akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 13396|ئىنكاس: 390

چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى خەۋىرى ( 2014.04.30 )

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئۈلكەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-30 06:01  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ...

قارشى تەرەپ مەستانىللىرىنى ھۆرمەت قىلغان ئاساستا ئىلمى مۇنازىرە قىلىڭلار.



1.jpg


2013 - 2014 - يىللىق ياۋروپا چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمە لوڭقىسى مۇسابىقىسى ھەل قىلغۇچلۇققا كىرىش مۇسابىقىسىنىڭ ئىككىنجى ئۇچۇرشىش مۇسابىقىسى 30 - چىسلا سەھەردە باشلاندى ، نەتىجە تۆۋەندىكىچە :


بايرېن    0   -  4     مادىرىد

1.png

2.png

مۇسابىقە يىغىندىسى :

   16 - مىنۇتتا مادىرىد بىر بۇلۇڭ توپقا ئېرىشىپ راموس كاللا بىلەن ئۈسۈپ كىرگۈزدى .
   20 - مىنۇتتا مادىرىد بىر ئىختىيارى توپقا ئىرىشىپ بۇ توپنىمۇ راموس ئۈسۈپ كىرگۈزدى .
   34 - مىنۇتتا بېل ياردەمچى پاس بىرىپ بۇ توپنى رونالدو ئۇرۇپ كىرگۈزدى .
   89 - مىنۇتتا رونالدو ئىختىيارى توپقا ئىرىشىپ بىۋاستە ئۇرۇپ كىرگۈزدى .

   ئىككى كوماندىنىڭ تۇنجى ئۇچىرىشىشتىكى مۇسابىقىسى 1:0 نەتىجە بىلەن ئاياقلىشىپ ، مادىرىد ئۆز مەيدانىدا بايرىننى ئۇتقان ئىدى . بۇ مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 16 - مىنۇتقا قەدەم قويغاندا مادىرىد بىر بۇلۇڭ توپقا ئېرىشتى ۋە بۇ توپنى مۇدىرىچ كۆتۈرگەن بۇلۇپ ئوتتۇرا بېك راموس ۋاراتاردىن ئالتە مىتىر يىراقلىقتىن كاللا بىلەن ئۈسۈپ كىرگۈزدى . 20 - مىنۇتقا قەدەم قويغاندا بېل ئوڭ تەرەپتىن كەلگەن ئىختىيارى توپنى چەكلەنگەن رايون ئىچىگە تاشلىدى ۋە بۇ توپنىمۇ راموس ئۈسۈپ كىرگۈزدى . 34 - مىنۇتتا مادىرىد يەنە بىر قايتۇرما ھۇجۇم پۇرسىتىگە ئېرىشىپ بېل بەرگەن ياردەمچى پاسنى رونالدو ئۇرۇپ كىرگۈزدى . بۇ رونالدونىڭ بۇ پەسىللىك ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدە ئۇرغان 15 - توپى بۇلۇپ ، 51 يىللىق رېكورتنى بۇزدى . كىيىنكى يېرىم مەيدان باشلىنىپمۇ توپ كونتىرول قىلىشتا مۇتلەق ئۈستۈنلۈكتە تۇرغان بايرىن كوماندىسى ئوخشاشلا توپ ئۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىدى . مۇسابىقە 89 - مىنۇتقا قەدەم قويغاندا مادىرىد قارشى تەرەپ چەكلەنگەن رايون سىرتىدىن بىر ئىختىيارى توپقا ئېرىشىپ ، بۇ توپنىمۇ رونالدو ئۇرۇپ كىرگۈزدى . شۇنداق قىلىپ رونالدونىڭ بۇ پەسىللىك ئۇزغۇنلۇقتا ئۇرغان توپىنىڭ سانى 16 گە يىتىپ 51 يىلدىن بۇيان ساقلىنىپ كېلىۋاتقان رېكورتنى بۇزدى .

   تۆۋەندىكىسى بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئىككى تەرەپ ئەزالىرىنىڭ ئېرىشكەن نۇمۇرى : (تۇلۇق نۇمۇر 10 نۇمۇر)  






1.jpg





پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-30 02:56:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مىراس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-30 05:00  

مۇبارەك بولسۇن مادرىد مەستانىللىرى، بۇ دىگەن پۇتبول مۇسابىقىسى ئۇتۇش-ئۇتتۇرۇش بۇلۇپ تۇردۇ لىكىن نەتىجە ھەر ئىككى تەرەپنى رازى قىلالمىدى، ھىچكىم ئويلىمىغان نەتىجە ؟
باشقا گەپ قىلغۇم يوق ، باشقۇرغۇچىلار توپىدا رىۋايەتنىڭ يازغان خېتى كۆز ئالدىمدىن كەتمەيۋاتىدۇ، شۇنداقمۇ ئوخشاش چىقامدۇ ئەمدى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-30 02:56:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلقۇت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-30 06:07  


خەيرى -خوش گۇ تاز سەنلا بولساڭ بايرىندا مەن يۇق.

مۇسابىقە بۇنداق بولۇپ كىتە دەپ ئويلىماپتىمەن، نويىردا خاتالىق يوق كىرگەن توپتا ما  بوئاتىڭ بىلەن توبا باش دانتى ھە دىسىلا ئوتتۇر مەيدانغا بىرىۋىلىپ تولا جىلە قىلدى ئادەمىنى. گو تازمۇ گوتىز بىلەن مارتىنىسنى قاچانلا قارىسا ئاساسلىق قىلىپ چۈشەمەيدۇ مۇللىرنىڭ بۇ يىل ئىپادىسى ياخشى بولمىغىندىكىن گوتىزنى ئاساسلىق قىلىپ چىقارسا بولىدۇ.
مەن بايرىننىڭ بونداق پاسسىپ ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغىنىغا گو تازدىن كۆرىمەن نىمىش قىلدۇ ھوجۇم ئوينايدىغان كۇماندىغا تىكا تىكانى ئەكىلىپ قورۇپ كەتسۇن ئونداق پىسپاس پاسلىرى قانداق قىلاي ئا سەپ شەكىلىگە بۇ يىل ئۆزى بىلەن تەڭ يوقالسۇن تاكتىكىلىرى ئەمدى تاز بايرىندىن كەتمىگىچە بايرىننىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرمەيمەن.
خەيرى-خوش بايرىن ۋاقتىنچە ئايرىلدىغان بولدۇق.

موبارەك بولسۇن مادرىد ھەم مۇنبەردىكى مادرىد مەستانىلىرىغا،  سىلەرنىڭ 10-چى لوڭقىنى ئىگىز كۈتۈرۈشىڭلارغا مەن سىلەر بىلەن تەڭ ھوررا توۋلاي.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-30 03:47:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېمما بۈگۈن ھوزۇرلىنىپ كۆرگىدەكلا مۇسابىقە بولدىدە زادى....

   ئەمدىغۇ بايرېن تەرەپنىڭ مادرىتنى ئاپتوبۇس توختاتتى دەپمۇ رەنجىپ يۈرمەس ھە... بولمىسا ئاۋۇ ئۈچ توپ نەدىن كېلەتتى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-30 03:50:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لېكىن چاتاق يېرى ئالونسۇ يىمەيدىغان سېرىق كارتىنى يەۋالدىدە. ھەل قىلغۇچتىكى مۇھىم مۇسابىقىگە قاتنىشالمىسا ئەنچۇلىتى ئارقا بەلنىڭ ئامالىنى قانداق قىلار ؟ راموس بىلەن پې پې ئىككىسىنىڭ بىرى ئارقا بەل ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ قالىدىغاندەكلا.

   ئەمدى ئاتلىتكا چېلىسىنى ئۇتۇپ ھەل قىلغۇچقا كىرسىلا ، ئىسپان بۇقىلىرىنىڭ تاماشىسىنى كۆردىكەنمىزدە . ئېنگىلانىدنىڭ بولمىسىمۇ ھازىرچە...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-30 03:50:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   چوكىنات تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-30 04:51  

شۇنداق قىلىپ مۇسابىقە ئاخىرلاشتى . رىئال مادرىت ئاخىرى گېرمان قارا چۈشىنى بەربات قىلغان بولدىما ؟ ھەنىم بولسا...

   مۇسابىقىدىن بۇرۇن بايرېن توپچىلىرى رىئال مادرىتقا بارسېلونا كۆرگەن كۈننى كۆرسىتىمىز دەپ ئاخىرى ئۆزى كۆرۈپ كەتتى مانا. شۇڭىمىغۇ مۇسابىقىدىن بۇرۇن ئالدىراپ پو ئاتمايدىغان. رىئال مادرىتنىڭ ئىسپان بۇقىلىرى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە چىمىپىيون بولىشىغا تىلەكداشمەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-30 04:10:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مادرىد ھوجۇم، مۇداپىيە، قايتورما ھوجۇملىرىنى بۈگۈن  ۋايىغا يەتكۈزدىدە يارايدۇ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-30 04:49:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سالىھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-30 04:53  

مادىرىت ئۇتتى ،
شۇنداق قىلىپ گوتازنىڭ تىكىتاكا پىلانى بەربات بولدى ،دوزاقنىڭ تەمىنى ئۆزى تىتىپ قالدىدە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-30 04:49:53 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياستۇقۇمنى قىرلاپ بىر ئۇخلاي
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-30 04:50:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمدى نەتىجىسىنى بىر تەھرىرلىۋىتىڭ ، بايرىن بۇرادەر
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-30 04:51:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئۈلكەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-30 04:55  



   فەتىھ ، فەتىھ ، فەتىھ ... ئارىئاننى فەتىھ قىلدۇق .

   مادىرىدتىكى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلغان كۆرۈنۈشلەر ئاخىرى تۇلۇق نامايەن بولدى . مۇشۇ پېتى كۆز تەگمىسە ...

   قالدى ئىنكاسنى ئۇخلاپ ئويغۇنۇپ يازاي ، ھاياجاندا پىكىرىم سەل قالايمىقان تۇرىدۇ .

   ئەمما رىبىرى ئادەمنىڭ قىلىقىنى قىلمىدىڭ .

   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-30 04:51:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈن ھەقىقى  قايتۇرما ھۇجۇمنى كۆردۈم،ياشاپ كەت  راموس،ياشاپ كەت  رونالدو.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 14:16

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش