- تىزىملاتقان
- 2011-2-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-5-5
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 8277
- نادىر
- 16
- يازما
- 8277
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-2 21:29
خەۋەرگە قارىغاندا ،2013-يىلى يازدا خان مادرىد كولۇبى كوماندىدىكى داڭلىق توپچى كىرىستىئانو رونالدونى سېتىپ ئارقىدىن بارسېلوناندىكى مېسسىنى 250 مىليۇنغا يۆتكەشنى پىلانغا ئالغان .مېسسىنىڭ دادىسى شۇ چاغدا خان مادرىد تەرەپكە رەھمىتىنى بىلدۈرۈپ ئۇلارنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىكەن .« كۈندىلىك تەنتەربىيە گېزىتى » نىڭ داڭلىق مۇخبىرى توررېېس بۇ ئىشنىڭ بەزى تەپسىلاتىنى ئاشىكارلىغان .يەنى شۇ ۋاقىتلاردا مېسسى بارسېلونا كولۇبىنىڭ رەئىسى روسسېلنىڭ سوغاق مۇئامىلىسىگە ئۇچىراۋاتقان چاغلىرى بولۇپ ،لېكىن مېسسى خان مادرىدنى رەت قىلغان .ھەمدە بارسېلوناغا مەڭگۇ سادىق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن .
2013-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى بارسېلونا كولۇبى نېيمار بىلەن توختام ئىمزالىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن ،روسسېل ئۆزىنىڭ شەخسى مۇناسىۋەت دائىرسىگە تايىنىپ تىياگو -سىلۋا ۋە داۋىد -لۇئىس قاتارلىق بىرازىلىيەلىك توپچىلارغا ئېرىشىنى ئۈمىد قىلغان .شۇنداقلا بۇلارغا قۇشۇلۇپ كوماندىدا بار بولغان ئارۋىس ،ئادىريانو قاتارلىق توپچىلار بىلەن رەسمىي بىرازىلىيە گۇرۇھى قۇرۇپ چىقىشقا تەييارلانغان .مېسسىنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى پىنتو ۋە ماسچىرانو بۇ ئىككى ماھىرنى ئىشىكنىڭ سىرتىغا چىقىرەۋتمەكچى بولغان .خان مادرىد مېسسىنى يۆتكەش خىزمىتىنى رەسمىي باشلىغان دەسلەپكى ۋاقىتتىلا مېسسى دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ « ياق ،رەھمەت سىلەرگە » دەپ كەسكىنلىك بىلەن رەت قىلغان .گەرچە مېسسى بارسېلونادا قالىدىغانلىقىنى ئۇچۇق ئېيتقان بولسىمۇ ، لېكىن خان مادرىد تەرەپ ۋاز كەچمەي مېسسىنى يۆتكەشنى بىرىنچى نىشان قىلىپ بېكىتكەن .
مادرىد رەئىسى فىلورىنتىنو مېسسىغا 250 مىليۇن باھا قۇيۇشتىن سەل بۇرۇن مانچېستىر بىرلەشمىسى 100 مىليۇن چىقىرىدىغانلىقى جاكارلىغان .فۇرگۇسىن چېكىنىش ئالدىدا ئىزباسارى مۇيىسقا راۋرۇس توپچىدىن بىرنى قالدۇرۇپ خاتىرجەم كەتمەكچى بولغان .خان مادرىد ئادىداس شىركىتىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ ،مېسسىنىڭ بارسېلوناندىكى نېك شىركىتىدىن ۋاز كېچىپ كوماندىغا قۇشۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان .بۇ خان مادرىدنىڭ ئا پىلانى بولۇپ ،بۇ پىلان ئەمەلگە ئاشمىغاندىن كېيىن ب پىلاننى ئىشقا سالغان .يەنى توتىنھامدىكى بېلنى يۆتكىگەن .( ئۆتكەن يىلى رونالدونىڭ ئىش ھەققى جىدىلى سەۋەبىدىن خۇشال ئەمەس ئىكەنلىكى توغۇرسدا ،شۇنداقلا مېسسىنىڭ بارسېلونادا يىتەرلىك قوللاشقا ئېرىشەلمەسلىك جەھەتتىكى كۆپلىگەن خەۋەرلىرى مۇنبەردە يوللانغان )
توپ تەپكۈچى تەرجىمىسى
|
|