ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 983 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ سوئال سورىلىپ قاپتۇ، مەن بىلگىنىمنى دەپ باقاي، ھەر قايسى كۇلۇبلار شىركەتلەشكەن ھالەتتە، ئەمما شىركەت تۈزۈلمىسىنىڭ ئوخشىماسلىقى بىلەن بۇلارنىڭ يۈرگۈزىدىغان باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئوخشاش بولمايدۇ، مەسىلەن، مادرىتنى ئېلىپ ئېيتساق، مادرىت ئەزالىق تۈزۈلمىسىدىكى كۇلۇب، مادرىت ئەزالىرى ھەر يىلى مادرىتقا پۇل تاپشۇرىدۇ،ھەمدە بۇ ئەزالارنىڭ سانى ناھايىتى كۆپ، پۇل چىقارغانىكەن،ئۇلارنىڭمۇ بىر كىشىلىك كوماندا ئۈچۈن تاللاش ۋە ھۆكۈم چىقىرىش ھوقۇقى بار بولىدۇ،شۇنىڭ ئۈچۈن مادرىت رەئىس تاللىغاندا بارلىق ئەزالارنىڭ بىلەت تاللىشى ئارقىلىق بىر ئەزا ۋەكىل سۈپىتىدە مادرىت كوماندىسىغا رەئىس بولىدۇ،پۇتبولچى سېتىۋالغاندا بارلىق ئەزالاردىن يېغىلغان پۇلنى ئىشلىتىدۇ.رەئىس پەقەتلا بىر ۋەكىل خارەكتىرىدىكى ئادەم،كۇلۇب خوجايىنى ئەمەس، كوماندا خان جەمەتىگە مەنسۇپ، بۇ كوماندا سېتىلمايدۇ، ئەمدى يەنە بىر مىسالغا چېلسىينى ئالساق، چېلسىي بولسا شەخسىي شىركەت خارەكتىرىدىكى كوماندا، بۇ كوماندىنىڭ رەئىسى بۇ كوماندىنىڭ خوجايىنى بولىدۇ، يەنى ئابلاموۋىچ، بۇنداق كوماندىلار ئادەتتە توپچى سېتىۋالغاندا پۇلنى شۇ خوجايىن بولغان كىشى ئۆزى چىقىرىدۇ،مىلەنگە ئوخشاش، خوجايىنى پۇل چىقارماي تۇرىۋالسا،كوماندا بۇنىڭغا ئامال قىلالمايدۇ…دېمەك، بۇ ئىككى خىل تۈزۈلمە ئورتاقلىققا تەۋە تۈزۈم ۋە شەخسىيگە تەۋە تۈزۈم دېيىشكە بولىدۇ،ئىسپان بىرلەشمىسىدىكى كۆپلىگەن كوماندىلار ئورتاقلىققا تەۋە تۈزۈمدە، ئىنگىلاند بىرلەشمىسى ۋە ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكى كوماندىلار ئاساسەن شەخسىي كوماندىلاردۇر…يانفوندا بولغانلىقىم ئۈچۈن، تېخىمۇ تەپسىلىي يېزىشقا ئامالسىز قالدىم،باشقا ۋاقىتتا تەپسىلىي قىلىپ بىر تېما يوللارمەن |
|