akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 972|ئىنكاس: 23

13-14-مۇسابىقە پەسلى ئاخىردىكى 10 چوڭ جەڭ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تۇمشۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-29 19:13  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  !  

ياۋرۇپا پۇتبولچىلىقىنىڭ 2013-14-مۇسابىقە پەسلى ئاياغلىشىشقا بىر ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت قالغان پەيىتتە ئەتە سەھەردىكى چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسى يېرىم ھەلقىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ ئىككىنجى ئۇچۇرشۇشىدىن تارتىپ 5-ئاينىڭ ئاخىرىدىكى چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسى ھەلقىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قەدەر ياۋرۇپا پۇتبول سەھنىسىدە بىزنىڭ دىققەت قىلىشىمىزغا ئەرزىگىدەك مۇھىم مۇسابىقىلەر قايسىلار ؟


1 .  ئۇزغۇنلۇق يېرىم ھەلقىغۇچ 2-ئايلانما  :  بايرېن  -  رىئال مادرېد   (02:45- 4.30 )  ؛

900x600_9QCAJHLK00BV0005.jpg

بايرېن مۇددەتتىن بۇرۇن گېرمانىيە بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيۇنلىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ بولدى ، رىئال مادرېدمۇ بارسىلونانى مەغلۇپ قىلىپ شاھلىق لوڭقىسىنى ئېلىپ بولدى . مادرېدقا نىسپەتەن ئېيتقاندا بىرلەشمىسىدىكى مادرېد ئاتلىتكىنىڭ ئۈستۈنلىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئۇزغۇنلۇقتا ھەر ھالدا ئۈزىنىڭ نەتىجىسىنى ئۈزى بەلگىلىيەلىگىدەك شارائىت بار . نىمىلا دىمىگەن بىلەن ھازىر مادرېد بىر توپ ئۈستۈنلىكتە ، بىراق ئۇلار ئارىئان پۇتبول مەيدانىدا ناھايىتى شىددەتلىك بىر مەيدان بۇران-چاپقۇننى بېشىدىن كەچۈرىشى مۇمكىن .

2 . ئۇزغۇنلۇق يېرىم ھەلقىغۇچ 2-ئايلانما  :  چىلسى   -  مادرېد ئاتلىتكا   (02:45- 5.1 ) ؛

900x600_9QSE97Q100D80005.jpg

كەينى-كەينىدىن ئىككى قېتىم مىھمان مەيداندا كۈچلۈك رەقىپلىرى بىلەن ئۇچۇرشۇپ بىرمۇ توپ كەتكۈزمىگەندىن كىيىن مورىنھو يەنە بىر قېتىم پۈتۈن دۇنياغا  بۇ بىر جۈملە سۈزىنى ئىسپاتلاپ بەردى : ئۇ يېڭىشنى خالىمايدىغانلىكى مۇسابىقە ئاساسەن ئۇتتۇرمايدۇ . بۇ قېتىم سىمونى تۇنجى قېتىم چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ ھەلقىلغۇچ مۇسابىقىسىگە بۈسۈپ كىرەمدۇ ياكى مورىنھو ئۈچىنجى قېتىم چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ ھەلقىلغۇچ مۇسابىقىسىگە بۈسۈپ كىرەمدۇ ھازىرچە بىرنىمە دىمەك تەس .

3 . ئېنگىلاند بىرلەشمىسى 37-ئايلانمىسى  : ئىۋېرتون -  مانچىستىر شەھرى  (00:30- 5.4 ) ؛

c31f168f571380956427.jpg

بۇ ئېنگىلاند بىرلەشمىسىدە ئېشىپ قالغان بىردىنبىر چىمپىيۇنلۇقنى بەلگىلەيدىغان كۈچلۈكلەر ئۇچۇرشۇشى ھىساپلىنىدۇ . ئەگەر ئىۋېرتون مانچىستىر شەھرىنى پۇتلاپ قويسا بىر شەھەردىكى رەقىبى لىۋېرپۇلنىڭ چىمپىيۇن بۇلۇش چۈشىنى رىئاللىققا ئايلاندۇرۇشىغا ياردەم قىلىپ قۇيۇش ئىھتىماللىقى ناھايىتى يۇقۇرى ، ئۇنىڭدىن سىرىت ئۆزلىرىنىڭمۇ چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىگە يۈرۈش قىلىشىغا ئۈمىد تۇغۇلىدۇ . ئەگەر مانچىستىر شەھرى مىھمان مەيداندا ئىۋېرتوننى مەغلۇپ قىلالىسا ئۇلارنىڭ بۇ پەسىللىك ئېنگىلاند بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيۇنى بۇلۇش ئىھتىماللىقى تۇلىمۇ يۇقۇرى .

4 . ئىتالىيە بىرلەشمىسى 36-ئايلانمىسى  : ACمىلەن -  ئىنتىر مىلەن  (02:45- 5.5 ) ؛

80OG808U00CO0005.jpg

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قىزغىنلىقى كۈرىنەرلىك تۈۋەنلەپ كەتكەن مىلەن دېربىسى بۇ قېتىم ناھايىتى ئۇڭايسىز ئەھۋالدىكى ‹‹ ياۋرۇپا بىرلەشمە لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ بېلىتىنى تالىشىش كۈرىشى ›› گە ئايلىنىپ قالىدۇ . ھازىرقى ئەھۋالغا نىسپەتەن ئېيتىقاندا نۆۋەتتە 5-ئۇرۇندىكى ئىنتىر مىلەن ئاساسى جەھەتتىن ياۋرۇپا بىرلەشمە لوڭقىسىنىڭ بېلىتىنى مۇقىملاشتۇردى ، نۆۋەتتە 10-ئۇرۇندا تۇرىۋاتقان مىلەن بولسا مۆجىزىنىڭ يۈز بىرىشىنى كۈتۈشى كىرەك . مۆجىزە يۈز بىرىشنىڭ شەرتى : كىيىنكى ئايلانمىلاردىكى بارىلىق مۇسابىقىلەردە غەلبە قىلىش بىلەن بىرگە بۇ مەيادن دېربىنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش .

5 . ئىتالىيە بىرلەشمىسى 37-ئايلانمىسى  : رىم -  يۇۋېنتۇس (02:45- 5.10 ) ؛

115913ese3zssdy3s0z5s3.jpg

ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيۇنلۇقى ئاساسى جەھەتتىن مۇقىملىشىپ قالدى دىيىشكە بۇلىدۇ . ئەگەر بۇ مەيدان مۇسابىقە چىمپىيۇنلۇقنى بەلگىلەيدۇ دىسەك چۇقۇم مۇنداق بىر ئالدىنقى شەرىت بۇلۇشى كىرەك : 36-ئايلانمىدىكى مۇسابىقىدە رىم مىھمان مەيداندا كاتانىيەنى مەغلۇپ قىلغان بىلەن بىر ۋاقىتتا يۇۋېنتۇس ساھىبخان مەيداندا ئاتلانتاغا ئۇتتۇرۇپ قۇيىشى ئاندىن رىم يۇۋېنتۇس بىلەن تۇتۇشقاندا رىم بولمىدى دىگەندىمۇ 3-0 نەتىجە بىلەن يۇۋېنتۇسنى ئۇتۇشى كىرەك . بولمايدىكەن چىمپىيۇنلۇق يەنىلا يۇۋېنتۇسنىڭ ( ئىتالىيە بىرلەشمىسى نۇمۇر تەڭ بولغان ئەھۋالدا ئىككى كۇماندىنىڭ بىۋاستە ئۇچۇراشقاندىكى ئۇتۇش ئۇتتۇرۇش ئەھۋالىغا قارايدۇ ، بۇ پەسىل يۇۋېنتۇس 3-0 نەتىجە بىلەن رىمنى مەغلۇپ قىلغان . ) .

6 . ياۋرۇپا بىرلەشمە لوڭقىسى ھەلقىلغۇچ مۇسابىقە :  [مۇسابىقىلەشكۈچى تەرەپ ئېنىق ئەمەس]  (02:45- 5.15 ) ؛

ھەلقىلغۇچ مۇسابىقە يۇۋېنتۇسنىڭ ساھىبخان مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ  ، تاغىل ئات قۇشۇنى ئۆز مەھەللىسىدىكى لوڭقا كۈتۈرۈش پۇرسىتىنى باشقىلارغا تاشلاپ بەرمەسلىكى مۇمكىن . بىراق ئۇلار چۇقۇم پورتىگالىيە بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيۇنى بېنفېيكانىڭ ئۆتكىلىدىن ئۈتىشى كىرەك ، ئالدىنقى ئۇچۇرشۇشتا يۇۋېنتۇس 1-2 نەتىجە بىلەن بېنفېيكاغا ئۇتتۇرۇپ قويغان .

7 . ئۇيۇشما لوڭقىسى ھەلقىلغۇچ مۇسابىقە : ئارسىنال -  خۇل شەھىرى (00:00- 5.18 ) ؛

ئارسىنال بۇندىن بۇرۇن مىھمان مەيداندا 3-0 نەتىجە بىلەن خۇل شەھىرىنى مەغلۇپ قىلغان ئىدى ، بىراق بىتەرەپ مەيداندىكى ھەلقىلغۇچ مۇسابىقە تۈپتىن ئوخشىمايدۇ . بىرلەشمىنىڭ تۆتىنجىلىكى ئاساسى جەھەتتىن مۇقىم بۇلۇش سەۋەپلىك بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى قىززىق نوقتا ئارسىنال 9 يىل داۋاملاشقان لوڭقىسىز قېلىش ۋەزىيىتىگە خاتىمە بىرەلەمدۇ يوق دەل مۇسۇ مەسلە .

8 . گېرمانىيە لوڭقىسى ھەلقىلغۇچ مۇسابىقە : دورتىموند-  بايرېن (02:00- 5.18 ) ؛

900x600_9EC10HNK00BU0005.jpg

بايرېن مۇددەتتىن بۇرۇن بىرلەشمە چىمپىيۇنلۇقىنى مۇقىملاشتۇرغاندىن كىيىن تىزلا ئۆز مەيدانىدا دورتىموندقا 0-3 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويدى . بۇ ئەھۋال گوئادىولاغا بىر ئەس كەرتىش بەردى ، يەنى : ئەگەر كىيىنكى مۇسابىقىلەرنى مۇشۇنداقلا ئوينىسا يېڭى ئالەم كۇماندىسى بولغان بايرېننىڭ ئۈچ لوڭقا ئېلىشى تۇلىمۇ مۈشكۈل . مادرېدنى دىمەيلا قۇيايلى دورتىموندمۇ يول قويماسلىقى مۇمكىن .

9 . ئىسپانىيە بىرلەشمىسى 38-ئايلانمىسى  : بارسىلونا -  مادرېد ئاتلىتكا (23:00- 5.18 ) ؛

68eac9efjw1ef0nl6r476j20sg0g00y3.jpg

ئەگەر مادرېد ئاتلىتكا كىلەركى ئىككى ئايلانما مۇسابىقىنىڭ ھەممىسىدە غەلبە قىلسا ئۇنداقتا بارسىلونا نوكەمپودا قاتار تىزىلىپ بۇ پەسىللىك چىمپىيۇننى چاۋاك بىلەن قارشى ئالىدۇ . ئەگەر ئۇنىڭدىن بۇرۇن مادرېد ئاتلىتكا بىر قېتىملا پۇتلۇشۇپ كەتسە ئۇنداقتا بۇ مەيدان مۇسابىقە بىرلەشمە چىمپىيۇنىنى بىۋاستە بەلگىلەپ قۇيىدۇ . مەيلى قايسىلا جەھەتتىن بولسۇن بۇ مۇسابىقە كۈرۈشكە ئەرزيدۇ .

10 . چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسى ھەلقىلغۇچ مۇسابىقە :  [مۇسابىقىلەشكۈچى تەرەپ ئېنىق ئەمەس]  (02:45- 5.25 ) ؛

بۇ مۇسابىقىنى ئارتۇقچە چۈشەندۈرۈش ھاجەتسىز ، مەيلى مۇسابىقىلەشكۈچى ئىككى تەرەپنىڭ كىملەر بۇلۇشىدىن قەتئىنەزەر بۇ مەيدان مۇسابىقىنى قولدىن بىرىشكە ھەرگىزمۇ بولمايدۇ . بۇ مەيدان مۇسابىقىدىن كىيىن توپ مەستانىلەر بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە نەزىرىنى ئاغدۇرىدۇ .


ئەسكەرتىش  : تىمىدا يېزىلغان ۋاقىتلار بىردەك بېيجىڭ ۋاقتى  .


مەنبە  : ۋاڭيى تورى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-29 17:45:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇۋىنتۇس ھۇررا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-29 17:57:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-29 18:04:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇنيا لوڭقىسى باشلانغىچە ئاخىرقى قېتىم يوقىرى پەللىگە چىقىدىغان مۇسابىقىلەركەندە!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-29 18:20:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەمنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالدىغان مۇسابىقەلكەنغۇ  ھەممىسى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-29 18:22:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گىرمان دىربىسىنى يەنە بىر قىتىم كۆردىكەنمىزدە ،بۈگۈن كەچتىكى مۇسابىقىدە مادرىدنىڭ غەلبە قىلشىنى ئۈمىد قىلمەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-29 18:24:15 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنچە   مادىرىت ئالسا بولتى   بۇ مۇزغۇنلۇق لۇڭقنى ،بۇ مۇسابقلەرنى ئاللاھ خالسا كۇرمىز
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-29 18:27:35 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-29 18:51:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-29 19:07:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇنيا لوڭقىسى باشلىنىشتىن بۇرۇن  ئەڭ قىزىيدىغان مۇسابىقىلەر ئوخشايدۇ ،بارسىلونا بىلەن ئاتلىتكانىڭ مۇسابىقىسىنى بەدەشقان قۇرۇپ كۆرەي،مۇسابىقە ۋاقتىمۇ بەلەنكەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-29 19:12:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىلسى مادرىد ئاتلىتكىنى شاللاپ  لوڭقا ئۈچۈن ئالغا پۈتۈن ئىنگىلاد كۇلۇپ مەستانىللىرى  سىلەرگە مەدەت بېرىدۇ ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-29 19:25:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي لىۋىرپول ئوزىگە ئوزى قىلىپ قويدى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 20:48

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش