akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1406|ئىنكاس: 17

شانلىق مانچىستىر 92-يىلنىڭ ياشلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   باقاۋۇل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-4 18:50  



ھەمىشە ، ۋاقىت ھەممىنى ئۆزگەرتىدۇ دەپ قارايمىز ، 22 يىل ئۆتۈپ كەتتى ، ئەمما ئۇلار ئۆزگەرمىدى .
1.jpg


1992-يىلى ، مانچىستىر بىرلەشمىسى ياشلار كوماندىسى ئاجايىپ قالتىس ئىپادىسى بىلەن ، شۇ يىللىق چىمپىيۇنلۇقنى قولغا كەلتۈردى ، شۇ يىلى شۇلار ئارىسىدىن 10 نەپەر پۇتبولچى قىزىل ئالۋاستىنىڭ بىرنجى سەپ كوماندىسىغا چىقىش پۇرسىتىگە ئىرىشىتى . بۇلارنىڭ ئىچىدە ، بىكخام ، گىگىس ، سىكولىس ، بات ، نىۋىل ئاكا-ئۇكىلار بار ئىدى
2.jpg


ئەينى ۋاقىتتا ھىچكىممۇ بۇلارنىڭ شانلىق دەۋىرلەرنى يارىتىپ ، 22 يىل داۋاملاشتۇرالايدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغان بولىشى مۇمكىن .
3.jpg


داۋىد بىكخام 1975-يىلى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى تۇغۇلغان ، ئۇنىڭ ھاياتى پۇتبول بىلەن زىچ باغلىنشلىق ، بۇرۇنمۇ  ، ھازىرمۇ ، كىيىنمۇ  شۇنداق .
4.jpg


ئۇنىڭ  مەيدان ئىچى ۋە سىرتىدىكى شەرەپلىرى ، تاراتقۇلارنىڭ ئىزچىل تەشۋىقاتى نەتىجىسىدە ، مىسلىسىز مۇۋاپىقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى .
5.jpg


ئۇ ، ئىنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدە ، ئۇدا تۆت پەسىل پاس شاھى بولدى . بىر مەزگىل زاپاس ئەزا بولۇپ ، ئاخىرقى مىنۇتلاردا مەيدانغا چۈشكەندىمۇ ، كوماندا ئۈچۈن  ، ھالقىلىق ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلدى . ھەتتا ، مۇسابىقە تۈگەشكە بىر مىنۇت قالغاندا ئىختىيارى توپ بىلەن رەقىبىنى بوغۇزلاپ ، ئىنگىلاند كوماندىسى ئۈچۈن ، دۇنيا لوڭقىسى ئىشىك بىلىتىنى قولغا كەلتۈردى ....
6.jpg


ئۇنىڭ سودا قىممىتىنىڭ بارغانسىرى يۇقىرلىشى سەۋەپلىك ، كىشىلەر دائىم ئۇنىڭ چىملىقتىكى ھەقىقىي مەنىسىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ . ئۇ مانچىستىردىكى ۋاقىتتا ، بىر مەيدان مۇسابىقىدە ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن 14.2 كىلومىتىر يۈگىرەيىتى . ئۇنىڭ تىرشىچانلىق ، كەسىپتىكى ئەستايىدىللىقى ، دائىم كىلىشكەن قەددى-قامىتى ۋە تاشقى ئىپادىسى تەرپىدىن غۇۋالىشىپ قالاتتى .
7.jpg


ئادەمنى ھەممىدىن بەك تەسىرلەندۈردىغىنى بولسا ئۇنىڭ مانچىستىر بىرلەشمىسىگە بولغان مۇھەببىتى ، ئۇ مادىرتتىن ئايرىلغاندىن كىيىن ، ئىنگىلاند بىرلەشمىسىگە قايتىپ توپ تىپىش پۇرسىتى بار ئىدى ، ئەمما ئۇ رەت قىلدى . ئۇ مانچىستىر بىرلەشمىسىدىن باشقا ھىچقانداق ئىنگىلانىد كۇلۇبىدا توپ تىپىشنى خالىمىدى.
8.jpg


نىۋىلنىڭ خوشلىشىش مۇسابىقىسىدە ،قايتىدىن قىزىل ئالۋاستىنىڭ كىيمىنى كىيىپ مەيدانغا چىققان بىكخام ،   كونا تىرانفورددىن ھوزۇرلىنىۋاتاتى . توپ مەسانىلىرى كۆزلىرىگە ياش ئىلىپ ، ئورۇنلىردىن تۇرۇپ ، قەھرىماننى قارشى ئالغان ئىدى .
9.jpg


پائۇل سىكولىس ، 1974-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى تۇغۇلغان . يىقىنقى 20 يىل مابەينىدىكى ، ئەڭ قالتىس ئوتتۇرا مەيدان توپچىلىرىنىڭ بىرى . ناھايىتتى ئاز بىر قىسىم كىشىلەرلا بىلىدۇ ، ئۇ ياشلار كوماندىسىدا تاق پەسىلدە 70 توپ كىرگۈزگەن، ناھايىتتى ئاز بىر قىسىم كىشىلەرلا بىلىدۇ ، ئۇ ياۋرۇپادىكى داڭلىق تىرىنىرلارا دائىم ئىغىزىدىن چۈشۈرمەيدىغان ، قابىل ئوتتۇرا مەيدانچى . ناھايىتتى ئاز بىر قىسىم كىشىلەرلا بىلىدۇ ، ئۇ ھازىرغا قەدەر رەسمىي مۇسابىقىلەردە ياۋرۇپادىكى 10چوڭ زەردارغا (مانچىستىر بىرلەشمىسى ، لىۋىرپول ، ئارسىنال ، مىلان ، يۇۋىنتۇس ، ئىنتىر ، چىلسى ، مادىرىت ، بارسىلونا ، بايرىن ) توپ ئۇرغان بىردىنبىر توپچى .
10.jpg


دۇنياغا داڭلىق بىر مۇسابىقە چۈشەندۈرگۈچى : پۇتبۇل مۇسابىقىسى كۆرىدىغانلارنىڭ ھەممىسى زىدانىنىيىنى بىلىدۇ ، پۇتبول مۇسابىقىسى ئوينايدىغانلارنىڭ ھەممىسى سىكولىسنى بىلىدۇ ، دىگەن . زىدانىيمۇ سىكولىسنىڭ قابىلىيتىگە قول قويىدىغان بولۇپ ، سىكلولىس مىنىڭ ئەڭ قابىل رەقىبىم ، ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلىشالمىغىنىم مىنىڭ ئەڭ چوڭ ئەپسۇسلىنارلىق ئىسىم دىگەن .
11.jpg


بارسىلونانىڭ ئوتتۇرا مەيدان يادىروسى شاۋى ، سىكولىسقا باھا بىرىپ مۇنداق دەيدۇ : ئۇ مىنىڭ ئۈلگەم ، شۇنداقلا يىقىنىقى 15-20 يىلدىن بۇيان مەن كۆرگەن ئەڭ ياخشى ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى . ئۇنىڭ تىخنىكىسى ناھايىتتى مۇكەممەل ، ئاسانلىقچە توپ كەتكۈزمەيدۇ ، ئەگەر ئۇ ئىسپانىيلىك بولغان بولسا ، بىز تىخىمۇ كۆپ شەرەپلەرگە ئىرىشەتتۇق ، چۈنكى ئىسپانىيەدە دەل ئۇنىڭدەك بىر پۇتبولچى كەم .
12.jpg


تۆمۈر ئادەم نىدىۋىد ، مەن ئەڭ زوقلىنىدىغان پۇتبولچى دەل سىكولىس دىگەن ئىدى . ماھارىتى شۇنداق ياخشى دەيۋىسمۇ ، سىكولىسىنىڭ ئۆزىدىن ياخشى ئىكەنلىكىنى ئىتىراپ قىلغان ئىدى .
13.jpg


ئۇنىڭ ئۇستازى فۇرگىسىن : سىكولىسنى 15-20 يىلدىن بۇيانقى ياخشى توپچى دىيىشنىڭ ئۆزىلا ، ئۇنى تۆۋەن چاغىلغانلىق .
14.jpg


مانچىستىر بىرلەشمىسى ئۇ توپ تەپكەن بىردىنبىر كوماندا ، كوماندا ئۇنىڭغا ئىھتىياجلىق ۋاقىتتا ، گەرچە ئۇ چىكىنىشنى قارار قىلىپ بولغان بولسىمۇ ، قىلچە ئىككىلەنمەستىن مەيدانغا چىقتى . كۇلۇپتا داۋالغۇش بولغاندا ئۇ ، دوسلىرىنىڭ تەكلىپى بىلەن كوماندىغا كىلىپ ، تىرىنىرلا گۇرۇپپىسىغا قوشۇلدى . قىزىل رەڭ ئاللىبۇرۇن ئۇنىڭ يۈرىكىگە سىڭىپ بولغان ئىدى .
15.jpg


گارىي نىۋىل ،1975-يىلى 2-ئاينىڭ 18-كۈنى تۇغۇلغان . ئۇنىڭ باشقىلارنى بىسىپ چۈشكىدەك بەدەن ئەۋزەللىكى يوق ، مەيلى سۈرئەت ، باشقا ئارتۇقچىلىق تەرەپلەردە ئالاھىدە تەرەپلىرى ئاز، ئەمما بۇ تەرەپلەر ئۇنىڭ ئىنگىلانددىكى ئەڭ مۇنەۋەر ئوڭ مۇداپىيەچى بولىشىنى توسۇپ قالالمىدى . ئۇنىڭ تايانغىنى پەقەت بىر ـــــــ تىرىشچانلىق .
16.jpg


ئۇ كېننىدەك جىگەرلىك ئەمەس ، بىكخامدەك ھەر تەرەپتىن مۇنەۋەر ئەمەس ، ھەم گىگىستەك تەبىي تالانتلىقمۇ ئەمەس . ئەمما ئۇ باشتىن-ئاخىر ناھايىتتى ئەستايىدىللىق بىلەن ئالۋاستى قورغىننىڭ ئارقا يولىنى مۇداپىيە قىلىپ كەلدى ، شۇ مۇداپىيە قىلغانچە ساق 18 يىل مۇداپىيە قىلدى . ئۇ مانچىستىرنىڭ 3شاھلىقىغا گۇۋاھ بولدى ، ھەم شۇنىڭدەك ئۇدا ئۈچ يىل لوڭقىسىز قىلىشتەك ئاچچىق ۋاقىتلىرىغىمۇ شاھىت بولدى .
17.jpg


فۇرگىسىن مۇنداق دەيدۇ : گارىي ئۇ ئىنگىلانددىكى بىر ئەۋلاد ئەڭ ياخشى ئوڭ مۇداپىيەچى ، ئۇ ھەر قانداق ياش كەسپى توپچىدىن قالتىس ، ئۇ ئەقىللىق ، تىرىشچان ، ساداقەتمەن . ئۇ تىخى ياش ۋاقىتلىرىدىلا مۇۋاپىقىيەت قازنىش ئارزۇسى ناھايىتتى كۈچلۈك ئىدى ، ئۇ قىلالىدى .
18.jpg


2010-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى ، سىكولىس قوشۇپ بىرلگەن ۋاقىتتا توپ ئۇرۇپ ، مانچىستىرشەھرىنى بوغۇزلاپ كوماندىنى غەلبىگە يىتەكلىگەندە ، قاتتىق ھاياجانلانغان گارىي بۇ قىرندىشىنى سۆيدى . بۇ ئەسىر خاراكتىرلىك سۆيۈشۈش ، ئىنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ يىقىنىق 20 نەچچە يىل مابەينىدىكى ئەڭ كىلاسسىك كۆرۈنۈش بولۇپ قالدى .
19.jpg


چىكىنگەندىن كىيىن ، گارىي نىۋىل ۋە كونا دوستى گىگىس ئىككىسى ، كونا تىرانفورىتقا يىقىن جايغا بىر تاماقخانا ئاچتى ، ئۇلار پۇتبۇلدىن ئايرىلغان بىلەن ، قىزىل ئالۋاستىدىن يىراقلىشىپ كىتىشنى خالىمىدى .
20.jpg


رىيان گىگىس ، 1973-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى تۇغۇلغان ، ئۇ ئىنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسنىڭ پەيدا بولىشىغا شاھىت بولدى ، ئاللىبۇرۇن 41 ياشقا كىرىپ بولغان گىگىس ، پۇتبۇل دۇنياسىدىكى تىرىك تاش قاتما دەپ تەرىپلىنىدۇ . ئۇ ئۇزۇن يىللىق كەسپى ھاياتى جەريانىدا ، نۇرغۇن لوڭقىلارنىڭ ساھىبى بولۇش بىلەن بىرگە ، نۇرغۇن مۆجىزىلەرنى ياراتتى . «بىكخامنى سىتىۋىتىش ؟  ئويلىنىپ باقايلى .  گىگىسنى ستىۋىتىش ؟  سۆزلىشىش بىھاجەت !» مانا بۇ قىرى سىرنىڭ گىگىس توغىرسىدىكى يۈرەك سۆزلىرى .
21.jpg


يىللار بىر-بىرلەپ ئۆتۈشكە باشلىدى ، قىزىل ئالۋاستى نۇرغۇن مىھمانلارنى كۈتىۋالدى ، نۇرغۇنلارنى يولغا سەپ قويدى . ئەمما گىگىس ئىزچىل ئايرىلمىدى . گىگىس تۇنجى قىتىم مانچىستىر ئۈچۈن مەيدانغا چىققاندا ، ۋىلبىك بىلەن دىھىيا تىخى نەچچە ئايلىقلا بولغان ئىدى .
22.jpg


13 قىتىم بىرلەشمە چىمپىيۇنلۇقى  ، تۆت قىتىم ئۇيۇشما لوڭقىسى چىمپىيۇنلۇقى  ، ئىككى قىتىم ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى ، 10 قىتىم رايۇن قالقان لوڭقىسى چىمپىيۇنلۇقىغا ئىرىشش ، ئۇدا 23 پەسىل توپ كىرگۈزۈش ، ئۇنىڭدىن يەنە نىمنى تەلەپ قىلىش مۇمكىن ؟
23.jpg


مويىس ئىشتىن چۈشكەندىن كىيىن ئۇ ، بۇ قوشۇننىڭ ۋاقىتلىق تىرىنىرلىقىنى ئۈستىگە ئالدى . ئۇنىڭ ئۈچۈن كۆرەش تىخى ئاخىرلاشمىغان ئىدى .
24.jpg


ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا گىگىس كىلەر پەسىلدە باش تىرىنىر بولالماسلىقى مۇمكىن ، ئەمما قانداق بولۇشىدىن قەتئى نەزەر ، كۇلۇپ ئۇنىڭغا ئىھتىياجلىقلا بولىدىكەن ، ئۇ يەنىلا كونا تىرانفورىتتا پەيدا بولىدۇ !  23 يىلدىن بۇيان ئىزچىل شۇنداق بولدى .
25.jpg


