akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1015|ئىنكاس: 35

بايېرىننىڭ كېيىنكى يولى توغرىسىدا ئويلىغانلىرىم!!!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
133756373062855.jpg

بۇ ھەپتە بايېرىن گەرچە ھامبۇرگنى ئۇتقان بولسىمۇ، لېكىن، مۇسابىقە جەرىيانىدىن كۆرۈشكە بولىدۇكى، ئەزالار ئۇزغۇنلۇق يېرىم ھەل قىلغۇچتىكى مەغلۇبىيىتىنىڭ سايىسىدىن تېخى تولۇق قۇتۇلالمىغان. بۇ مەغلۇبىيەتنى بەلكىم، نۇرغۇن بايېرىنلىقلار ئويلاشمىغان بولۇشى مۇمكىن،بىراق، مېنىڭچە گۇئاردىئولاغا ۋاقىت بىرىش كېرەك، چوقۇم كېيىنكى پەسىلدە تەڭشەش ئېلىپ بېرىلىدۇ، بايېرىنلىقلار بارسادىن مىڭ تەسلىكتە ئالغان ياۋروپانىڭ خوجىلىقىنى ئۇنداق ئاسانلىقچە باشقىلارغا ئۆتكۈزۈپ بەرمەيدۇ، بايېرىنغا تىكى-تاكا ماس كەلمەيدۇ دېگەن قۇرۇق گەپ، مېنىڭچە مەسلە ھوجۇم يوللىرىنىڭ تەڭشەلمىگەنلىكىدە، گېرمانلارنىڭ بەدەن ساپاسى گەرچە ئاستا سۈرئەتكە مايىل، ھوجۇم شەكىلى تۈز سىزىقلىق پاس،ئۇزۇن پاس، بوشلۇق ھوجۇمىنى ئاساس قىلغان بولسىمۇ، لېكىن، يېقىندىن بۇيان يېتىشىپ چىققان توپچىلار ، ئاساسەن ھازىرقى زامان پۇتبولدىكى چاققانلىق،ئاددى ھەم گۈزەللىكىنى ئاساس قىلغان ھوجۇم ئەندىزىسىغا تامامەن ماسلىشالايدىغان ئىقتىدارى بار، بۇنىڭغا ئۇلاردىكى تىپىك ئېغىر بېسىقلىقىنى قوشقاندا تىكى-تاكىغا پەقەت بىر مېسسىچە ۋەيران قىلغۇچى ئامىل كەم، بۇ مېنىڭ پەقەت بايېرىننىڭ كېيىن ئېلىپ بارىدىغان ئۆزگەرتىشى توغرۇلۇق شەخسى كۆز قارىشىم:
1 - پاي ئوق ماندىزۇكىجقا تېگىشى مۇمكىن، مەيلى ھوجۇمچىسىز سەپ شەكىلى قوللانسۇن ياكى قوللانمىسۇن ،گۇئاردىئولانىڭ تاكتىكىسىغا ئەڭ ماس كەلمەيدىغان توپچى مۇشۇ بولسا كېرەك.لېۋاندوۋىسكىنى نىمىشقا ئەكەلگىنىنى ئەمدى چۈشەندۇق....2- پاي ئوق ئوتتۇرا مەيداندا، تىياگو تونى .كىروسنىڭ ئورنىنى ئېلىشى مۇمكىن،كىروسنىڭ ئەڭ ئاجىزلىقى ئوتتۇرىدىن كىچىك پاس تىقىش ۋە ھوجۇم تەشكىللەش ئىقتىدارى بەكلا كەمچىل، ئوتتۇرا مەيداندا ھوجۇم تەشكىللەش، يان ھوجۇمدا روبېرىنىڭ ھوجۇم تەشكىللىشى ئاقمىغاندا ، يان ھوجۇم بېسىمىنى ئازايتىدۇ، تىياگونىڭ ھوجۇم تەشكىللەش، كىچىك پاس تىقىش، ئۇزۇن پاس ھەممىسى يامان ئەمەسكەن، مۇداپىئەگە شىۋىنسىتېيگ ياكى مارتىنىزدەك ئارقا بەلدىن بىرسى ماسلاشسا، بۇ ئاجىزلىقمۇ چانمايدۇ....3- پاي ئوق بوئاتېڭ-دانتې گورۇپپىسى...... بۇ ھەقتە دىمىسەكمۇ چۈشىنىشلىك، خان مادىرىد ئۆتمە تۆشۈك قىلىۋەتكەن بۇنداق مۇداپىئەنىڭ ئەمدى بايېرىنغا كېرىكى يوق....4- پاي ئوق رافىنىئا ، بۇ پەسىل شۇنى ئىسپاتلىدى: لام ئارقا بەلگە ماس كېلىدۇ، لېكىن، يان مۇداپىگە تېخىمۇ بەكرەك ماس كېلىدۇ، روبېن بىلەن لام نىڭ يان ھوجۇمى بايېرىننىڭ ھازىرقى قەدەر ئەڭ ئشەنچىلىك، ئەڭ ئاساسى ھوجۇم شەكىلى، مۇھىمى، لامنىڭ ئورنىغا رافىنىئا پەقەتلا ماس كەلمەيدىكەن، رافىنىئادا تىپىك بىرازىليانچا ھوجۇم گېنى بار بولسىمۇ،مۇداپىئەدە بەدەننىڭ بوشلۇقى،سۈرئەت جەھەتتە ئالابانىڭ پوقىنىمۇ دورىيالمايدىكەن، لامنىڭ ئورنىغا 2- ئالابادىن بىرنى تاپماي تۇرۇپ، لامنى ئورنىدىن يۆتكەش تازا ئاقىلانلىك ئەمەس.5-پاي ئوق ياشلار كوماندىسى تېرىنېرى....بايېرىن ياشلار بازىسى ۋانگالدىن كېيىن، ئاساسەن بىرەر ياخشى نوتىنى سۇنۇپ باقمىدى، ئالابا قاتارلىقلار شۇ دەۋردىن قالغان، بۇ جەھەتتە لاماسىيانىڭ پوقىنىمۇ دورىيالمايدىكەن، ۋېيسېر،ۋېيخرائۇش قاتارلىقلار يەنە2-3 يىلغىچە بايېرىننىڭ زاپاس تىزىملىكىگە ئاران كىرەلەيدىغاندەك، بايېرىنغا ئالابادەك  ئۆز مەھسۇلاتى ناھايى مۇھىم  5- پاي ئوق رىبېرى...... ‹‹ئالتۇن توپ›› باھالىشىدىن كېيىن، مېنىڭچە رىبېرى بايېرىنغا كەلگەندىن بۇيانقى 2-قېتىملىق چۈشكۈنلۈك،ياخشى ھالىتىنى تاپالماسلىققا قايتىپ كەلدى، كېيىنكى مۇسابىقە پەسلىدە رىبېرى ئاساسەن يوقاپلا كەتتى،گوتزې بۇ ئورۇنغا ھەر ۋاقىت قويۇلسا بولىدۇ، ئامال يوق....
توپچى كىرگۈزۈش جەھەتتە، بايېرىنغا ئوتتۇرا مەيدان، ھوجۇمغا پەقەتلا توپچى لازىم ئەمەس، گەپ مۇداپىئەدە، كېيىنكى پەسىلدە ئوتتۇرا مەيدانغا رود مۇ  ئارقا بەلگە قوشۇلىدۇ، دېمەك ،ئارقا بەلدە شىۋىنستېيگ،مارتىنىز،تونى.كىروس ، رود 4 نەپەر مۇنەۋۋەر توپچى بار، گەپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە مارتىنىز بىلەن رودنىڭ بىرسى ئوتتۇرا بېك ئورنىغا قايتامدۇ؟ ئەگەر بايېرىن ئوتتۇرا بېك ئورنىغا توپچى سېتىۋالمسا، بۇ ئىككىسىنىڭ بىرسى بۇ ئورۇنغا قايتىپ -چىقىپ دېگەندەك ئوينىشى مۇمكىن، لېكىن، ئوتتۇرا بېكلارنىڭ ئۆز-ئارا ماسىشىشچانلىقى تۆۋەنلەپ كېىتىدۇم شۇڭا ، مېنىڭچە بايېرىنغا ئەڭ لازىمى بىر ئوتتۇرا بېك. نامزات:داۋىد لۇيىز،خۇمېلىس ( ئامال يوق)
كوماندىدىن ئايرىلىدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس ئەلۋەتتى، ۋان.بۇيتاننىڭ كېتىشى ئېنىق، پىزاررومۇ بەلكىم ماندىزۇكىجنىڭ ئورنىدا زاپاس ئەزا بولۇپ قېلىشى، ماندىزۇكىج كېتىشى مۇمكىن، شاكىرى ئەسلى روبىننىڭ ئىز باسارى بولۇشى مۇمكىن ئىدى، بىراق،ئۇمۇ بايېرىندىن زېرىككەندەك قىلىدۇ..... بۇلار ،مېنىڭ شەخسى پەرزىم، ھەممىنى ياراتقۇچى بىلىدۇ، لېكىن، بايېرىننىڭ يەنە قايتىپ كېلىشىنى ، گۇاردىئولانىڭ كېيىنكى پەسىل  بايېرىنغا يېڭى ھاياتى كۈچ قوشۇشىنى ھەممىمىز تۆت كۆزىمىز بىلەن كۈتىمىز.....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-5 12:42:07 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Bak atraplik quxandurupsiz
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-5 12:48:31 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-5 12:51:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-5 12:56:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-5 13:01:57 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەڭ مۇھىم مۇسابىقىلەردە گو نىڭ قەلبىدىكىنى ئەڭ بەك چۈشىنىدىغان تىياگو يوق بوپ قالدى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-5 13:02:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-5 13:08:18 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   گېرمان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-5 13:11  

گوتاز كېتىشى كىرەك، بايرىن ئاۋگىسبورگقا ئۇتتۇرىۋەتكەندىن باشلاپ ئىپادىسى تىك سىزىق بۇيىچە چۈشىۋاتىدۇ.

بەلكىم بايرىننىڭ يۇقۇرى قاتلىمى ۋە تىرىنىرلارغا جەرياندىن كۈرە نەتىجە بۇلۇپمۇ لوڭقا بەكرەك مۇھىم بۇلۇشى مۇمكىن، ئەمما بىر توپ مەستانىسى بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن ماڭا نىسبەتەن لوڭقا مۇھىم ئەمەس، مەن پەقەت ھايىنكىس دەۋرىدىكىدەك تىز سۈرئەتلىك ھۇجۇم ئوينايدىغان بايرىن بولسىلا بولدى. ئەگەر بايرىن ئۇزغانلىق لوڭقىسىنى ئالغان تەقدىردىمۇ يۇقارقى گەپنى دەيىتتىم.
ھايىنكىس دەۋرىدىكى بايرىننى ساقلايمەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-5 13:13:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بايرېن بىلەن بولغان مۇسابىقىدىن كىيىن مادرېدنى بىرىنجى ئۇرۇنغا چىقتىمىكىن دىسەم تېخىچە ئىككىنجى ئۇرۇنغا تىزىپ قۇيۇپتۇيا ، قارىغاندا چىمپىيۇن بولماي تۇرۇپ بىرىنجى ئۇرۇنغا چىققىلى بولمايدىغان ئوخشىمامدۇ ، بۇرۇن ئىككىنجى ئۇرۇندىكى كۇماندا بولغاندىكەن بىرىنجى ئۇرۇندىكى كۇماندىنى قىرغىن قىلسا بىرىنجى ئۇرۇنغا چىقا دىسەم   ئاتلىتكا ئۈچىنجى ئۇرۇنغا چىقىۋاپتۇ تېخى باسا ئالتىنجى ئۇرۇنغا چۈشۈپ قاپتۇ ، چىلسى 9 ، بېنفېيكا 10 تۇرامدۇ قانداق
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-5 14:00:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇمشۇق يوللىغان ۋاقتى  2014-5-5 13:13
بايرېن بىلەن بولغان مۇسابىقىدىن كىيىن مادرېدنى بىرىنج ...

بەلكىم، مادىرىد ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنى ئالغاندىن كېيىن رەت-تەرتىپتە ئۆزگىرىش بولىشى مۇمكىن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-5 14:06:12 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆركىشى يوللىغان ۋاقتى  2014-5-5 13:02
بىرلا  ئېغىز گەپ  بايرىنغا  تىك تاك توپ ماس  كەلمەيدۇ  ،  ...

بايرىننى تىكى تاكىغا ماس كەلمەيدۇ دەپ كېسىپ ئېيتىۋەتكىلى بولمايدۇ، تېخى بىر پەسىل بولدىغۇ، فورگىسۇن ئىشلىتىپ چىمپىيون بولغان ئادەملەر بىلەن مويېس ھېچنىمە قىلالمىدىغۇ ئەنە ؟ بىزدەك مەستانىلەرگە نىسبەتەن جەريان مۇھىم بولغان بىلەن، بىر كۇلۇپقا نىسبەتەن ئۇنىڭ ئېرىشكەن نەتىجىلىرى مۇھىم ھېسابلىنىدۇ ئەمەسمۇ…
بىز مادرىد مەستانىلىرىگە نىسبەتەن بارسىلونانى يېڭەلمەي ئالغان بىرلەشمە لوڭقىسىنىڭ ئۇنچىمۇ بەك ئەھمىيىتى يوق، لېكىن كۇلۇپقا نىسبەتەن ئۇ لوڭقا كەم بولسا بولمايدۇ، ۋاقتى كەلگەندە ئۇتقىنىغا قارىماي ئالغان لوڭقىلىرىغا قارايدىغان ئىش چىقىدۇ…
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-5 14:27:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بايرىن ھايكىنىس  باسا گولادىيولا  مادرىت مورىنىھو  مانچىستىر فورگۇسۇن  ئارسىنال ۋىنگىر  دورىتمۇنىد كىلوپ بەك ماس كىلەتتى   ئىسىت  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-5-10 15:40

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش