akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 466|ئىنكاس: 13

تۇرپان بىرلەشمىسىنىڭ 10 - ئايلانما خەۋىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
تۇرپان بىرلەشمىسىنىڭ 10 - ئايلانمىسى 3 - ماي ۋىلايەتلىك تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپتە نورمال ئېلىپ بېرىلدى. مۇسابىقە سەككىز كىشىلىك بولۇپ، ئالدىنقى ۋە كېيىنكى يېرىم مەيدان 25 مىنۇتتىن جەمئىي 50 مىنۇت.
مۇسابىقە نەتىجىسى تۆۋەندىكىچە:
قاڭقىل كوماندىسى 0 : 0 ئەلقىيا كوماندىسى
شەھەرلىك 2 - ئوتتۇرا 1 : 4 سەرناز كوماندىسى
كارۋانچى كوماندىسى 3 : 1 ياشلار بىرلەشمىسى
ئىتتىپاق كوماندىسى 2 : 3 فارخان كوماندىسى

بىرلەشمىنىڭ 10 - ئايلانمىدىن كېيىنكى رەت تەرتىپى
1 . قاڭقىل كوماندىسى  22 نومۇر، 20 ساپ توپ
2. ئەلقىيا كوماندىسى 20  نومۇر، 16 ساپ توپ
3. فارخان كوماندىسى 17 نومۇر، 8 ساپ توپ
4. ئىتتىپاق كوماندىسى 14 نومۇر، 1 ساپ توپ
5. كارۋانچى كوماندىسى 13 نومۇر، 1 ساپ توپ
6. سەرناز كوماندىسى 13 نومۇر، 0 ساپ توپ
7. ياشلار بىرلەشمىسى 12 نومۇر،
8. 2 - ئوتتۇرا مەكتەپ كوماندىسى 3 نومۇر

نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتىن قارىغاندا قاڭقىل بىلەن ئەلقىيانىڭ رىقابىتى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، ھەربىر مەيدان مۇسابىقە ئۇلار ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم.
قاڭقىل كوماندىسىنىڭ كېيىنكى تۆت ئايلانمىدىكى رەقىبلىرى: 2 - ئوتتۇرا مەكتەپ، ياشلار بىرلەشمىسى،فارخان، ئىتتىپاق كوماندىلىرى بولۇپ، ئالدىنقى يېرىم پەسىللىك مۇسابىقىدە قاڭقىل كوماندىسى بۇ كوماندىلار بىلەن بولغان مۇسابىقىدە تولۇق غەلىبە قىلغان ئىدى. ناۋادا كېيىنكى يېرىم پەسىلدىكى بۇ مۇسابىقىلەردىمۇ تولۇق نومۇر ئالالىسىلا بىرلەشمىنىڭ بۇ پەسىللىك چىمپىيۇنلۇقىنى قولغا كەلتۈرەلىشىدە گەپ يوق.

ئەلقىيا كوماندىسىنىڭ كېيىنكى تۆت ئايلانمىدىكى رەقىبلىرى: ياشلار بىرلەشمىسى، ئىتتىپاق، سەرناز، 2 - ئوتتۇرا مەكتەپ كوماندىلىرى بولۇپ، ئالدىنقى ئۇچرىشىشتا ئەلقىيا كوماندىسى ئۈچ كوماندىنى ئۇتۇپ بىر كوماندىغا ئۇتتۇرۇپ قويغان. ئۇلار چىمپىيۇنلۇقنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بۇ مۇسابىقىلەرنىڭ ھەممىسىدە غەلىبە قىلغاندىن باشقا قاڭقىل كوماندىسىنىڭ سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈشىنى ساقلىماقتىن باشقا چارە يوق. چۈنكى بۇ ئىككى كوماندىنىڭ ئۇچرىشىشىدا نەتىجە تەڭلىشىپ قالغاچقا قاڭقىل كوماندىسى بىلەن بولغان نومۇر پەرقىنى بىۋاسىتە ئازايتىدىغان ياكى ئېشىپ كېتىدىغان ئالتۇن پۇرسەت قولدىن كەتتى دېگەن گەپ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-6 11:34:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بىرلەشمە نەچچە مەيداندا تۇگەيدۇ ئا ئىككى كوماندىنىڭ رىقابىتى قوشماق مادرىتتىنمۇ كۇشلۇككەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-6 11:39:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جەمئىي 14 ئايلانما، يەنە تۆت ئايلانما قالدى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-6 12:03:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشلىرىڭلارغا ئامەت تىلەيمەن دۇسلار
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-6 12:05:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتەش يوللىغان ۋاقتى  2014-5-6 11:39
جەمئىي 14 ئايلانما، يەنە تۆت ئايلانما قالدى.

ھۇررا ئەلقىيا ماۋۇ كوماندىنىڭ ئىسمى يىقىپ قالدى شۇڭاھۇررا غەلبە تۇرپان بىرلەشمىسىگە مەنسۇپ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-6 13:00:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرپاننىڭ ئاشۇ ئىسسىقىدا توپ ئويناش ھەقىقەتەن تەس ... يارايسىلەر !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-6 13:11:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامەت تىلەيمەن تىزراق يولداشلادىن ئىشىپ كىتىڭلا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-6 13:17:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلقىيا بىلەن قاڭقىل تەڭلىشىپ قاپتىغۇ ؟ بەك ئويلايتتىم  مەكتەپ پۈتتۈرسەم مەنمۇ مۇشۇ مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىمەن دەپ ، ئەمما خىزمەت باشقا يەردىن چىقىپ قالدى ئەمەسمۇ ! ئىشلىرىڭلارغا ئەمەت تىلەيمەن ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-6 14:56:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى نەتىجىلەرنى قۇلغا كەلتۈرۈڭلار
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-6 16:38:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى بوپتۇغۇ تېخىمۇ  تىرىشىڭلا ئەزىمەتلە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-6 16:53:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت كۆپچىلىك. قوللاپ مەدەت بەرگىنىڭلەرگە.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-6 17:13:52 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزىمىزنىڭ بىرلەشمىلىرى كەسىپلىشىپ كەتسە ، ئەجنەبىلەرنىڭ خەۋەرلىرىگە قاراپمۇ قويمايتىم.  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 12:36

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش