akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 427|ئىنكاس: 6

29-ئاپرېل خوتەن ئۇدۇن لۇڭقىسى مۇسابىقىسى خەۋىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
   
  ئۇيغۇر ۋاسكىتبول تورىنىڭ 29-ئاپرېل خەۋىرى؛   2014-يىلى4-ئاينىڭ 29-كۈنى كەچ،  خوتەن ۋىلايەتلىك ۋاسكىتبولچىلار جەمئىيىتى، خوتەن ئۇدۇن ئىلىكتىر ئۈسكۈنىلىرى ئۆي جازىلىرى شىركىتى تەشكىللىگەن  « خوتەن ئۇدۇن لۇڭقىسىنى تالىشىش ۋاسكىتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى »  خوتەن شەھرىدىكى خوتەن ۋىلايەتلىك ياش-ئۆسمۈرلەر پەن تىخنىكا مەدىنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيەت مەرگىزى ۋاسكىتبول مەيدانىدا داۋاملىق ئىلىپ بىرىلدى.
    بۇ قىتىمقى ئەل ئىچى تەكلىپ مۇسابىقىسىگە، يىقىندا دۆلەت ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىغا تاللانغان، شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى،  پەخىرلىك ئۇيغۇر ۋاسكىتبول چولپانىمىز شىرئەلىجان مۇختەر، قىرغىز يىگىتى قىرانبەك،  شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى مەردان تۇرسۇن، شەنشى ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ئۇيغۇر ئەزاسى مۇرات ئادىلجان،  قاتارلىق داڭلىق ۋاسكىتبولچىلىرىمىز تەكلىپ قىلغان كوماندىلارغا ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە قاتناشتى.
بۈگۈن كەچ  ئىلىپ بىرىلغان  ئىككى مەيدان مۇسابىقىدە  قىرغىز يىگىتى قىرانبەك يىتەكچىلىگىدىكى خوتەن دىلپاك كوماندىسى 99- 62 نەتىجە بىلەن گۇما جاھانباغ كوماندىسىنى ، خوتەن يىڭى ھايات دۇختۇرخانىسى كوماندىسى 78-64 نەتىجە بىلەن گۇما تۇغراق كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.
  ئىگەللىنىشىچە؛   بۇ قىتىمقى مۇسابىقە ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى بۇيىچە كۈلىمى چوڭ، سەۋىيەسى بىر قەدەر يۇقۇرى بولغان ۋاسكىتبول مۇسابىقىسى بۇلۇپ قالىدىكەن.
مۇسابىقە ۋاقىت ئۇرۇنلاشتۇرۇشى ئۇرۈمچى ۋاختى ئەتتىگەن سائەت 00؛9 -00؛12 غىچە ئىككى مەيدان، چۈشتىن كىيىن 00؛2-00؛5 غىچە ئىككى مەيدان، كەچ 00؛7 - 30؛10 غىچە ئىككى مەيدان، پۈتۈن كۈندە جەمئى 6 مەيدان مۇسابىقە ئىلىپ بىرىلىدىكەن.

ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛ http://waskitbol.com/portal.php

QQ图片20140430020957.jpg QQ图片20140430020917.jpg QQ图片20140430020941.jpg QQ图片20140430020949.jpg QQ图片20140430020905.jpg QQ图片20140430020855.jpg QQ图片20140430020845.jpg QQ图片20140430020831.jpg


  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-30 04:07:29 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خوتەندە  بايلا  جېق  بولغاندىكىن  چوڭ  كۆلەملىك  مۇسابىقىلەمۇ  بەك  ئۆكۈزۈلىدىغان  بۇلۇپ  كىتىپتۇ  ھە  ،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-30 05:28:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلەت باھاسى نەچىكەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-30 05:29:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
dolan7 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-30 04:07
خوتەندە  بايلا  جېق  بولغاندىكىن  چوڭ  كۆلەملىك  مۇسابىق ...

بايلارنىڭمۇ كۇنى تەسلىشىپ قالدى دەيمە. ئىش چاتاق ھازىر بايلارنىڭ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-30 08:38:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىرئەلىجان قانچىنجى نۇمۇر ئىكەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-30 09:33:33 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
munbarmastanisi يوللىغان ۋاقتى  2014-4-30 05:28
بىلەت باھاسى نەچىكەن

50يۇەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-30 16:51:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىر ئەلىجاننى يارلىنىپتىكەن دەپ ئاڭلىغانتىم ئۇنداق ئەمەسكەندە.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 20:20

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش