akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 7181|ئىنكاس: 111

چىمپيونلۇق بىرلەشمىسى خەۋىرى ( داۋامى )

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مىراس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-2 12:19  

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن !



ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !


چېلسىي 3:1 مادرىد ئاتلېتكا




ئۈرۈمچى ۋاقتى 1-ماي كۈنى تاڭ سەھەر 00:45 مىنۇت ئۆتكەندە ياۋروپا چىمپيۇنلۇق بىرلەشمىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ ئىككىنچى ئۇچرىشىشى چېلسىي بىلەن مادرىد ئاتلېتكىنىڭ ئارىسىدا سىتانفورد تەنتەربىيە مەيدانىدا ئوينالدى ، ئالدىنقى قېتىملىق ئۇچرىشىشتا بۇلار 0:0 تەڭلەشكەن ئىدى ، مۇسابىقە باشلىنىپ 37-مىنۇتقا كەلگەندە چېلسىي كوماندىسى توررىسنىڭ بىر توپ ئۇرۇشى بىلەن نەتىجىدە ئالدىغا ئۆتتى ، ئالدىنقى مەيدان ئاياغلىشىدىغانغا بىر مىنۇت قالغاندا ئاتلېتكىدىن ئادرىيان لوپىز بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى ، ئالدىنقى مەيدان 1:1 ئاياغلاشتى .
كېيىنكى مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ مۇسابىقىنىڭ 60-مىنۇتىغا كەلگەندە مادرىد ئاتلېتكا كوماندىسى بىر نۇقتا توپقا ئېرىشىپ بۇ توپنى كوستا ئۇرۇپ كىرگۈزدى ، 72-مىنۇتقا كەلگەندە ئاتلېتكىدىن تۈركىيەلىك ماھىر ئاردا تۇران بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى ئاساسەن مۇقىمدىدى ، شۇنىڭدىن كېيىن چېلسىي كوماندىسى كۈچلۈك ھۇجۇملارنى قىلغان بولسىمۇ ئاتلېتكا قاپقاۋۇلى كورتۇۋانىڭ ئىسىل ئىپادىسى بىلەن نەتىجىنى ئۆزگەرتىشكە قادىر بولالمىدى . نەتىجىدە ئۇمۇمىي نۇمۇردا 3:1 نەتىجە بىلەن مادرىد ماھارەت كوماندىسى ھەل قىلغۇچقا كىرىپ كەتتى .
ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە رېئال مادرىد كوماندىسى بىلەن ئاتلېتكا مادرىد ئارىسىدا ئۈرۈمچى ۋاقتى 25-ماي تاڭ سەھەر 00:45 تە پورتۇگالىيە پايتەختى لىسسابوننىڭ نۇر مەيدانى ( Estadio da Luz ) دا ئېلىپ بېرىلىدۇ .


مۇسابىقە رەسىملىرى










مۇسابىقە جەۋھىرى


باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +50 يىغىش سەۋەبى
mahbusman + 50 ئاللاھنىڭ رەھمىتى بول.

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-1 06:42:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق قىلىپ چىلسى شاللاندى....؟  ھەي  ئەمدى بۇ گۇيلارنىڭ ئەدىپنى خەپ .....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-1 07:08:13 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋوي  ماۋۇ  كىچىك  مادرىدنى  ،   چوڭ  مادرىدتىن  ئۇزغۇنلۇقنى  تارتىۋالامدۇ  نىمە  ،  ھەجەپ  يامان  چىكەتتا  بۇلار  ،  بىرلەشمە  لوڭقىسىغىمۇ  مۇشۇلا  ئەڭ  يېقىنلاشتى  ،  ئۇزغۇنلۇققىمۇ  شۇ  ،  مادرىدقا  خېلى  جاپا  سالغۇدەك  بۇلا  ،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-1 07:18:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېلىمۇ شاھلىقنى ئىلىۋاپتۇقكەن ، بولمىسا ئۇچ شاھ بولىمىز دەپ كۆچا كويلاردا داۋراڭ سېلىپ يۈرەتتى
ئا . مادرىد   .
گىرمان نوچىلىرىنى مادرىد ۋەيران قىلدى .
ئىنگىلانىد نوچىلىرى بىلەن بارسېلونانى ئا . مادرىد ۋەيران قىلدى .
ئەمدى كېلىپ ئىككىسى تار يولدا ئۇچىراشتى ، نېمە دېگەن مەنىلىك مۇسابىقىلەر بۇ .
ئەمدىكى مۇسابىقىنى +18 ، يۈرەك كېسىلى بارلار كىرمەڭلار دەپ يېزىپ قويۇپ مۇسابىقە ئوينايدىغان يەرگە كەلدى . بىرىسى 12 يىل ساقىلىغان يەنە بىرسى 42 يىل ساقلاپتۇ . ئەمدى ساقلاشقا تاقتىمىز يوق دەپلا تۇرىدۇ .

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-1 07:28:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەبرار يوللىغان ۋاقتى  2014-5-1 05:18
ھېلىمۇ شاھلىقنى ئىلىۋاپتۇقكەن ، بولمىسا ئۇچ شاھ بولىم ...

ئاۋۇ 42 يىل ساقلىغىنى يېرىم ھەل قىلغۇچقا ساقلىغان ئىش ، مادرىد ماھارەت قۇرۇلۇپ ئوزغۇنلۇق لوڭقىسى ئېلىپ باققىنى يوق ، كوستانىڭ ئاۋۇ دېگەن گېپىنى كۆردۈڭمۇ ؟ « بۇ لوڭقىنى قولغا ئېلىش ئۈچۈن ھەرقانداق ئىشتىن يانمايمىز .» دەيدۇ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-1 07:31:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتلىتكا  مادرىترىتتىن لوڭقىنى تارتىۋالامدۇ نىمە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-1 07:35:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1-ئۇچىرشىشقا بوش قاراپ،مەيدىنىمغا ئەكىلىپ ياسايمەن دىگەن  مو چاۋاش بىلەن گو تاز يەر چىشلىدى،ئەمدى بۇ ئىككىسىمۇ كاللىسىنى كونا شان-شەرەپلىرىدىن تارتىپ چىقىرىدىغان يەرگە كەلدى! غوجامنىڭ غوجىسى بار جاھان بۇ!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-1 07:35:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   missi2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-1 07:45  

مادرىد ئاتلىتىكا قالتىس ئوينىۋەتتى،بۇ يىل مادرىد ئاتلىتىكا  لوڭقا ئېلىشقا لايىق ئوينىدى
بۇلتۇر ئىككى گېرمان تانكىسى ئىس چىقارغان بولسا بۇ يىل ئىككى ئىسپان بۇقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە چاڭ چىقىرىۋىتىدىغان بولدى

سىمونىنىڭ داڭقى بىراقلا يۇقىرى كۆتۈرلۈپ كەتتى مانا،تەلۋىلىكتە  مومەشقاۋۇلدىن ئېشىپ چۈشتى بۇ
ئاردا تۇران توپنى ئۇرۇپ بولۇپ سەجدە قىلغان كۆرۈنۈش ھەقىقەتەن ئېسىل
توررىس قانداقلا بولمىسۇن بىر توپ ئۇرۇپ قويدى ئەمما مورىنئونىڭ چىقارغان بارلىق قېرى-چۆرى ھۇجۇمچىلىرى ئاتلىتىكىنىڭ ئەزالىرى ئالدىدا كۆپ تىرىشقان بولسىمۇ نەتىجىنى ئۆزگەرتەلمىدى
مادرىد ئاتلىتىكا شاللاش باسقۇچىدا مىلان،بارسىلونا،چىلسى قاتارلىق كونا ماركىلىق داڭلىقلارنى مەغلۇپ  قىلىپ لىسسابونغا كەلدى
رىئال مادرىد بولسا شالىك04،دورتمۇنىد،بايرىن قاتارلىق گېرمانىيە تانكىلىرىنى مەغلۇب قىلىپ لىسسابونغا كەلدى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-1 07:44:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاردان تۇران سەجدە قىلدىما  ۋاھنىمدىگەن ئىسىل كۆرنۈش.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-1 07:47:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لاچېن يوللىغان ۋاقتى  2014-5-1 07:44
ئاردان تۇران سەجدە قىلدىما  ۋاھنىمدىگەن ئىسىل كۆرنۈش.[s ...

شۇنداق ،ئۇنىڭ ئىپادىسى بەك ياخشى بولدى،دىمبابامۇ توپ ئۇرغان بولسا ئۇمۇ سەجدە قىلاتتى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-1 07:50:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇسابىقى كۆرمەندەپ شۇنداق قىلساممۇ ئۇخلاپ قاپتىمەن . توۋا ساھىپخان كوماندىلىغا نىمبولاتقاندۇ بۈگۈنكى مۇسابىقە خەۋىرنى كۆرۈپ توۋا دەپلا قالدىم
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-1 08:04:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
jasur007 يوللىغان ۋاقتى  2014-5-1 01:28
ئاۋۇ 42 يىل ساقلىغىنى يېرىم ھەل قىلغۇچقا ساقلىغان ئىش  ...

پىپى بىلەن راموس ئاشۇ لوڭقا ئۇچۇن ئاز كۈچىمىدى ، ئاسانلا ئۇلارغا تۇتقۇزۇپ قويمايدۇ .
ھەر ئىككى كوماندا تېرىشپ تېرىمىشىپ مۇشۇ يەرگە كەلدى ، بىر-بىرىدىن يانامتى .
راست گەپنى دېسەم ئەسلى بۈگۈن چىلسىنىڭ ئۇتىشىنى خىلىلا ئۈمۈد قىلغانتىم ، چۈنكى مادرىد بىلەن ئاتلتكو ئاسان ئوينىمايدۇ ، لۇڭقىنى ئالدۇق دېگەن تەغدىردىمۇ نەچچە ئادەم يارلىنىپ ، دۇنيا لۇڭقسىدىن خۇشلىشىشى مۇمكىن . بۇ بىر دۆلەت ئۇچۇن ئېغىر بەدەل بولۇپ كېتىدۇ .
ھازىر مانداق پەرەز قىلىپ باقسام ، مۇنۇ شېئىردىكى ، تېزىقلارغا تازا ماس كەلگۇدەك

ئاقاغان يۈز، قىيىلغان قاش، قۇيۇلغان ياش،
كېسىلگەن باش، چۇۋۇلغان چاچ، تۆكۈلگەن قان،
تىتىلغان تەن، تۈرۈلگەن مۇشت، كىرىشكەن چىش،
پۈتمەس غەزەپ ئىزى بولۇپ چىقتى بۇ جان.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 06:53

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش