ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 3431 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم :
گىرمانىيە زەردارى بايرېن مىيۇنخىن كۇلۇبىنىڭ باش تېرىنىرى گۇادىئولا دورتىمونىد بىلەن بولغان مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن كۇلۇب يوقىرى قاتلىمى بىلەن سۆھبەتلىشىش خىيالىنىڭ بارلىقىنى ئاشكارلىدى .
گۇادىئولا بايرېن مىيۇنخېن كوماندىسىنى تۇتقان تۇنجى پەسىلدىلا كوماندىنى بىرلەشمە چېمپىيۇنلىقىغا ئېرىشتۈردى . ئەمما ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ئىسپانىيە زەردارى خان جەمەتى مادىرىد كوماندىسىغا ئېچىنىشلىق ئۇتتۇرۋىتىپ ھەل قىلغۇچقا كېرەلمىدى . بۇنىڭ بىلەن بۇ ئىسپانىيەلىك نۇرغۇن تىل ئاھانەتكە قالدى ھەتتا بەزىلەر ئۇنىڭ تىكى تاكا تاكتىكىسىدىن گۇمانلىنىشقا باشلىدى . بايرېن مىيۇنخېننىڭ رىۋايەتلىك توپچىسى بېكىن پاۋىلمۇ ئۇچۇق ئاشكارە ئۇنىڭ تاكتىكىسىدىن گۇمانلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى . مۇشۇنداق شارائىتتا گۇادىئولا ئالدىمىزدا دوېتىمونىد كوماندىسى بىلەن ئوينايدىغان ‹‹گىرمانىيە لوڭقىسى›› نىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدىن كېيىن كۇلۇبنىڭ يۇقىرى قاتلىمى بىلەن تاكتىكىنى ئۆزگەرتىش ۋە داۋاملىق كوماندىنى تۇتۇش ياكى كوماندىدىن ئايرىلىش ئۈستىدە سۆھبەتلىشىش خىيالىنى بىلدۈردى .
ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ كەڭ مەستانە ۋە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ سۆزلىرىگە قارىتا بايرېندەك بۇنداق كۇلۇبنى تۇتقان كىشىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا بۇنچىلىك بېسىمنىڭ بۇلىشى ناھايتى تەبئىي دېدى . ئۇ يەنە : ‹‹بىز بۇ پەسىل ئۈچ شاھ بۇلالمىدۇق ، ئەمما ئاللىقاچان گىرمانىيە لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچقا كىردۇق . بىراق يېقىنقى بىر مەزگىلدە بىزنىڭ ئىپادىمىز ھەقىقەتەن ياخشى بولمىدى ، بۇ ئەمىليەت . بۇلۇپمۇ مادىرىد بىلەن بولغان مۇسابىقىنىڭ ئالدىنقى يېرىم مەيدانى شۇنداق بولدى . مەن بىلىمەن ، بىر كوماندىنى تۇتقان ئادەم داۋاملىق يىڭىپ ماڭالمىسا ئۇ مەستانە ۋە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئالدىدا چوڭ خەتەرگە دۇچ كېلىدۇ . تېرىنىر دىگەن شۇنداق بۇلىدۇ ، زەردار كۇلۇبنى تۇتقانلار تېخىمۇ شۇنداق ›› دىدى . |
|