ئايرىمخانىسىدا مۇسابىقىگە نازارەتچىلىك قىلدى، چېخسلوۋاكىيە 76 مىنۇت بولغاندا بىر توپ كىرگۈزدى، ئىتالىيە كوماندىسى 81 مىنۇت بولغاندا ئارگىنتىنالىق چولپان ئوشنىڭ بىر توپ كىرگۈزۈشى بىلەن مۇسابىقىنى تەڭلەشتۈردى، ۋاقىت قوشۇلغان مۇسابىقىدە ئىسچىياۋېئونىڭ بىر توپ كىرگۈزۈشى بىلەن، ئىتالىيىلىكلەر قاتتىق ئارزۇ قىلغان دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چىمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى. 1938-يىلىدىكى ئىنتايىن كۈچلۈك ئىتالىيە كوماندىسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، 1934-يىلى يالتىراق كۆك كىيىملىكلەر پۇرسەت، ئەۋزەل شارائىت ۋە ياخشى ئاممىۋى مۇناسىۋەت ئامىللىرىدىن كۆپلەپ پايدىلاندى، ئۇلارنىڭ چىمپىيونلۇقى مۇسسۇلىننىڭ سايىسىدىن ساقىت بولالمايدۇ.

..................................................................................................................................
            سىز بىلەمسىز؟
     ئىتالىيىلىك گىگانىت چولپان مېيئاچا 1934-يىلىدىكى دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان، ئۇ بىردىنبىر توپنى كىرگۈزۈپ، ئىسپانىيىنى شاللىۋەتكەن، يېرىم ھەل قىلغۇچ ۋە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە،سەپدىشىنىڭ بىردىنبىر توپنى كىرگۈزۈشىگە 2 قېتىم ياردەمچى ھۇجۇم قىلغان. 1938-يىلى ئىتالىيە كومەندىسىغا كاپىتان بۇلۇپ يەنە بىر قېتىم چىمپىيونلۇقنى ساقلاپ قالغان.
     بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىنى تۇنجى قېتىم نەق مەيداندا بىۋاستە ئاڭلاتقان، تەسىرىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، ئىتالىيە رادىئو-تېلىۋىزىيە ئىستانىسى بىۋاستە ئاڭلاتقان بۇلۇپ، نۇرغۇنلىغان تاماشىبىنلار رادىئو ئارقىلىق مۇسابىقىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولغان.
     ئارگىنتىنالىق چولپان موندى 1934-يىلى ئىتالىيە كوماندىسىغا ئالمىشىپ، كوماندىنىڭ چىمپىيون بۇلۇشىغا ئاساسلىق تۆھپە قوشقان، 1930-يىلى، ئۇ ئارگىنتىنا كوماندىسىغا ۋاكالىتەن قاتنىشىپ، ئىككىنچى بولغان، يەنە ئۇ تارىختىكى بىردىنبىر باشقا دۆلەتكە ۋاكالىتەن دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتناشقان توپچى.
     ئىتالىيە بىلەن ئىسپانىيىنىڭ 4 كۈچلۈككە كىرىش مۇسابىقىسىدا، ئىسپانىيىنىڭ 7 ئەزاسى ، ئىتالىيىنىڭ 4 ئەزاسى يارىلانغان بۇلۇپ، بۇ دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدىكى داڭلىق زوراۋانلىق جېڭىدۇر.
      ئىتالىيە بىلەن ئىسپانىيىنىڭ قايتا ئوينىغان مۇسابىقىسىدە، باش رىپىر بولغان شىۋىتسارىيىلىك مېسەيىت دۆلىتىگە قايىتقاندىن كىيىن، شىۋىتسارىيە پۇتبولچىلار جەمئىيىتى ئۇنىڭ پۈشتەك چېلىشىنى چەكلىۋەتكەن، سەۋەبى ئۇنىڭ ئىتالىيە كوماندىسىغا يان باسقانلىقىدا.
     مۇسسۇلىن ئوتتۇرا يەر دېڭىزىنىڭ كۆك رەڭگىگە بەكمۇ ھېرىسمەن بۇلۇپ، شۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە ئۇ دۆلەت كوماندىسىغا كۆك رەڭلىك كىيىمنى تاللاپ بەرگەن، تاكى ھازىرغا كەلگىچە شۇ بويىچە داۋاملاشماقتا.
     بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدىن كىيىن، خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئىككى تۈرلۈك بەلگىلىمىنى چىقارغان بۇلۇپ، بىرسى: ساھىپخانلارنىڭ رىپىرنى كونترول قىلىۋىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، باش رىپىرنى ئۆزگەرتىشتە رىپىرلار كومىتېتى بىۋاستە بەلگىلەيدۇ؛ يەنە بىرسى: كوماندا ئەزالىرى بۇندىن كىيىن پەقەت بىر دۆلەتكىلا ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ، دۆلەت تەۋەلىكىنى ئۆزگەرتىپ قايتا مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا بولمايدۇ.
سىتاتسىكا جەدىۋىلى
رەت تەرتىپى         كوماندا        ئوينىغان مەيدان            ئۇتۇق           تەڭ             ئۇتتۇرغىنى           نومۇر            كىرگۈزگىنى           كەتكۈزگىنى          ساپ توپ
1        ئىتالىيە        5        4        1        0        13        12        3        9
2        چېىسلوۋاكىيە        4        3        0        1        9        11        8        3
3        گىرمانىيە        4        3        0        1        9        9        6        3
4        ئاۋىستىرىيە        4        2        0        2        6        7        7        0
5        ئىسپانىيە        3        1        1        1        4        4        3        1
6        ۋىنگىرىيە        2        1        0        1        3        5        4        1
7        شىۋىتسارىيە        2        1        0        1        3        5        5        0
8        شىۋىتسىيە        2        1        0        1        3        4        4        0
9        فىرانسىيە        1        0        0        1        0        2        3        -1
10        گوللاندىيە        1        0        0        1        0        2        3        -1
11        ئارگىنتىنا        1        0        0        1        0        2        3        -1
12        رۇمىنىيە        1        0        0        1        0        1        2        -1


مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر

ئاددى بولغان مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى


ئەڭ مۇنەۋۋەر قاپقاۋۇل فىرانكا (چېخسلوۋاكىيە)



ئىتالىيە كۇماندىسى

3 نۆۋەتلىك دۇنيا لۇڭقىسى با داۋامى تەخىر قىلىڭلار
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-6 15:41:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەتە 3 چىسى يۇللىندۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-6 15:51:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
灰狼王子 يوللىغان ۋاقتى  2014-5-6 15:41
ئەتە 3 چىسى يۇللىندۇ

سىز ش ج فىفا دىكى 灰狼王子  شۇما؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-6 15:52:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىدا يوللىغان ۋاقتى  2014-5-6 15:51
سىز ش ج فىفا دىكى 灰狼王子  شۇما؟

ھەشۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-6 16:16:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما بۇپتۇ  داۋاملىق مۇشۇنداق مەزمۇنلۇق تارىخى تېمىلارنى يۇللاپ تۇرغايسىز  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-6 16:17:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەنسىز يوللىغان ۋاقتى  2014-5-6 16:16
ياخشى تىما بۇپتۇ  داۋاملىق مۇشۇنداق مەزمۇنلۇق تارىخى ت ...

ھە بۇلدۇ يەەنە ئەتە ئاللاھ خالىس3 سىنى يۇللايمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-6 16:22:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
" بۇ ھەرىپلەرنى چۈشىنەلمىدىم .
ياخشى چىقىپتۇ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-6 16:24:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋىس يوللىغان ۋاقتى  2014-5-6 16:22
" بۇ ھەرىپلەرنى چۈشىنەلمىدىم .
ياخشى چىقىپتۇ .

ھە چىقىپ قاپتۇ مەنىسى يۇق رەھمەت
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-6 16:28:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى چىقىپتۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-6 16:38:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
灰狼王子 يوللىغان ۋاقتى  2014-5-6 16:17
ھە بۇلدۇ يەەنە ئەتە ئاللاھ خالىس3 سىنى يۇللايمەن

ئاپىرىن قىرىندىشىم   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-6 17:03:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەنسىز يوللىغان ۋاقتى  2014-5-6 16:38
ئاپىرىن قىرىندىشىم

ھە رەھمەت
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-6 17:03:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
putbol777 يوللىغان ۋاقتى  2014-5-6 16:28
ياخشى چىقىپتۇ

رەھمەت
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 08:55

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش