ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 5772 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلقۇت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-2 07:27
2013 - 2014 - يىللىق ياۋروپا ئىتتىپاق لوڭقىسى مۇسابىقىسى ھەل قىلغۇچلۇققا كىرىش مۇسابىقىسىنىڭ ئىككىنجى ئۇچۇرشىش مۇسابىقىسى 2 - چىسلا سەھەردە باشلاندى ، نەتىجە تۆۋەندىكىچە :
يوۋۇنتۇس 0-0 بىنفىيكا
ياۋرۇپا ئىتتىپاق لوڭقىسىنىڭ يىرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە يوۋۇنتۇس ئۆز مەيدانىدا بىنفىيكا كۇماندىسىنى كۈتۈۋالدى،بۇ 90 مىنۇتلوق جەڭدە ھەر ئىككى كۇماندا كۈچەپ ئوينىغان بولسىمۇ توپ كىرمەي 0-0 ئاياقلاشتى،بۇلارنىڭ تۇنجى ئۇچىرىشىشتىكى مۇسابىقىسىدە2-1 نەتىجە بىلەن ئاياقلىشىپ ، بىنفىيكا ئۆز مەيدانىدا يوۋۇنتۇس كۇماندىسىنى ئوتقان ئىدى،موشۇ نەتىجە بىلەن يوۋۇنتۇس شالىنىپ بىنفىيكا كۇماندىسى ھەل قىلغۇچقا كىردى.
ۋالىنسىيا 3-1 سېۋىلىيا
يەنە بىر مەيدان ياۋرۇپا ئىتتىپاق لوڭقىسىنىڭ يىرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ئىسپانىيە ئىچكى ئورۇشىدا ۋالىنسىيا كۇماندىسى ئۆز مەيدانىدا سېۋىلىيا كۇماندىسىنى كۈتۈۋالدى،بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ۋالىنسىيا 90 مىنۇتلوق جەڭدە ئۆز مەيدانىداىكى ئىپادىسىنى جارى قىلدورۇپ 3 توپ ئورغان بولسىمۇ 5 مىنۇت قوشۇپ بىرىلگەن ۋاقىتتا سېۋىلىيا كۇماندىسى بىر توپ ئورۇشى بىلەن ۋالىنسىيا كۇماندىسى ساھىپخان مەيداندا توپ كەتكۈزۈپ قويغانلىقى ئۈچۈن ئىتتىپاق لوڭقىسىدىن شالىنىپ كەتتى، بۇلار ئالدىنقى ئوچۇرۇشتا سېۋىلىيا كۇماندىسى 2-0 ۋالىنسىيانى ئوتقان.
|
|