ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 8573 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-2 22:08
ئۈرۈمچى ۋاقتى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدىكى كۆك بۈركۈت -لازىيو كولۇبى كوماندىدىكى گېرمانىيەلىك داڭلىق ھۇجۇمچى كىلوز بىلەن يەنە بىر يىللىق توختام ئۇزارتقانلىقىنى ئېلان قىلغان .كىلوزنىڭ توختام مۇددىتى 2015-يىلى يازدا تۇشىدىكەن .يىللىق ئىش ھەققى ئىككى مىليۇن بەش يۈزمىڭ ياۋرو بولغان .كىلوزنىڭ لازىيو كولۇبى بىلەن تۈزگەن ئەسلى توختامنىڭ ۋاقتى مۇشۇ پەسىلنىڭ ئاخىرىدا تۇشىدىغان بولۇپ ،يېقىندىن بۇيان چىققان خەۋەرلەردە ، كىلوز ئەمدى ئامېرىكا كەسپىي پۇتبول بىرلەشمىسىگە بېرىپ « ئالتۇن قېزىشى » ياكى گېرمانىيە بىرلەشمىسىگە قايتىپ كېتىشى مۇمكىن دىيىلگەن .ئەمما كىلوز يەنىلا لازىيودا قېلىشنى تاللىغان .يەنە بىرسى ،كىلوزنىڭ بۇ توختامىدا كېلەر يىلى بەلگىلەنگەن ۋاقىت تۇشۇپ ،مۇبادا كىلوز يەنە بىر يىل توپ تېپىشنى تەلەپ قىلسا بۇلىدىكەن .يەنى 2016-يىلغىچە توپ تېپىش ئىمتىيازى بېرىلگەن .بۇ چاغدا كىلوز دەل 38 ياشقا كىرىدىكەن .ئېھتىمال 2016-يىلى كىلوز يېشىل چىملىقتىن خوشلىشىشى مۇمكىن !
توپ تەپكۈچى تەرجىمىسى
|
|