akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1435|ئىنكاس: 32

مۇرىنھو تاكتىكىدا ئۇتتۇرۋەتتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
730_1240723_753554.jpg

ئاخشام ئېلىپ بېرىلغان چېلسى بىلەن مادرىد رىقابەت ئوتتۇرسىدىكى ئۇزغۇنلۇق يېرىم ھەل قىلغۇچنى ئەتىگەن تەپسىلي كۈرۈپ چىققاندىن كېيىن  مۇنبەردىكى بەزى مەستانىلەرنىڭ مۇسابىقىدن بۇرۇن ، مادرىد رىقابەت قوپال ئويناپ چاتاق چىقىرىدۇ دىگەن گەپلىرىنىڭ ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى يەنە بىر ھېس قىلدىم .بۇ مۇسابىقە پاكىز ئوينالغان .مادرىدنىڭ يېڭىشى ھەق بولغان .چېلسى نېمە سەۋەپتىن ئۇتتۇرۋەتتى ؟ مېنىڭ قارىشىمدا مۇرىنھو يەنە تۈگىلىۋالدى .مۇداپىئەنى ئاساسىي ئورۇنغا قويدى .تاكتىكىدا كېتىپ قالدى .
چېلسىنىڭ بۇ پەسىلدىكى بىر قانچىلىغان مۇسابىقىنى كۈرۈپ چىقىپ ئالغان تەسىراتىم شۇكى ،مۇرىنھو مۇداپىئەگە ھەددىدىن زىيادە كۈچەيدىغان بولۇپ كېتىپتۇ .يېقىندا ئوينالغان لېۋېرپول مۇسابىقىسدىمۇ ئوخشاشلا مەيدان كونتورولۇقىنى قارشى تەرەپكە تاشلاپ ئالدىنقى سەپتىكى توپچىلىرىنى كەينىگە چېكىندۈرۋەتتى .چېلسى ئىككى توپ ئۇرۇپ يەڭدى .ئەمما سىز شۇ ئىككى توپنىڭ قانداق كىرگەنلىكىنى بىلەمسىز ؟ لېۋېرپول كاپىتانى جىررادنىڭ سەۋەنلىكى بولمىغان بولسا بىرىنچى توپنىڭ كىرىشىمۇ تەس ،شۇنداقلا يەنە بىر توپ ئاخىرقى ۋاقىتلاردا لېۋېرپول پۈتۈن سەپ بويىچە ھۇجۇمغا ئۆتكەندە چىققان يۇچۇق ئارقىلىق كىرگەن .ئېۋېرتون بىلەن ئوينالغان مۇسابىقە بۇنىڭ يەنە بىر تىپىك مىسالى ! مۇرىنھونىڭ بۇرنىغا يەنە سۇ كىرمىدى .ھەرقانداق داڭلىق تېرىنىرنىڭ تاكتىكىدا كېتىپ قالىدىغان ۋاقتى بولىدۇ .بۇ پەسىل مۇرىنھو بىرلەشمىدە مۇشۇ تاكتىكىسى بىلەن خېلى ئۈنۈم ھاسىل قىلدى .چىمپىيۇن بولۇش ئېھتىمالى يوقمۇ ئەمەس ! بىراق ئۇزغۇنلۇقتا بۇنداق بولۇشىنى ئويلاپ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن !
ئەمدى بۈگۈنكى مۇسابىقىگە قايتىپ كېلەيلى .رامېرىس بىلەن داۋىد لۇيىس قايسى ئورۇندا ئوينىدى ؟ ئارقا بەل ،مادرىد ئوتتۇرا مەيدانى بۇلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ كەتتى .ئەڭ چاتاق يېرى ،ئۆلچەملىك پاس بىلەن تورىېس بىر توپ ئۇرغاندىن كېيىنلا مۇرىنھو قاتتىق خاتالاشتى .مۇسابىقە كۆرگەنلەرگە ئايان ،توپ كىرگەندىن كېيىن چېلسى ئالتە بېك ئويناپ كەتتى .بىر توپ ئىشەنچىلىكمۇ ؟ تېخى ئۆز مەيدانىدا ؟ ئېھتىمال مۇشۇنداق ئويناپ ۋاقىتنى بىر يەرگە ئاپىرىمىز دەپ ئويلىغان بولۇشى مۇمكىن ! ھۇجۇمغا بىرسىنى چىقىرىپ قۇيۇپ ئوتتۇرا مەيداننى ئېچىپ بېرىپ بەرسە قارشى تەرەپ قانداق ئوينايدۇ ؟ سىمونىنىڭ ئەسكەرلىرى مانا مۇشۇنداق شارائىتتا ئەركىن ھالەتتە بېسىپ ئويناپ غەلبە قىلدى .( مەنبە -توپ تەپكۈچى )
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-1 15:49:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاتتىق تەھلىل قىلدىغان بۇلۇپ قاپسىز،،،جاڭلۇ نىڭ ئۇرنىدا مۇسابىقە چۇشەندۇرسىڭز بۇلدىكەن،،،
بۇ مۇسابىقدە مۇرىنۇنىڭ قۇلدا تۈزۈك كۇزۇر يۇق بۇلۇپ قالدى خالاس،،،،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-1 15:52:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخشام بىرسى چېلسى ئۇتتۇردۇ ،قىمار شىركەتلىرنىڭ قارا   قولى بار ، دىسە ئىشەنگۈم كەلمىگەن ،بىراق راسلا ئۇتتۇرۋېتىپتۇ .   راست شۇندامىدۇ ياكى تاكتىكا سەۋەنلىكىمۇ ؟  

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +5 يىغىش سەۋەبى
سۈبھى + 5 قوللاش!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-1 15:54:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇغرا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-1 15:55:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلى چىلىسى 36 مىنوتتا تورىس بىر توپ ئۇرغاندا تۈگۈلۋالغان بولسا 1-0 پىتى چىقىپ كىتىشىمۇ مۇمكىنتى.. ئەپسۇس مورىنئو بۇ مۇسابىقىدە قاتتىق تەۋەككۇلچىلىق قىلىۋەتتى...ھۇجۇم ئويناش يەنە توپ كىرگۈزۈش ئىستىكى چوڭ بولدى....ئېيتۇنىڭ سەۋەنلىكى بىلەن مۇسابىقىنىڭ نەتىجىسى بەلگىلىنىپ قالدى. چىلىسى ھۇجۇمچىسى يوق ھالەتتە مۇشۇ يەرگىچە چىپىپ كەلگىنى خېلى ياخشى نەتىجە دەپ قارايمەن...بۇ يىل ھۇجۇم سىپىنى كۈچلەندۈرسە كىلەر يىل بەلكىم چىلىسى تېخىمۇ ياخشى بوپ كىتىشىمۇ مۇمكىن......
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-1 15:58:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاكتىكىدا ئۇتتۇردى دىگەن قاراشقا تامامەن قوشىلىمەن.ئەمما بەكلا تۈگۈلىۋالدى دەپ كىتىشكىمۇ بولمايدۇ.ئەسلى بىر توپ ئۇرغاندىن كىيىن لىۋىرپولغا تۈگلىۋالغاندەك تۈگۈلىۋالغان بولسىمۇ بىر گەپ بولاكەن.مۇداپىيەدە ئىغىر خاتالىق باكەن.بولۇپمۇ ئوتتۇرا مۇداپىيەدە يوچۇق بەك ئىچىلىپ كەتتى.ئوتتۇرا مەيداندىكى ماسلىشىش ناچار.خازارتمۇ تازا ئىچىلىپ بىرەلمىدى.يىغىپ ئىتقاندا مورىنىيۇ ساھىپخانلىق ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرالمىدى.رەقىبىدىن قورققاندەك مۇسابىقە ئوينىدى.ئۆزىنىڭ بىر زەردار قوشۇنلىقىنى ئۇنتۇپ قالدى.ئەمەليەتتە چىلسىنىڭ ئوتتۇرا مەيدان توپچىلىرى ئاتلىتكىدىن كۆپ ياخشى.شۇ پەقەت ئالدى ھۇجۇمچىلىرى سەل قىرىپ قالدى.ھەركىتى ئىغىر.توپ بىر تەرەپ قىلىشى ئاستا.ئوتتۇرا مەيدان ۋە ئىككى قاناتتىن بەكرەپ پايدىلانغان بولسا ئۇتقىلى بولىدىغان مۇسابىقىتى دەپ قارايمەن.توررىسنىڭ ئۇرغان توپىمۇ دەل شۇ يان تەرەپتىن ۋىللىيەننىڭ تۆھپىسى بىلەن كىرگەن ئىدى.دەسلەپتىلا ئىككى تەرەپتە شۈرلى بىلەن خازارت بوپ كەتكەن بولسا ئاتلىتكىنى ئوبدانلا قىيناپ قوياتتى ئەسلى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-1 16:01:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياق ياق ، مورىنىخو ھەرگىز خاتالاشمايدۇ ، ئۇنىڭ قىلغىنى مەڭگۈ مۇتلەق توغرا ، بەلكىم ئۇ قەستەن ئۇتتۇرۇپ بەرگەن بولۇشى مۇمكىن ، ئۇنىڭ ئويلىيالايدىغىنى بەك كۆپ ، ئۇنىڭ تەلۋە دېگەن نامى تۇرسا .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-1 16:04:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مورىنىيۇ بۇ پەسىل لوڭقىسىسز قالدى.بىرلەشمىدىمۇ ئاساسى جەھەتتىن ئۆمۈت يوق.ئەمما ھۇجۇمچى كەمچىل،قىرى توپچىلا كۆپ بولغان ئەھۋال ئاستىدا ھىلىمۇ كۆپ چاپتى.بۇ يىل تەلۋىنىڭ ئالغان نەتىجىسى بولسا بىرلەشمىدە كۈشلۈكلەگە بىر مەيدانمۇ ئۇتتۇرماسلىق،شەھەر ۋە لىۋىرپولنى قوش بوغۇزلاش. ئۇزغۇنلۇقتا 4كۈشلۈككە كىرىش بوپتۇ. مىنىڭچە ئابلاباي بۇ يىل مۇشۇ نەتىجىدىن رازى بوپ تۇرىدۇ دەپ قارايمەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-1 16:10:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس ئېتراپ قىلماي بولمايدۇ،  ئۇز مەيدانىىدىمۇ  5بىك  چىقىرامدۇ دەيمەن، ئەسلى ئاشلىكولنىڭ ئىزىدا ئازپۇلىتا ئوينۇتۇپ ئوڭدا ۋېليام ئوتتۇردا  ئوسكارنى جىقارغان بولسا نەتىچە ھازىرقىدەك بولماستى بەلكىم. ئاخشامقى سەپ شەكلىنى كۇرۇپ بىر شۇملۇقنى سەزگەن
كېلەر يىل كوماندىنى قايتا بىر تەشكىللىمىسە بولماپتۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-1 16:12:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-1 16:15:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-1 16:18:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 20:12

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش