akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 2941|ئىنكاس: 89

«بارسا بۇ يەردە دوزاخ تەمىنى تېتىغان، نۆۋەت مادرىدقا كەلدى!»

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
     
2014-04-29_124202.jpg

     ئالابا بايرىننىڭ ئۆز مەيدانى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



     بايرىن ميۇنخىن سول بىكى مۇسابىقىدىن بۇرۇنقى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، كوماندىسىنىڭ بېرنابۇدا يېڭىلگەنلىكىگە نىسبەتەن، ئۆز مەيدانىغا بارلىق ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

     «ھەممەيلەن ئۆتكەن يىلى بىزنىڭ بارساغا قانداق تاقابىل تۇرغانلىقىمىزنى كۆردى. بارسا بۇ يەردە دوزاخنىڭ تەمىنى تېتىدى، مەن ئوخشاش ئىشنىڭ مادرىد بىلەن بولغان مۇسابىقىدە يۈز بېرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. بىز توپ مەستانىلىرىنىڭ بىز تەرەپتە تۇرىشىغا مۇھتاج.» ئالابا شۇنداق دېدى.

     بايرىن توپچىسى ئۆتكەن يىلقى چېمپيونلۇقىنى ساقلاپ قېلىش ئارزۇسىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:«بىز ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرىشنىڭ ناھايىتى قىيىن ئىكەنلىكىنى بىلىمىز، چۈنكى رېئال مادرىد ناھايىتى كۈچلۈك كوماندا ھەمدە يۇقىرى سەۋىيلىك توپچىلار بار. بىز ئۆزىمىزنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرىشىمىز كېرەك. بىز ھەممىمىز ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرىشنى ئۈمۈد قىلىمىز. بۇ بىزنىڭ ئارزۇيىمىز!»





     گۇاردىئولا:«كۆزىتىشىمچە، مادرىددىكى ۋاقىتتىلا ئۇلار ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرىپ بولدۇق دەپ ئويلىغان.»



     بايرىن ميۇنخىن باش ترېنېرى پېپ گۇاردىئولا مۇسابقىدىن بۇرۇنقى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئۆزىنىڭ قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ قارىشىچە رېئال مادرىد مۇداپىيەدە ئاپتۇبۇس تىزماستىن، بەلكى ھۇجۇمنى ئاساس قىلىپ ئوينىشى مۇمكىن ئىكەن.

     ئۇ مۇنداق دېدى:«كوماندىمىز ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرىشكە ئاز قالدى. بىراق نۇمۇر پەرقىدە بىز كەينىدە تۇرىۋاتىمىز. كۆپلىگەن كىشىلەر تۇنجى ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئۇلارنى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرىپ بولدى، ھەتتا چېمپيون بولۇپ بولدى دەپ قاراشتى، لېكىن مېنىڭچە ئۇنداق ئەمەس. قارشى تەرەپ ترېنېرىنىڭ ئىستىلىغا ئاساسەن، ئۇلار چوقۇم مېھمان مەيدان توپى كىرگۈزۈش ئۈچۈن كۈچەيدۇ، مېنىڭچە ئۇلارنىڭ 90 مىنۇت تولۇق زىچ مۇداپىيە قىلىشى مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا مېنىڭچە پەقەت بىرلا توپ كىرگۈزۈپ بىزنى ھەل قىلغۇچ مۇسابقىگە باشلاپ كىرەلمەيدۇ.»

     «رېئال مادرىد ئەگەر ئىسكونى مەيداغا چىقارسا بىز بەزى تەرەپلەرگە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك، ئەگەر بېل چىقسا يەنە باشقا تەرەپكە ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك. مېنىڭچە ئۇلار ئەڭ كۈچلۈك سەپ شەكلى بىلەن بىزگە تاقابىل تۇرىدۇ. دۇنيادىكى ئەڭ تېز سۈرئەتلىك بىكلارنىڭمۇ رېئال مادرىد ھۇجۇمچىلىرىنىڭ قەدىمىگە يىتەلىشى ناتايىن. بىراق ئۇلار چەكلەنگەن رايوندىن قانچە يىراق تۇرسا شۇنچە ياخشى، بىزمۇ ھەم ئۇلارنى يىقىنلاشتۇرمايمىز.»





ئەنچېلوتتى:«بىز ھەل قىلغۇچقا كىرىپ بولدۇق دەپ ئويلىغۇدەك ئۇنچىلىك لەقۋا ئەمەس.»



     رېئال مادرىد باش ترېنېرى كارلو ئەنچېوتتى مۇسابىقىدىن بۇرۇنقى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا كوماندىسىنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى تولۇق جارى قىلدۇرىشىنى ئۈمۈد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە كوماندىنىڭ مۇسابىقە باشلىنىپلا ھۇجۇم باشلاپ توپ ئۇرۇش پۇرسىتى يارىتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

     ئۇ مۇنداق دېدى:«بۇ بىر مەيدان قىيىن بولغان مۇسابىقە، چۈنكى ئالدىمىزدىكى رەقىپ ناھايىتى كۈچلۈك. بىز گۇاردىئولا ئېيتقاندەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرپ بولدۇق دېگەن ئويدا بولمىدۇق، بىز ئۇنچىلىك لەقۋا ئەمەس. ھازىر بىز نومۇر جەھەتتە ئازغىنە ئەۋزەللىككە ئىگە، شۇڭا چوقۇم ھەر قانداق پۇرسەتنى قولدىن بەرمەسلىكىمىز كېرەك.»

     «مېنىڭچە بايرىن ئۆزىنىڭ جەڭ تاكتىكىسىنى ئۆزگەرتمەيدۇ، بىزمۇ ھەم شۇنداق. بىز پەقەت كىچىككىنە نوقتىلاردا ئازراق ئۆزگەرتىش قىلىشىمىز مۇمكىن، بىراق كۆپ ئۆزگەرمەيدۇ. بۇنداق مۇسابىقىلەردە جەڭ تاكتىكىسىنىڭ رولى پىسخىكا جەھەتتىكى تىركىشىشكە يەتمەسلىكى مۇمكىن. بىز ئەگەر باشلىنىلىشىدىلا بىكىنمە ھالەتتە ئوينىساق، خەتەر ئەھۋالدا قېلىشىمىز ئىنىق، شۇڭا چوقۇم تاكتىكىمىزنى ئۆزگەرتىشىمىز لازىم. بىزنىڭ نىشانىمىز ئۇلارنىڭ مەيدانىغا توپ كىرگۈزۈش.»





     بېل:«بىز مۇداپىيەدە بىكىنىۋالىدىغان ئۇنداق كوماندا ئەمەس.»



     گارېس بېل مۇسابىقىدىن بۇرۇنقى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئۆزىنىڭ بۇ مەيدان مۇسابىقىگە بولغان ئىشەنچىسىنى بىلدۈردى. ئۆزىنىڭ مادرىددىكى تۇنجى پەسلىدىلا شاھلىق لوڭقىسىغا ئېرىشكەنلىكىگە خۇشال ئىكەنلىكىنى، چېمپيونلۇق بىرلەشمىسى لوڭقىسىغىمۇ ئېرىشىش ئۈمۈدى بارلىقىنى ئېيتتى.

     ئۇ تۇنجى ئۇچرىشىشتا زۇكام سەۋەبلىك مۇسابىقىگە قاتنىشالمىغان، ئۇ ئۆزىنىڭ ھازىرقى ھالىتى توغرىسىدا مۇنداق دېدى:«ھازىر كۆپ ياخشى بولۇپ قالدىم. بىر نەچچە قىتىملىق مەشىقتىن كېيىن تولۇق ئەسلىگە كىلىپ بولدۇم، سەيشەنبە كەچتىكى مۇسابىقىدە مەيدانغا چىقالىشىمدا چوڭ مەسىلە يوق. رېئال مادرىدقا قوشۇلغان ئىكەنسەن كىشىلەرنىڭ سەندىن كۈتىدىغىنىنىڭ كۆپ بولىشى ئىنىق، شۇڭا بىز ھەر بىر مەيداندا تىرىشىپ غەلبە قىلىشىمىز كېرەك.»

     «كرىستىئانو بىلەن سەپداش بولۇش ناھايىتى قالتىس بىر ئىش. مەن شۇنى دەپ مادرىدقا كەلگەن. ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتى ناھايىتى ياخشى، داۋاملىق بىللە پاراڭلىشىمىز، توپ مەيدانىدىكى ماسلىشىشىمىزمۇ ياخشى؛ ئالابا يۇقىرى سەۋىيلىك توپچى، مەن مۇسابىقىدە ئۇنىڭ بىلەن يۈزمۇ-يۈز تىركىشىشىم مۇمكىن، بۇ تىركىشىشنىڭ كەسكىن بولىدىغانلىقى ئىنىق.»






(بۈگۈنكى «ماركا گېزىتى» مۇقاۋىسى: ئوت كەتتى)
(ئالۋىسنى قوللاپ، ئرق كەمسىتىشىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، «ماركا گېزىتى» «A» ھەرىپىنى ئۈچ تال بانان بىلەن ئىپادىلىدى.)


مەنبە:«ماركا گېزىتى»
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-29 14:21:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ    گۇاردىئولا  بىلەن ئەنچىلۇدى  مۇسابىقە باشلىنىشتىن بۇرۇن جەڭنى باشلىۋىتىپتىدە ،
ئالابا بىلەن بىل مۇسابىقە ئۇينىماي 100 مىتىرغا يۇگرەپ بىربىرسى بىلەن تىركەشسۇن ،  دەششەت ماس كەپتۇ بۇلار قالغىننى مۇسابىقە ۋاقتىدا كۇرەيلى ئالابا  يىرىپ قالدىم دەپ يىغلاپ مەيداندىن چۇپكىتەمدۇ تىخى
باللار بۇ مۇسابىقە  ئەمەس بەلكى چۇلپانلا ئۇرۇشى ئۇخشايدۇ  ،  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-29 14:21:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گوئادىئولا پىسخىكا ئۇرۇشىنى باشلىماقچى بوپتىكەن ئەنچىلوتى بوش كەلمەپتۇدە   ئالابا مادرېدنى باسا بىلەن سېلىشتۇرۇپ توغرا قىلماپتۇ ، گەرچە ئىككى كۇماندىنىڭ ئەمەلى كۈچى پەرىقلەنمىسىمۇ لىكىن توپ تىپىش ئۇسلۇبى ئوخشىمايدۇ ، شۇڭا بۇ ئىككىسىنى سېلىشتۇرۇش ئاقىلانىلىق ئەمەس
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-29 14:24:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىمانسىزلا  دوزاق  ئوتىنىڭ  قانداق بولدىغىننى بىلەمدىمە دىمەي دىگەن گىپىنى   

بىل  توغرا  دەپتۇ    مادرىد  ھەرگىزمۇ بىكىنىۋالدىغان  كوماندا ئەمەس  

مادرىدقا  ئامەت تىلەيمەن ئالغا مادرىد    ئالغا رونالدۇ   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-29 14:25:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدىنقى قېتىم بارسا دۇزاخنىڭ تەمىنى تېتىغان بولسا مادرېدنىڭمۇ تېتىشى ناتايىن ، شۇ چاغدىكى بارسادا ھازىرقى بارساغا ئوخشاش مۇداپىيەدە يۇچۇق خېلى بارتى ، لىكىن مادرېدنىڭ مۇداپىيەسىدە ئۇنچىلىك چوڭ مەسلە يوق ، يەنە كىلىپ ئۇ چاغدا تىك تاكا ئۇسلۇبىغا تاقابىل تۇرىدىغان ئۇسۇل يېڭى تېپىپ چىقىلغان بايرېن شىددەتلىك ئوت كۈچى بىلەن بىر تەرەپ قىلىۋەتكەن ، لىكىن مادرېد تىك تاكا ئوينىمايدۇ ئەكىسچە بايرېن تىك تاكىنى ئىشلىتىۋاتىدۇ . نىمىلا دىمىگەن بىلەن مادرېد پاسسىپ ئۇرۇندا ئەمەس ، ھەمىدىن ئاچچىقىم كەلگىنى بايرېن رەئىسى بىلەن روببېن تازنىڭ ‹‹ مادرېدقا نىمىنىڭ دۇزاخ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قۇيىمىز  ›› دىگەن گىپى   بىل بىلەن رونالدونىڭ ئەرىشنى مالىمان قىلغاندەك ئارىئاننى مالىمەن قىلىپ كىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-29 14:26:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بايرىن يوللىغان ۋاقتى  2014-4-29 14:22
دىدىمغۇ ..مادرىدنىڭ شاللىنىشىغا.99%.ئىشىنىمەن..

بۇنى  بۇگۈن كەچتە كورىمىز   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-29 14:26:27 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مادىرىتنىڭ  تېرنىرى ئەن دوختۇر ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قاپتۇدە  ،   چىلسى  بىلەن مادىرىت ئوينىسا بولاتتى  ھەل قىلغۇچنى  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-29 14:26:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بايرىن يوللىغان ۋاقتى  2014-4-29 14:24
مادرىد0_3بايرىن..

سۈف دىگەننى ئۇنتۇپ قالغاندەك تۇرىسىز

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +50 يىغىش سەۋەبى
سەۋدا + 50 ھېلقى چىراي ئىپادىسى

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-29 14:26:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  دۇزاق ئازابى بارسېلوناغا بەكلا ئېغىر كەلگەن. مادرىدتنىڭ ئۇنداق كۈنگە قېلىشىغا ئىشەنمەيمەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-29 14:27:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-29 14:28:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مادىرىد پۇتۇن سەپ بۇيىنچە ھۇجۇم  قىلىپ پۇتۇن سەپ بۇيىنچە مۇداپىيەگە قايتىپ ئوينىسا بىلدەك يۇگۇرۇك ھۇجۇمچىلار پۇرسەتنى چىڭ تۇتالىسىلا بىرنى سانجىپ قويسا بولدى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-29 14:29:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەڭلىشڭلار
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 12:51

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش