ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 255 |
جۇغلانمىسى: 2346 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !!!
مانا كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بۇ ئىللىق ماكانىمىز 7 ياشقا كىرىپ قاپتۇ ، 2007 - يىلى 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنى رەسمىي ئېلان قىلىنغاندىن تارتىپ تا بۈگۈن 2014 - يىلى 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنى دەل 7 يىللىق قۇتلۇق كۈننى كۈتىۋېلىپ ئولتۇرۇپتىمىز ، يىللار نېمىدىكەن تېز ئۆتكەن ! نۇرغۇن ئىسسىق - سوغۇقلارنى باشتىن كەچۈرۈپ 7 - يىلىغا قەدەم قويۇپ تۇرۇپتۇق ، اللە خالىسا 10 يىل 15 يىل ھەتتا 50 يىلغا قەدەم قويغايمىز !
مۇشۇ 7 يىل جەريانىدا مۇنبەر ئۈچۈن ئۈن - تىنسىز تۆھپە قوشىۋاتقان جاپاكەش باشقۇرغۇچىلار شۇنداقلا ئىناق ئەزالىرىمىزغا چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز ، سىلەرسىز بۇ 7 يىل مەۋجۇد بولماس ئىدى !
بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بارلىق دوستلارنىڭ ئىناق - ئىجىل ئۆتۈپ ، مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىنى ، پۇتبول مۇنبىرىنى تېخىمۇ ئىللىق ماكانغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز !
بۇ تېمىدا تەلەيلىك قەۋەتلەر بار ، تەلەيلىك قەۋەتلەرنى ئۆزىمىز تاللايمىز ھەم تىللا سوۋغا قىلىمىز ، كۆپ ئىنكاس يازغانلارنىڭ قەۋىتى ئىناۋەتسىز بولىدۇ . قەۋەت تالاشماي تىللاغا ئىرىشمەكچى بولسىڭىز مۇنبەرگە ھەقىقىي يۈرەك سۆزىڭىزنى ۋە تەكلىپ پىكىرلىرىڭىزنى بايان ئەيلىسىڭىزمۇ تىللاغا ئىرىشەلەيسىز !
|
|