ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 5772 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئۈلكەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-6 11:38
خىرىستال ئوردا 3-3 لىۋىرپۇل
ئېنگىلاد بىرلەشمىسىنىڭ 37-ئايلانما مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان مۇسابىقىسىدە خىرىستال ئوردا كوماندىسى لىۋىرپۇلىنى ئۆز مەيدانىدا چىرايلىق كۈتۈۋالدى،ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقە لىۋىرپۇل بىر توپ ئۇرىشى بىلەن 1-0 ئاياقلاشتى، كىيىنكى مەيدان مۇسابىقىدە لىۋىرپۇل ھۇجۇمىنى كۈچەيتىپ 53 -55 مىنۇت بولغاندا سىتۇلىچ بىلەن سويارىس بىردىن توپ ئورۇپ 3 توپ ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى لىكىن مۇسابىقىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا كەلگەندە خىرىستال ئوردا كۇماندىسى9 مىنۇتنىڭ ئىچىدە ئارقا-ئارقىدىن ئۈچ توپ ئۇرۇپ نومۇرنى تەڭلەشتۈرۋالدى ،بۇ مەيدان مۇسابىقىدىن كىيىن لىۋىرپۇل كۇماندىسى 81 نومۇر بىلەن ۋاقتىنچە ئۈستۈنلۈكتە تورماقتا، بىر مەيدان كەم ئوينىغان مانچىستىر شەھىرى 80 نومۇر بىلەن ئىككىنىچى چېلسى 79 نومۇر بىلەن ئۈچۈنچى ئورۇندا تۇرماقتا.بۇ ئۈچ كۇماندىنىڭ ئىچىدە ھازىر مانچىستىر شەھىرىنىڭ بىرلەشمە چېمپىيۇنى بولۇش ئىھتىمالىقى ئەڭ يۇقۇرى بولۇپ ئۇلار 5- ئاينىڭ 8 -كۈنى سەھەردە 29-ئايلانمىدىكى تولۇقلىما مۇسابىقىدە ئاسىتۇن ۋېللا بىلەن مۇسابىقىگە چۈشسە ئۇتسا ھەم تەڭلەشسە لىۋىرپۇل كۇماندىسىدىن نومۇر جەھەتتە ئىشىپ كىتىدۇ.
|
|