فىير نىۋىل ، 1977-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى تۇغۇلغان . گارىي نىۋىلنىڭ ئىنىسى . ئوڭ-سول مۇداپىيە ۋە ئارقا بەلنىڭ ھۆدىدىسىدىن راۋرۇس چىقالايدۇ . ئۇ گەرچە مانچىستىرنىڭ ئاساسلىق تايانىچ كۈچى بولمىسىمۇ ، ئەمما باشقا سەبداشلىرىغا ئوخشاش ئالۋاستى ئۈچۈن بارلىقىنى بىغىشلىيالايدۇ .
26.jpg


ئاكا-ئۇكا ئىككىسى تەڭ مەيدانغا كەلگەن ، بىرلىكتە ئىنگىلاند دۆلەت كوماندىسىغا كىرگەن . گەرچە گارىينىڭ مەيدانغا چىقىش پۇرسىتى فىيىردىن كۆپ بولسىمۇ ئەمما ، كۆپ تەرەپلىك جەڭ قىلىش ئۇسلۇبىغا ئىگە مانچىستىر ئۈچۈن ، فىيرنىڭ رولىنى تۆۋەن چاغلاشقا بولمايدۇ .
27.jpg


2005-يىلى ، ئۇ مانچىستىردىن ئايرىلىپ ، ئىۋىرتونغا يۆتكلىپ ، مويىسنىڭ ياقتۇرۇشىغان ئىرشىتى ، كىيىن مويىس مانچىستىرغا كەلگەندىن كىيىن ، ئۇنىڭغا ياردەمچى بولۇپ ، مانچىستىرغا قايتىپ كەلدى .
28.jpg


بۈگۈنكى كۈندە ، مويىس مانچىستىردىن ئايرىلغان بولسىمۇ ، ئۇ يەنىلا مانچىستىردا قىلىپ ، سەپداشلىرى بىلەن بىرلىكتە ، قىزىل ئالۋاستىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئاخىرقى كۆرەشنى باشلىدى .
29.jpg


نىكىي بات ، 1975-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى تۇغۇلغان . خاراكىترى قەيسەر بات ، مانچىستىرنىڭ ئوتتۇرا مەيداندىكى توسىقى ئىدى ، دۆلەت كوماندىسىغا تاللانغان بولسىمۇ ، لىكىن سالامەتلىك تۈپەيلى كۆپ پۇرسەتلەرگە ئىرىشەلمىگەن ئىدى . 2004-يىلى مانچىستىردىن ئايرىلىپ ، 2012-يىلى قايتىپ كىلىپ ، تىرىنىرلار گۇرۇپپىسىدا خىزمەت قىلغان .
30.jpg


بۈگۈنكى كۈندە ، مانچىستىر 92-يىلنىڭ ياشلىرى قىرانىغا يىتىپ ، چوڭى 41 ياشقا ، كىچىكى 37 ياشقا كىردى . گىگىستىن باشقا ھەممىسى توپ تىپىشتىن چىكىنىپ بولدى .
31.jpg


گەرچە ئۇلار توپ تىپىش ھاياتىدىن چىكىنگەن بولسىمۇ ، لىكىن پۇتبولدىن خوشلاشقىنى يوق .
32.jpg


ئۆزى ياخشى كۆرگەن ھەم ئۆزىنى قەدىرلىگەن قىزىل ئالۋاستىدىن ئايرىلغىنى يوق .
33.jpg


ئۇلارنىڭ مەيداندىكى ئورنىنى ئويلايدىغان بولساق ، يان مۇداپىيە ، يان ھۇجۇم ، ئارقا بەل ، بۇلارنىڭ ھەممىس مانچىستىر ھازىر دەل ئىھتىياجلىق ئورۇنلار ئەمەسمۇ ؟
34.jpg


بەزىدە ئويلاپ قالىمەن ، ئەگەر ئۇلار ھازىر ياشلىق دەۋىرىدە تۇرۇۋاتقان بولۇپ ، ھىلىھەم مانچىستىردا توپ تەپكەن بولسا ، مانچىستىرنىڭ ئەھۋالى قانداق بولار ئىدى ؟
35.jpg


ئۇلاردىن كىيىن ، ھىچقاندداق بىر ئىنگىلاند كۇلۇبى بىرلا ۋاقىتتا ئۇلاردەك كۈچلۈك ، يادرولۇق توپچىلارنى يىتىشتۈرۈپ چىقالماسلىقى مۇمكىن .
36.jpg


ئۇلار ياراتقان تارىخ مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدۇ !
37.jpg


پۈتۈن ياۋرۇپاغا نەزەر سالساق ، ئۇلاردەك بىرلا ۋاقىتتا يىتىشىپ چىققان تالانىتلىقلار ، بارسىلونانىڭ لاماسىيە تەربىيلەش بازىسىدىنمۇ تىپىلمايدۇ .
38.jpg


يىللار ھەممىنى قىرىتىدۇ .
39.jpg


ئۇلار كەينىگە قارىغانسىرى مىھرىنى ئۈزەلمەيدۇ .
40.jpg


ئەسلەشكە ئەرزىيدىغان ئىشلار ھامان ، تارىخ تەرپىدىن كولاپ چىقىلىدۇ .
41.jpg


22 يىل ئۆتۈپ كەتتى ، چىملىقتىن چاڭ چىقارغان بىر توپ قەھرىمان ، ئەسلىمىسى بىلەن بىزگە خۇشاللىق ئاتا قىلماقتا .
42.jpg


بىر خىل سۆيگۈ بار ــــــــــ ئايرىلماسلىق !
43.jpg


مەڭگۈلۈك 92-يىلنىڭ ياشلرىغا بىغىشلايمەن !

44.jpg

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 9مۇنبەر پۇلى +500 تۆھپە +5 شۆھرەت +5 تەجرىبە +5 تىللا +6 يىغىش سەۋەبى
turgunjan + 50 نادىر تىما !
مەشئەل + 5 نادىر تېما باھالاش
تۇمشۇق + 50 قالتىس!
سەنسىز + 50 قالتىس!
ئوۋچى312 + 50 + 1 قالتىس!
پەرۋەر + 50 كىلاسسىك ئەسەر
ئۇچقۇنى + 100 + 5 + 5 + 5 قالتىس!
پولات123 + 50 قالتىس!
چوكىنات + 100 نادىر تېما !

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-4 18:40:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قالتىس  نادىر
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-4 18:41:25 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ ئىككى ياش ۋاقىتلىرىمكەن كاساپەتلەر...گىگىسقا ئامەت تىلەيمەن ...ھۆرمەت!!!

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +50 يىغىش سەۋەبى
پولات123 + 50 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-4 18:56:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئورۇنغا ئىنكاس تۇلۇقلىنىدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-4 18:56:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئورۇنغا ئىنكاس تۇلۇقلىنىدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-4 18:59:52 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر تىما بوپتۇ سىزنىڭ يازغان تىمىلىرىڭىز بەك رەتلىك چىقىدىكەن كۆپ ئەجىرقىلىپسىز قۇلىڭىزغا دەت بەرمىگەي
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-4 19:05:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پەرۋەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-4 19:07  

سۆزنىڭ بىشى ئەجىر قىلىپ تىما يازانلارغا تەشەككۈرىمىزدىن باشلانسۇن.

باقاۋۇلنىڭ مۇنبەرگە قىلىۋاتقان خالىسانە ئەجرلىرىگە، جۈملىدىن يۇقارقى تىمىسىغا كۆپدىن كۆپ رەھمەت!

مانچىستىر بىرلەشمىسىنىڭ تەسىر دائىرىسى ھىلىھەممۇ 1- ئورۇندا دەپ ئىيتىشقا تامامەن بولىدۇ. بۇ پەسىللىك كۆز تەگكەندەك ھالىتىگە يۇقارقى تىما تازا ماس كەلدى دەپ قارايمەن. (قايسى كۈنىدىكى سەبرىنىڭ بىكھامنى تونۇشتۇرۇپ يازغان تىمىسىمۇ بار) مانچىستىر بىرلەشمىسىنىڭ تىك سىزىق ھالىتىدە تۆۋەنلىگەن بۇ يىللىق ئىپادىسىگە قاراپلا، پۇتبۇلغا يىڭىدىن قىزىققان ئىنىلىرىمىزنىڭ مانچىستىر بىرلەشمىسى دىگەن بۇ كۇلۇبنىڭ شانلىق دەۋىر تارىخىنى بىلمەي قىلىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-4 19:06:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پەرۋەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-4 19:08  

سۆزنىڭ بىشى ئەجىر قىلىپ تىما يازانلارغا تەشەككۈرىمىزدىن باشلانسۇن.

باقاۋۇلنىڭ مۇنبەرگە قىلىۋاتقان خالىسانە ئەجرلىرىگە، جۈملىدىن يۇقارقى تىمىسىغا كۆپدىن كۆپ رەھمەت!

مانچىستىر بىرلەشمىسىنىڭ تەسىر دائىرىسى ھىلىھەممۇ 1- ئورۇندا دەپ ئىيتىشقا تامامەن بولىدۇ. بۇ پەسىللىك كۆز تەگكەندەك ھالىتىگە يۇقارقى تىما تازا ماس كەلدى دەپ قارايمەن. (قايسى كۈنىدىكى سەبرىنىڭ بىكھامنى تونۇشتۇرۇپ يازغان تىمىسىمۇ بار) مانچىستىر بىرلەشمىسىنىڭ تىك سىزىق ھالىتىدە تۆۋەنلىگەن بۇ يىللىق ئىپادىسىگە قاراپلا، پۇتبۇلغا يىڭىدىن قىزىققان ئىنىلىرىمىزنىڭ مانچىستىر بىرلەشمىسى دىگەن بۇ كۇلۇبنىڭ شانلىق دەۋىر تارىخىنى بىلمەي قىلىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-4 19:27:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   HAKKER تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-5 14:11  

نادىر تىما  مانچىستىرنىڭ شانلىق دەۋرىنىڭ ئەسلىگگە كىلىشىنى ئۇمۇت قىلمەن بىر چاغلاردا كونا تىرانفورىت مەيدانى دىسە نۇرغۇن كۇلۇپلارنىڭ توپچىلىرىنىڭ پۇتلىرى تىترەيدىغان نۇرغۇن داڭلىق چولپانلارنى يىتىشتۇرۇپ چىققان كۇلۇپنىڭ بۇگۇمكى كۇنگە قىلىشى ئادەمنى بىر قىسما قىپ قويىدۇ مىلان بىلەن مانچىستىرنىڭ تىزراق ئەسلىنى تىپىۋىلىشىنى ئۇمۇت قىلىمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-4 20:05:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئۇرۇنغا ئىنكاس يىزىلدۇ  ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-4 23:18:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانچىستىردىن يەنە  7- نۇمۇرغا  لايىق  توپچى  چىققان كۈنى  قايتىدىن  تارىخ  ياراتقان  كۈنى بوپ قالىدۇ  ، غەيرەت قىل  مانچىستىر ،  تىما  ئىگىسىگە رەخمەت ... ۋاننىستىرلۇينى ئەجەپ سىغىندىم ، گەرچە 92 نىڭ ئىچىدە بولمىسىمۇ  ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-5 00:22:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن مانا  دەل  مۇشۇلارنى  دەپ  مانچىستىرغا  مەستانە  بولغان ،   مەنچە  قېرى  سېرنىڭ ئەڭ  پەخىرلىنىدىغان  ئىشى  لېۋىرپولنى  شاھلىق  تەختىدىن  چۈشۈرۋەتكىنى  بولماستىن ، مۇشۇ  92 نىڭ  باللىرىنى يېتىشتىرۈپ چىققىنى  بولسا  كېرەك  .  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-5-9 13:36

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش