ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 8571 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-1 21:58
ئىسپانىيە تاراتقۇلىرى : مېسسى بولمىسا گۇئاردىئۇلا ھېچنىمە قىلالمايدۇ !
( توپ تەپكۈچى تەرجىمىسى )
گېرمانىيە ئارىئان پۇتبول مەيدانىدا بايرىن مىيۇنخىن كوماندىسى بىرلەشمە مۇسابىقىدىكىدەك ئۇيۇن قۇيالماي مادرىدنىڭ ئايىقىغا يىقىلدى .بۇلارنىڭ ئىپادىسىدىن بايرىن توپ مەستانىلىرى قاتتىق نارازى بولدى .گېرمانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىنى دىمەيلا قۇيايلى ،ئىسپانىيە تاراتقۇلىرى كەينى-كەينىدىن خەۋەر ئېلان قىلىپ گۇئاردىئۇلانى تەنقىد قىلدى .« خان مادرىد -بارسېلونا خەۋەرلەر تورى » مۇسابىقىدىن كېيىن « مېسسى بولمىسا گۇئاردىئۇلا سەن ھېچنىمە قىلالمايسەن .سېنىڭ بۇ كونا ئويناش ئۇسۇلۇڭنىڭ ۋاقتى ئۆتتى .مېسسى بولمىسا سەن بۇنداق چوڭ مۇسابىقىدە ئادەتتىكى تېرىنىر » دىگەن مەزمۇندىكى خەۋەرنى ئېلان قىلدى .
« بارسېلونا -مادرىد خەۋەرلەر تورى » نىڭ كۆرسىتىشىچە ،بارسېلونانىڭ ئالتۇن دەۋرىدە گۇئاردىئۇلا مېسسىدىن راۋرۇس پايدىلانغان .ھەمدە مېسسىنىڭ قالتىس ئىپادىسى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كەسپىي ھاياتىدىكى پارلاق باسقۇچلارنى كۈتىۋالغان .مېسسىدىن باشقا شاۋى ، ئىنىستا ، پۇيۇل قاتارلىق چولپانلارمۇ گۇئاردىئالانىڭ بارسېلونادا پارازىتلارچە ياشىشىغا تۈرتكىلىك رول ئوينىغان .بايرىنغا كەلگەندىن كېيىن بارسېلوناچە ئويناش ئۇسلۇبىنى كۈچۈرۈپ كېلىپ زېرىكىشلىك قىسقا پاس بىلەن بىرلەشمىدە بىر مەزگىل ھۈكۈم سۈرگەن بولسىمۇ ، بىراق ھەقىقى كۈچلۈكلەر بىەن ئۇچىراشقاندا بۇنىڭ رولى يوقلۇقى ئىسپاتلىنىپ قالغان .ھەتتا يېقىندا گېرمانىيەدىكى پۇتبول پىشىۋاسى بېكىنبور ئەپەندىممۇ گۇئاردىئۇلانىڭ تېرىنىرلىق تاكتىكىسىدىن گۇمانلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن .
ئىسپانىيە « كۈندىلىك تەنتەربىيە گېزىتى » نىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشچە ،گۇئاردىئۇلا بارسېلونادىكى ھەممە دەسمايىسىنى بۇ يەرگە كۈچۈرگەن .پەقەت مېسسىلا يوق ،توپ كونتورول قىلىش يۇقۇرى ،بىربىرىگە توپ يەتكۈزۈپ بېرىش كۆپ ،ئەمما قاپقىغا تەپكەن توپ ۋە توپ ئۇرۇش پۇرستىمۇ ناھايىتى ئاز ،مادرىد بولسا جاسارەت ،كۈچ ۋە سۈرئەت ، شۇنداقلا بىر نەچچە قېتىملىق قايتۇرما ھۇجۇم بىلەنلا توپ ئۇرۇپ يەڭدى .ئەگەر مېسسى بايرىندا بولغان بولسا گۇئاردىئۇلانىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقاتتى .توغرا ، بايرىن مىيۇنخىندا مېسسى بولغان بولسا خان مادرىدنى يېڭەتتى ......
|
|