- تىزىملاتقان
- 2011-3-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-5-5
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3231
- نادىر
- 1
- يازما
- 3231
|
مادرىد كوماندسى بەيرىن كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرگەندىن كېيىن بىر-قانچە رېكورتلار بارلىققا كەلدى. رونالدو ئۈچۈنمۇ بۇ پەسىل ناھايتى مول-ھوسۇللۇق پەسىل بولۇپ قالدى. ئۇ ئۇزغانلىق تارىخىدا ساقلىنىپ كىلىۋاتقان 14 توپ رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلاپ بۇ رېكورت دەرېجىسىنى 16 گە چىقاردى. بۇ ياۋرۇپا چېمپيونلۇق مۇسابىقىسىگە نىسبەتەن بىر قورقۇنۇشلۇق سان. بەلكىم بۇ رىكورت يەنە نەچچە ئون يىللاپ بۇزۇلماسلىقى مۇمكىن. رونالدو ھازىر ئۇزغانلىقتا 67 توپ ئۇرۇپ بولدى.
ھازىر مۇنداق بىر تەڭلىمە تۇزۇلگەن بولۇپ مېسسى ئىككى مۇسابىقە پەسلىدە ئۇرغان توپى رونالدونىڭ موشۇ يىلقى مۇسابىقە پەسلىدە ئۇرغان توپى بىلەن تەڭلەشكەن. مېسسى ئالدىنقى يىلدىكى مۇسابىقە پەسلىدە ۋە بۇ يىلىقى مۇسابىقە پەسلىدە ئوخشاشلا 8 توپ ئۇرغان.
2012-2013- يىللىق ئۇزغانلىق مۇسابىقىسىدە : رونالدو 12 توپ vs مېسسى 8 توپ
2013-2014-يىللىق ئۇزغانلىق مۇسابىقىسىدە : رونالدو 16 توپ vs مېسسى 8 توپ (رونالدونىڭ يەنە بىر مەيدان مۇسابىقىسى بار.)
رونالدو يېقىندا چىققان 44 مەيدان مۇسابىقىدە 49 توپ ئۇردى. ( بىرلەشمىدە 30 توپ، ئۇزغانلىقتا 16 توپ، شاھلىق لوڭقسىدا 3 توپ ) ھەر مەيدانغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1.11 توپتىن توغرا كەلدى. ئەلۋەتتە ئۇنىڭ بۇ سانلارنى ئاشۇرۇشقا يەنىلا پۇرسىتى بار. ( 2011-2012-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە 55 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 60 توپ ئۇرغان. ھەر مەيدانغا 1.09 توپتىن توغرا كەلگەن.)
ئەسكەرتىش: مەن بۇ تېمىنى مېسسىنى سوكۈش ئۈچۈن يازمىدىم. مەن مېسسىنىڭ تالانتىغا ئەزەلدىن قايىل. شۇڭا ئىنكاس يازغاندا قاراتمىلىققا ئىگە بولغان ئىنكاسلارنى يازمىساڭلار. مادرىد مەستانىللىرىنىڭمۇ باشقىلارنى ھۆرمەت قىلغان ئىنكاس يېزىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. )
|
|