akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 560|ئىنكاس: 5

تۈركىيە بىرلەشمىسى 31-ئايلانما مۇسابىقە خەۋىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   isyanqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-30 02:34  

2 كۈن بۇرۇن ئېلىپ بېرىلغان تۈركىيە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ 31-ئايلانمىسىدا ئېلىپ بېرىلغان مۇسابىقىلەر:


ياشلار بىرلىكى 1 - 0 بۇرسا تەنتەربىيسى
Gençlerbirliği.png    VS    Bursaspor.png

بىرلەشمىدە ئوخشاش ئورۇندا كېتىۋاتقان بۇ ئېككى كۇلۇب  مۇسابىقە ئېلىپ باردى. 90 مىنۇتلۇق مۇسابىقىدە ياشلار بىرلىكى توپچىسى ئەرمىننىڭ 65 مىنۇت بولغاندا ئۇرغان بىر توپى بىلەن ئۆز مەيدانىدا غەلبە قىلدى.


تىرابىزون تەنتەربىيسى 2 - 1 گازىئەنتەپ تەنتەربىيسى
Trabzonspor.png     VS    Gaziantepspor.png

بىرلەشمىدىكى يەنە بىر كۈچلۈك كۇلۇب  تىرابىزون تەنتەربىيسى  ئۆز مەيدانىدا گازىئەنتەپ تەنتەربىيسىنى كۈتىۋالدى. مۇسابىقە باشلىنىپ 7 مىنۇت بولغاندا تىرابىزون توپچىسى پاۋلۇ بىر توپ ئۇردى. ئالدىنقى مەيدان ئاخىرلىشاي دېگەندە تىرابىزون توپچىسى پاۋلۇ يەنە بىر توپ ئۇردى. كىيىنكى مەيدان باشلىنىپ 64 مىنۇت بولغاندا گازىئەنتەپ تەنتەربىيسى توپچىسى جەنىك توسۇن بىر توپ ئۇرۇپ كىيىنكى ۋاقىتلاردا نەتىجە ئۆزگەرمەي مۇسابىقە ئاياقلاشتى.


ئەلازىغ تەنتەربىيسى 0 - 1 گالاتاساراي
Elazığspor.png    VS    Galatasaray.png

بىرلەشمىدىكى زەردار كۇلۇب گالاتاساراي مېھمان مەيداندا ئەلازىغ تەنتەربىيىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى. مۇسابىقە باشلىنىپ 24 مىنۇت بولغاندا بۇراك يىلماز بىر توپ ئۇردى. كىيىنكى ۋاقىتلاردا نەتىجە ئۆزگەرمەي بۇراكنىڭ ئۇرغان بىر توپى بىلەن مېھمان مەيداندا 3 نومۇرنى ئېلىپ قايتتى. ھەم بىرلەشمىنىڭ 2-لىك ئورنىغا قايتىپ كېلۋالدى.


قەيسەرى تەنتەربىيسى 1 - 3 قارابۈك تەنتەربىيسى
Kayserispor.png    VS    K. Karabükspor.png

قەيسەرى تەنتەربىيسى ئۆز مەيدانىدا قارابۈك تەنتەربىيسىنى كۈتىۋالدى. مۇسابىقە باشلىنىپ 7 مىنۇت بولغاندا قارابۈك تەنتەربىيسى توپچىسى فورخان ئۆزچال بىر توپ ئۇردى. 20 مىنۇت بولغاندا قارابۈك تەنتەربىيسى يەنە بىر توپ ئۇردى. 41 مىنۇت بولغاندا قەيسەرى تەنتەربىيسى بىر توپ قايتۇرۋالدى. شۇنىڭ بىلەن ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقە ئاخىرلاشتى. كىيىنكى مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ تاكى مۇسابىقىنىڭ 90-مىنۇتىغا بارغاندا  قارابۈك تەنتەربىيسى  توپچىسى ئىلخان پارلاق بىر توپ ئۇرۇپ مېھمان مەيداندا غەلبە قىلدى.


سىۋاس تەنتەربىيسى 3 - 0 بەشىكتاش
Sivasspor.png     VS    Beşiktaş.png

بىرلەشىدىكى كۈچلۈك بولغان سىۋاس تەنتەربىيسى ئۆز مەيدانى سىۋاس 4-سىنتەبىر پۇتبول مەيدانىدا بىرلەشمىدىكى زەردار بەشىكتاشنى كۈتىۋالدى. مۇسابىقە باشلىنىپ ھەر ئىككى تەرەپ كۈچەپ ئوينىغان بولسىمۇ ئالدىنقى مەيدان توپ كىرمىدى. كىيىنكى مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ، 56 مىنۇت بولغاندا سىۋاس توپچىسى جون ئوتاكا بىر توپ ئۇردى. 72 ۋە 80 مىنۇت بولغاندا سىۋاس تەنتەربىيسى كۈچلۈك ھۇجۇم ئويناپ كەينى-كەينىدىن 2 توپ ئۇرۇپ ساھىپخان مەيدانىدا بەشىكتاشنى مەغلۇپ قىلدى. بەشىكتاش شۇنىڭ بىلەن بىرلەشمىدىكى 2-لىك ئورنىنى گالاتاسارايغا تارتقۇزۇپ قويدى.


توركو كونيا تەنتەربىيسى 4 - 0 ئاكھىسار شەھىرى
Torku Konyaspor.png    VS    Akhisar Belediye.png

كونيا تەنتەربىيسى ئۆز مەيدانىدا ئاكھىسارنى كۈتىۋالدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە كونيا تەنتەربىيسى ئۆز مەيدان ئەۋزەللىكىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ 4 توپ ئۇرۇپ غەلبە قىلدى.


قاسىم پاشا 2 - 0 ئانيالىيا تەنتەربىيسى
Kasımpaşa.png    VS    MP Antalyaspor.png

بىرلەشمىدىكى كۈچلۈك كۇلۇب قاسىم پاشا ئۆز مەيدانى رەجەپ تايىپ ئەردوغان پۇتبول مەيدانىدا ئانتالىيا تەنتەربىيسىنى  كۈتىۋالدى. ئالدىنقى مەيداندا توپ كىرمەي مۇسابىقە ئاخىرلاشتى. كىينىكى مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 56 مىنۇت بولغاندا قاسىم پاشا توپچىسى رىيان بابەل بىر توپ ئۇردى. 74 مىنۇت بولغان قاسىم پاشا توپچىسى ئوسكار سىكارىيون بىر توپ ئۇرۇپ قاسىم پاشا ئۆز مەيدانىدا غەلبە قىلدى.


كونا شەھەر تەنتەربىيسى 0 - 1 ئەرجىيەس تەنتەربىيسى
Eskişehirspor.png    VS    K.Erciyesspor.png

كونا شەھەر تەنتەربىيسى  ئۆز مەيدانىدا ئەرجىيەس تەنتەربىيسىنى كۈتىۋالدى. مۇسابىقە باشلىنىپ 32 مىنۇت بولغاندا ئەرجىيەس توپچىسى ئېدىنخو بىر توپ ئۇردى ۋە مۇشۇ بىر توپ بىلەن ئەرجيەس تەنتەربىيسى مېھمان مەيداندا غەلبە قىلدى.


فەنەرباغچە 0 - 0 چايقۇر رىزە تەنتەربىيسى
Fenerbahçe.png     VS    Ç.Rizespor.png

بىرلەشمىنىڭ سەركىسى بولغان فەنەرباغچە ئۆز مەيدانى شۈكرۈ ساراجئوغلى پۇتبول مەيدانىدا چايقۇر رىزە تەنتەربىيسىنى كۈتىۋالدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ھەر ئىككى تەرەپ بىرمۇ توپ ئۇرالمىدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە فەنەرباغچە كۇلۇبى مۇشۇ مەيدان مۇسابىقىدە غەلبە قىلسا ياكى  تەڭلەشسىلا 3 ئايلانما بۇرۇن چىمپىيۇن بولاتتى. دېگەندەك تەڭلىشىپ مۇدەەتتىن 3 ئايلانما بۇرۇن چىمپىيۇن بولدى ھەم شۇنداقلا تۈركىيە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ 19-قېتىملىق بىرلەشمە لوڭقىسىغا ئېرىشتى.
K.Erciyesspor.png
Eskişehirspor.png
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-30 03:52:15 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ باللا مۇشۇ بىرلەشمىلەردە توپ تىپىپ باقسا بولاتتى ، بەك ئۈمۈد قىلىمەن جۇما لىكىن...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-30 04:04:35 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گالاتا ساراي  ئاران  ئۇتۇپتۇ  ھە  ،  كىلەر  يىللىق  ئۇزغۇنلۇققا  قاتنىشالىسىلام  بۇلاتتىغۇ  بۇلا  ،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-30 06:25:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالاھىيەتكىمۇ بولسا ئىرشىش ئىھتىماللىقى تۇغۇلدى بەشىكتاش ئۇتتۇرۇپ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-30 16:03:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىلمازنىڭ توپ ئۇرمىغىلى ئۇزاق بولغانتى، ئاران يىڭۋاپتۇ بىچچارىلە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-1 13:13:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گالاتا ساراي ئۇزغۇنلۇق ئوينىسا بۇلىتى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 20:33

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش