akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 2114|ئىنكاس: 61

ئەگەر چېلسى بىلەن خانلىق مادىرىد ئۇچۇرشىپ قالسا.....

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   isyanqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-29 18:36  

ئەگەر چېلسى بىلەن خانلىق مادىرىد ئۇچۇرشىپ قالسا، پورتىگالىيە مەستانلىرى كىمگە مەدەت بېرىدۇ؟؟؟

aa407474cf26051481912b739f397f09.jpg
W020111012649503778207.jpg


  بۇ يىللىق ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى پورتىگالىيە زەردارى بېنفىكانىڭ مەيدانى لېسبوندا ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۈگۈن ۋە ئەتە كەچتە يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنىڭ نەتىجىسى ئېىنىق بولىدۇ. نۇرغۇنلىغان كىشىلەر چېلسى كۇلۇبى بىلەن خانلىق مادىرىد كۇلۇبىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرىشنى شەكسىز ئۈمۈد قىلىدۇ. پورتىگالىيە خەلقىنىڭ قەھىرىمانى بولغان مورنىھو بىلەن كىرىستىيانو رونالدونىڭ پورتىگالىيەدە نۇرغۇنلىغان مەستانلىرى، قوللىغۇچىلىرى زور مەدەت ۋە چاقىرىق كۈچىگە ئېگە. يەنە ئوخشاشلا بۇ ئىككى قەھىرىمان پورتىگالىيە دۆلەت ئوردىنغا ئېرىشكەن. ئۇنداقتا ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە، مەستانىلەر كىمگە تېخمۇ كۆپ مەدەت بېرىدۇ؟؟؟
  مورنىھو بولسا دۇنيادىكى قالتىس تېرنىرلارنىڭ بىرى. رونالدو بولسا قالتىس توپ كىرگۈزۈش ئۈنۈمى بىلەن پۇتبول دۇنياسىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن. مورنىھو چېلسىنى يېتەكلەپ ئېنگىلانىد بىرلەشمىسىىدە بولسۇن ياكى چىپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىدە بولسۇن، كۈچلۈكلەرگە بوزەك بولماي، ئۆزگىچە تاكتىكا، جەڭ ئۇسۇلى بىلەن ھەل قىلغۇچقا بۆسۈپ كىرىش ئالدىدا تۇرۋاتىدۇ. رونالدو بولسا ئۆز كوماندىسىغا ياردەملىشىپ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. شاھلىق لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە يارلىنىش سەۋەبىدىن مەيدانىغا چىقالمىغان بولسىمۇ ياكى ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسنىڭ دورىتمونىد بىلەن بولغان مۇسابقىگە قاتنىشالمىغان بولسىمۇ ئۇنىڭ كۇلۇبتىكى رولى ھەقىقەتەن چوڭ. بۇ ئىككى گىگانىت كىشى پۇتبول دۇنياسىدا زور تەسىرگە ۋە نۇرغۇنلىغان مەستانىلەرگە ئېگە شەخىسلەر.  خانىلىق مادىرىدنى ئېلىپ ئېيتساق پورتىگالىيە مەستانلىرى رونالدودىن باشقا پى پى، كوئىنتىراۋ قاتارلىق پورتىگالىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ غوللۇق ئەزالىرى بار بولغان خانلىق مادىرىدقا ئالقىشى ۋە مەدەتلىرنى ياڭرىتامدۇ ياكى قالتىس تېرنىر مورنىھوغا مەدەتلەر بېرەمدۇ؟ بۇنىڭغا ھازىر پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققتىنى تارتىۋاتقان قىززىق نوقىتىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. ئەگەر راستىنلا مۇشۇنداق ئۇچۇرشىپ قالسا، پورتىگالىيە پۇتبول مەستانلىرىنىڭ ناھايتى بەخىتىلىك ھالىتى ياكى قايسى تەرەپكە مەدەت بىرىشتە ئىككىلىنىپ قالدىغان ھالىتى شەكىللىنىدۇ. چۈنكى بۇ ئىككىسى ئۆز دۆلىتىنىڭ شەرەپ قۇچقان قەھىرىمانلىرى. ئۇنداقتا بۇ ئىككى زەردار كۇلۇبنىڭ قايسى لېسبون پۇتبول مەيدانىنى ئۆزنىڭ ساھىپخان مەيدانىغا ئايلاندۇرالايدۇ؟؟؟ بۇنىڭ نەتىجىسىگە قىزىقساڭلار بۈگۈن كەچتە يەنى 29-چىسلا ۋە ئەتە يەنى 30-چىسلا ئېلىپ بېرىلدىغان مۇسابىقىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا نەزىرىڭىزنى سېلىڭ؟؟؟ مۇسابىقنى نەق مەيدان كۆۈرۈشنى قولدىن بەرمەڭ. بۇنداق پۇرسەت دائىم كېلىۋەرمەيدۇ؟؟؟ ئۇنداقتا نېمىگە قاراپ تۇرسىز،  بارلىق قىلدىغان ئىشلىرىڭىزنى تۈگىتىپ، مۇسابىقىنىڭ تەييارلىقىنى قىلىڭ؟؟؟ بۇ مۇسابىقىلەرنى كۆرمەسلىككە باھانە ئىزدىمەڭ؟؟؟؟

مۇنبەردىكى دوئىلغا چۈشىدىغان قىمارۋازلار ئۆز-ئارا تىكىشسەڭلارمۇ بولىدۇ ..... ئەمما مۇۋاپىق، ئۆز جايىدا بولسۇن!!! مۇسابىقە نەتىجىسى چىقىپ بولغاندىن كىيىن ھېساۋاتنى نەقلەشتۈرۈڭ؟؟؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-29 18:23:42 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-29 18:25:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق ئھتىماللىق بەك توۋەن مىنىڭچە   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-29 18:32:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   SERSAN تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-29 20:31  

مەنمۇ مادرىدنى چىلسىنى پورتۇگالىيە كوماندىسىنى ياخشى كۆرمەن، شەخىس تەرەپتىن بۇ پورتۇگاللىق ئىككى قەھرىمانغا ئامراق،لىكىن رونالدوغا بەكراق ئامراق چۈنكى مەن رونالدونىڭ سەۋەبلىك پۇتبولغا بولغان قىزقىشىم نەچچە ھەسسە كۈچەيگەن،مورىنھو مەن ئەڭ ئامراق ئۈچ تىرنىرنىڭ بىرى شۈڭا مادرىد بىلەن چىلسى ھەل قىلغۈچقا كىرسە  60پىرسەنت مادرىدنىڭ چىمپىيۇن بولشىنى ،39پىرسەنت چىلسىنىڭ چىمپىيۇن بولشىنى ئۈمىد قىلمەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-29 18:35:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن مۇشۇ ئىككى كۇماندا ئۇچۇرشىدۇ دەپ قارايمەن ، تاۋكا بىلەن لاتارىيەخانىدىمۇ مۇشۇ ئىككىسىگە تىكتىم ،  مىنىڭچە بولغاندا پورتىگاللار مادرېدقا بەكرەك مەدەت بىرىدغۇ دەيمەن ، چۈنكى ئادەتتىكى پۇتبول مەستانىلىرى ئىچىدە تىرنىرغغا قارىغاندا توپچىلارغا ئامراق بۇلىدىغانلار جىقراق . يەنە كىلىپ مادرېدتا رونالدودىن باشقا كونتىرۋا بىلەن پېي پالىۋان بار ، بۇرۇن فىگو قاتارلىقلار توپ تەپكەن ، شۇ ۋاقىتتا مادرېدقا مەستانە بۇلۇپ قويغان پورتىگاللار جىقتۇ ، يەنە كىلىپ بىر تىرنىر بولغانغا شۇ كۇلۇپ مەستانىسغا ئايلىنىپ كىتىدىغانلار بەكلا ئاز ، مىنىڭچە پورتىگالىيەدىكى چىلسى مەستانىلىرىدىن مادرېد مەستانىلىرى جىق بۇلۇشى مۇمكىن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-29 18:57:24 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-29 19:01:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاس كۈچىرىدىغانلار يەنە پەيدا بوپتۇدە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-29 19:07:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالغا مادرىت  بارچە بىساتىمنى تىكۋەتتىم لاتارىيەخانىغا                 مىنى قاق سەنەم قىلماسلىقىڭنى ئۈمد قىلىمەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-29 19:10:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆچۈرگۈچە ئىنكاس يازمىسىلام بولىدىغۇ بىكا يۈزىنى مەنتەڭ قىلغۇچە ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-29 19:10:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مادىرت بىلەن چىلسې  ئۇچۇرشۇپ قاسا بۇنىسى ئېنىق مادىرتقا ھۇرا توۋلايدىغانلار جىق چىقىدۇ  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-29 19:12:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرقى گىپىڭىزنى قوللىمايمەن،ئوقوغوچىلار ئەڭ ياخشىسى نەق مەيداندىن كۆرمەي،ئەتە كۆرسىمۇ بولىدۇ،كەلگۈسىدە غەم -ئەندىشىسىز مۇسابىقە كۆرۈش ئۈچۈن ياخشى ئۈگىنىشى كېرەك،بولمىسا بىزدەك ھېرىپ -چارچاپ ئىشلەپ پۇتبول ئىسىدىن چىقىپ كەتكىدەك بوپ كىتىدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-29 19:15:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
SERSAN يوللىغان ۋاقتى  2014-4-29 18:32
مەنمۇ مادرىدنى چىلسىنى پورتۇگالىيە كوماندىسىنى ياخشى  ...

جەمئىي89پىرسەنت بوپ قالدىغۇ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 17:50

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش