akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 439|ئىنكاس: 6

30-ئاپرېل خوتەن ئۇدۇن لۇڭقىسى ۋاسكىتبول مۇسابىقىسى خەۋىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
    QQ图片20140501025004.jpg
  ئۇيغۇر ۋاسكىتبول تورىنىڭ 30-ئاپرېل خەۋىرى؛   2014-يىلى4-ئاينىڭ 30-كۈنى كەچ،  خوتەن ۋىلايەتلىك ۋاسكىتبولچىلار جەمئىيىتى، خوتەن ئۇدۇن ئىلىكتىر ئۈسكۈنىلىرى ئۆي جازىلىرى شىركىتى تەشكىللىگەن  « خوتەن ئۇدۇن لۇڭقىسىنى تالىشىش ۋاسكىتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى »  خوتەن شەھرىدىكى خوتەن ۋىلايەتلىك ياش-ئۆسمۈرلەر پەن تىخنىكا مەدىنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيەت مەرگىزى ۋاسكىتبول مەيدانىدا داۋاملىق ئىلىپ بىرىلدى.
    بۇ قىتىمقى ئەل ئىچى تەكلىپ مۇسابىقىسىگە، يىقىندا دۆلەت ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىغا تاللانغان، شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى،  پەخىرلىك ئۇيغۇر ۋاسكىتبول چولپانىمىز شىرئەلىجان مۇختەر، قىرغىز يىگىتى قىرانبەك،  شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى مەردان تۇرسۇن، شەنشى ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ئۇيغۇر ئەزاسى مۇرات ئادىلجان،  قاتارلىق داڭلىق ۋاسكىتبولچىلىرىمىز تەكلىپ قىلغان كوماندىلارغا ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە قاتناشتى.
  بۈگۈن كەچ  ئىلىپ بىرىلغان  ئىككى مەيدان مۇسابىقىدە  قىرغىز يىگىتى قىرانبەك يىتەكچىلىگىدىكى خوتەن دىلپاك كوماندىسى 104- 71 نەتىجە بىلەن شىنجاڭ بايتۇرا  كوماندىسىنى ، شىرئەلىجان مۇختەر، مۇرات ئادىلجان، خەنلىي يىتەكچىلىگىدىكى  ئۇدۇن ئىلىكتىر ئۈسكۈنىلىرى ئۆي جازىلىرى شىركىتى كوماندىسى 74-53 نەتىجە  بىلەن خوتەن پىداگوگىگا ئالى تىخنىكومى كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.
  ئىگەللىنىشىچە؛   بۇ قىتىمقى مۇسابىقە ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى بۇيىچە كۈلىمى چوڭ، سەۋىيەسى بىر قەدەر يۇقۇرى بولغان ۋاسكىتبول مۇسابىقىسى بۇلۇپ قالىدىكەن.
  مۇسابىقە ۋاقىت ئۇرۇنلاشتۇرۇشى ئۇرۈمچى ۋاختى ئەتتىگەن سائەت 00؛9 -00؛12 غىچە ئىككى مەيدان، چۈشتىن كىيىن 00؛2-00؛5 غىچە ئىككى مەيدان، كەچ 00؛7 - 30؛10 غىچە ئىككى مەيدان، پۈتۈن كۈندە جەمئى 6 مەيدان مۇسابىقە ئىلىپ بىرىلىدىكەن.

ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛ http://waskitbol.com/portal.php  

QQ图片20140501024611.jpg QQ图片20140501024628.jpg QQ图片20140501024649.jpg QQ图片20140501024659.jpg QQ图片20140501024708.jpg QQ图片20140501024714.jpg QQ图片20140501024720.jpg QQ图片20140501024733.jpg QQ图片20140501024844.jpg QQ图片20140501024929.jpg
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-1 07:41:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىرئەلى دىگەن بالا قايسى كوماندىدا ئوينىغاندۇ باللا.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-1 09:39:05 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاجايىپ قىززىپ قويىدۇ جۇما شورباغدا مۇسابىقە...مەكتەپتە ئوقۇيدىغان چاغدا تامدىن ئارتىلىپ بىرىپ كۆرۈپ كىلەتتۇق...ۋاسكىتبولغا بىركىشلىك ھەۋىسى باتى...مىجىت جوردان ،ئىرشات مۇئەللىمنىڭ كوماندىسىنى يىڭىپتىدە شېرئىلى...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-1 10:51:55 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەل قىلغۇچ  قاچان باشلىنىدۇ?  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-1 10:54:38 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەمپۈت يوللىغان ۋاقتى  2014-5-1 09:39
ئاجايىپ قىززىپ قويىدۇ جۇما شورباغدا مۇسابىقە...مەكتەپت ...

ئېرشات مۇئەللىم ئۇدۇننى يېتەكلەۋاتىدۇ
مىجىت مۇئەللىم پىداگوگىكىنى …… ئېرشات مىجىتنى يەڭدى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-1 14:11:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-1 18:14:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      خوتەن ئۇدۇن لوڭقىسى ۋاسكىتبول مۇسابىقىسى 30-ئاپرېلدىكى سېن فىلىمى






پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 22:33

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش