ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 8122 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
بۈگۈن سەھەردىكى مادرېد -بايرېن مۇسابىقىسىدە مادرېد غەلبە قىلىپ ئارىدىن 12 يىل ئۆتكەندىن كىيىن يەنە بىر قېتىم چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسى ھەلقىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قەدەم قويدى . بۇ مۇسابىقىدە مۇئاۋىن كاپىتان راموس ئىككى توپ كىرگۈزۈپ قىساس ئېلىشنى تاماملىدى .
ئىككى يىل بۇرۇنقى ئۇزغۇنلۇق يېرىم ھەلقىلغۇچ مۇسابىقىسىدە مادرېد بىلەن بايرېن 3-3 نەتىجە بىلەن تەڭلىشىپ قېلىپ نوقتا توپ تىپىشكەن . ئەينى ۋاقىتتا راموس نوقتا توپنى قاپقىغا تىپەلمەي ئاسمانغا ئۇچۇرىۋەتكەن . شۇ مۇسابىقىدىن كىيىن زىيارەتنى قۇبۇل قىلغان بايرېن قاپقىچىسى نويىر خۇشاللىقىدا : ‹‹ مەن راموسنىڭ توپنى ئۈستىگە قاراپ تىپىشنى ياخشى كۈرىدىغانلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن . ›› دەپ مەسخىرە قىلغان . ئۇ ۋاقىتتا راموس دەرھال ئىپادە بىلدۈرمىگەن ، بىراق بايرېن ھەلقىلغۇچ مۇسابىقىدە چىلسىغا ئۇتتۇرۇپ قويغاندىن كىيىن راموس ئالاقە تورىدا : ‹‹ مەن دوستۇم توررېس بىلەن ماتانى تەبرىكلەيمەن ، ئۇلار چىمپىيۇن بولدى ، بايرېن تەرەپتىن روبېېننى تەبرىكلەيمەن ، ئۇنىڭ ئىپادىسىمۇ قالتىس بولدى . ئاخىرىدا دەيدىغىنىم نويىرنىڭ بۇنداق ئىسىل ئىتىلى بارلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن ، مۇسابىقىدە قارشى تەرەپكە بەكلا تەكەللۇپ قىلىپ ئۇتتۇرۇپ بىرىدىكەن . ›› دەپ يازغان .
2012-يىلى ياۋرۇپا لوڭقىسى مەزگىلىدە راموس ئۇچۇق-ئاشكارە گېرمانىيە بىلەن تۇتۇشۇپ باققۇسى بارلىقىنى ، گېرمانلارغا ئۆز كۇماندىسىنىڭ قانداقلىقىنى بىلدۈرۈپ قويماقچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ، بىراق شۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە ئىسپانىيە گېرمانىيە كۇماندىسى بىلەن ئۇچۇراشمىغان . گېرمانىيە كۇماندىسى يېرىم ھەلقىلغۇچ مۇسابىقىدە ئىتالىيە تەرىپىدىن شاللىنىپ كەتكەن ، ئىتالىيە كۇماندىسى بولسا ھەلقىلغۇچ مۇسابىقىدە ئىسپانىيە كۇماندىسىن 4 توپ ئىستىمال قىلىۋالغان . بۈگۈن سەھەردىكى بايرېن بىلەن بولغان مۇسابىقىدە راموس نويىر ساقلىغان بايرېن قاپىقىسىغا ئىككى توپ ئۇرۇپ ئۇزۇندىن بېرىپ قىلماقچى بولغان ئىشىنى تەلتۈكۈس قىلدى ، يەنى نويىرغا ئۈزىنى كۆرسىتىپ قويدى .
مۇسابىقىدىن كىيىن راموس زىيارەتنى قۇبۇل قىلىپ :‹‹ بىرىنجى توپنى ئەڭ ياخشى دوستۇمغا بېغىشلايمەن ، ئۇنىڭ ئاپىسى يېقىندىلا ئالەمدىن ئۆتكەن ئىدى . ئىككىنجى توپنى دادامغا بېشىغلايمەن . ئۇزغۇنلۇق ماڭا ئىككى توپ قەرىز ئىدى ، بىرسى ئىككى يىل بۇرۇن ئۇرالماي ئاسمانغا چىقىرىۋەتكەن نوقتا توپ ، يەنە بىرسى كائىن بار ۋاقىتتا كىرگۈزگەن توپ ، ئۇ توپنى خاتا ھالدا ئىناۋەتسىز قىلىۋەتكەن ئىدى . مەن ھەلقىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرگەنلىكىمىزدىن ناھايىتى خۇشال ، لېبسۇندىكى ھەلقىلغۇچ مۇسابىقە بىر ئارزۇ ، بىز ئۇ ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرشىمىز كىرەك .›› دىدى .
|
|