ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 13 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار ، مەن پۇتبولغا بولغان ئوتتەك ئىشتىياقىم بىلەن بۇ مۇنبەرگە يىڭىلا تىزىملاتتىم. ئالدى بىلەن ھەممىڭلارغا پېقىر بىخ تىن ئوتلۇق سالام بولسۇن!
مەن ئەسلى بۇتېمىنى شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى چوڭچىڭ لىفەن مۇسابىقىسى توغىرىسىدىكى تېمىغا ئىنكاس شەكلىدە يازماقچى ئىدىم. بىراق ئىنكاس تېما ئىنكاسلىرىنىڭ بىرقەدەر كەينىگە كىتىپ مەزمۇن ئۈنۈمدارلىغىنىڭ تۈۋەنلەپ كىتىشىنى ئويلۇشۇپ مۇنبەرگە بىۋاستە تېما شەكلىدە يازدىم. باشقۇرغۇچى ۋە كەڭ ئەزالارنىڭ توغرا چۈشۈنىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.
ئەمدى ماۋۇ يۇرتىمىزدىكى تۇنجى مەيدان كەسپى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ بىلەت ئەھۋالىغا كەلسەك، 30يۈەن(ئوقۇغۇچىلار بىلىتى)، 60،80 ، 120، يۈەنلىك بىلەت باھاسى جۇڭگۇ ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىدىكى ئەڭ يوقۇرى بىلەت باھاسى بۇلۇش بىلەن بىرگە شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ بىر قىسىم ئالاھىدە مۇسابىقىلىرنىڭ ئەڭ يوقۇرى بىلەت باھاسى ھەتتا 600يۈەن قىلىپ بىكىتىلگەن. بۇ ئالدىنقى قېتىم ۋۇخەن كوماندىسىنىڭ 10، 20 ، 30يۈەنلىك بىلەت باھاسى بىلەن زور دەرىجىدە پەرقلىنىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسلىغى 2012-يىلىدىكى ب دەرىجىلىك كۇماندا بولغان تاش ئالما كوماندىسىنىڭ جوڭگۇ دەرىجىدىن تاشقىرى مۇسابىقىلىرىنىمۇ خىجالەتتە قويغان 50مىڭ تاماشىبىنلىق مۇسابىقىسى بىۋاستە سەۋەپ بولغان. يوقۇرىدىكى باھا تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسىنىڭ دەسلەپكى بىكىتكەن بىلەت باھاسى بولۇپ ، بىرىنچى مەيدان مۇسابىقىدىن كىيىن ئەھۋالغا قاراپ ئۆزگەرتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈلگەن. ناۋادا ئۈچ نەپەر قېرىندىشىمىزنى دىمىسەك بۇلارنىڭ مۇسابىقىسىنىڭ زىركىشچانلىدىن بۇ مۇسابىقىنى ئۆيدە ئولتۇرۇپ كۈرۈشكىمۇ ئادەمنىڭ تازا رايى بارمايدۇ. پۇتبول مۇسابىقىسىگە ئەمدى قىزىقىشى قوزغىلىۋاتقان يىڭى بىر توپ مەستانىسى بۇلارنىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرىدىغان بولسا ئىككىنچىلەپ پۇتبول مۇسابىقىسى كورمەس بۇلۇپ كىتەرمىكىن دەيمەن. پۇتبول مۇسابىقىسنىڭ ئەڭ جەلىپكارلىقى بولسا ھەرگىزمۇ مەيداندا چۈكەن توپ سانى بولماستىن مەيداندىكى توپچىلارنىڭ غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈشكە بۇشاشماي قانچىلىك تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى. تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسىنىڭ بۇ پەسىللىك مۇسابىقىسىنىڭ كوپ مەيدان مۇسابىقىلىرىنى مەن ئاساسەن تۇلۇق كۆردۈم دىسەممۇ بۇلىدۇ. كوماندىدىكى ئەڭ تىرىشچان ئەزالار يەنىلا شۇ ئۈچ نەپەر قېرىندىشىمىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قانچە كىشىلا خالاس. بىزنىڭ دىققىتىمىزنىڭ مەيداندىكى فۇكۇس نوقتىسىمۇ دەل شۇ ئۈچ قېرىندىشىمىز. بىراق ئىچكىرىدىن چىققان بىر كوماندا بىز ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پۇتبولغا بولغان كۈچلۈك قىزىقىشىمىز شۇنداقلا شۇ ئۈچ نەپەر قېرىندىشىمىزغا بولغان كۈچلۇك مۇھەببىتىمىزدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ ئىقدىسادى مەنپەئەتىنى روياپقا چىقىرىشىغا بولمايدۇ. تۇنجى مەيدان مۇسابىقە بىلەت كىرىمى ئۇلارنىڭ بۇندىن كىيىنكى بىلەت باھا تەڭشىشىگە بىۋاستە تەسىر كورسىتىدىغان بولغاچقا كەڭ تورداشلا بۇجەھەتتە ئازراق جامائەت پىكىرى شەكىللەندۈرەلىگەندىلا ئاندىن كىيىنكى مەيدان مۇسابىقىلەردە ئازراق بولسىمۇ پۇللىرىمىز يانچۇقتا قالىدىغان گەپ. ھەر بىرسىمىزنىڭ 10 كويدىن پۇللىرى يېنىمىزدا قالسىمۇ 30، 40مىڭ ئادەمنىڭ نەچچە يۈزمىڭ دىگەن گەپ. شۇ پۇللار بىلەن ئۈندىدارلاردا مۇراجەتنامە چىقىرىپ ، كىسەل ئازاۋى تارتىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزدىن بىرەسىگە بولسىمۇ ياردەم قىلىپ ئۇلارنىڭ كىسەل كارۋىتىدىن قايتۇرۇپ كەلگىلى ، بۇ ئارقىلىق ئۇلارنى ئالەمشۇمۇل خۇشاللىققا ئىرىشتۈرگىلى بۇلىدۇ. ناۋادا بىلەت باھاسىنى 120يۈەن چىقىرىپ ، شۇ پۇلنىڭ 20 يۈەنىنى دۇختۇرخانىلاردىكى شۇ بىچارە پېقىرلارغا ئىئانە قىلىمىز دىگەن بولسا مانا مەن پۇتبولغا بولغان ئوتتەك ئىشتىياقىم بىلەن ئورۇق تۇققانلىرىمدىن تارتىپ باشلاپ كىرىپ مۇسابىقە كۈرەتتىم. بىراق بىز بۇ تومۇرىمىزنى تۇتىۋاتقان باھا بىلەن باشقىلارنىڭ چونتىكىنى توشقۇزۇشنى خالىمايمىز.
مەن بۇ يەردە ھەرگىز تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلماقچى ئەمەس، پەقەت خۇبېي خۇاكەيئېر كۇلۇبىنىڭ شىنجاڭ مەستانىلىرىنىڭ قىزىغىنلىدىن بۇنداق يوقۇرى باھا بىلەن پايدىلىنىشغا بولغان نارازىلىغىمنى بىلدۈرمەكچى خالاس. يەنە كىلىپ بۇ دىگەن شىنجاڭ! ھەرگىزمۇ ئىقتىسادى تەرەققى قىلغان ئىچكىرى ئەمەس. بۇ جاي بۇنداق قىزغىنلىقتىن پايدىلنىپ ئەڭ يوقۇرى باھادا بىلەت سېتىشقا ھەرگىزمۇ ماس كەلمەيدۇ.
شۇڭا كەڭ تورداشلارنىڭ ئۆزلىرى خالىغان مۇۋاپىق ئۇسۇل ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك نارازىلىق ساداسىنى ، بۇ ئارقىلىق بىلەت باھاسىنىڭ مۇۋاپىق تەڭشىلىشى ئارقىلىق ئۆزمەنپەئەتىنى قوغداپ ، كىيىنكى نەق مەيدان مۇسابىقىلەرنى ئازادە كەيپىيات بىلەن دوسلىرى بىلەن بىرگە ئولتۇرۇپ كۈرۈشىنى ئۈمىت قىلىمەن.
مەن ئەتىكى مۇسابىقىنى ئەسلى نەچچە ئاي بۇرۇنلا ئالدىن پىلانلاپ نەق مەيدا كۆرۈشنى كۆڭلۈمگە پۈككەن ئىدىم، بىراق خۇاكەيئېرنىڭ بىلەت باھاسىنى ئېلان قىلىش زىيارەت پىروگىراممىسىنى تېلۋىزوردىن كورگەندىن كىيىن ، بۇلارنىڭ ئىچكىرىدىن نىمىشقا بۇنچە تىزلا شىنجاڭغا كۇلۇپ يۆتكەپ چىققانلىقغىنىڭ سەۋەپلىرىنى ئازراق بولسىمۇ ھىس قىلغاندەك بولۇپ، ئۆيدە يانپاشلاپ يېتىپ شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ بىۋاستە تارقىتشىدىن كۆرۈشنى پىلانلىدىم. |
|