ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 8122 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا تۇمشۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-29 13:18
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
بۇ پەسىللىك مۇسابىقىلەر داۋاملىشىپ ھازىرقى باسقۇچقا قەدەم قويغاندا بەش چوڭ بىرلەشمىدىكى كۇماندىلار ئىچىدە ئۈچ لوڭقا ساھىبى بۇلۇش ئىتىماللىقى بار كۇلۇپلاردىن پەقەت خانلىق مادرېد بىلەن بايرېن مىيۇنخىنلا قالدى . خانلىق مادرېد ئاللابۇرۇن شاھلىق لوڭقىسىنىڭ چىمپىيۇنلىقىنى قولغا كەلتۈردى ، بىرلەشمىدە بىر مەيدان ئاز ئوينىغان ئەھۋالدا مادرېد رىقابەتتىن 6 نۇمۇر ئارقىدا تۇرماقتا ، چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىدە بايرېن بىلەن ھەلقىلغۇچ مۇسابىقى سالاھىيىتىنى تالاشماقتا . بايرېن بولسا بىرلەشمە چىمپىيۇنلۇقىنى قولغا كەلتۈرۈپ بولدى ، گېرمانىيە لوڭقىسىدا ھەلقىلغۇچ مۇسابىقىگە بۈسۈپ كىردى . ‹‹مەخپىيەتلىك گىزىتى›› نىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا ئەگەر خانلىق مادرېد ئۈچ لوڭقىغا ئىرىشەلىسە كۇلۇپ يۇقۇرى قاتلىمىدىكىلەر ھەر بىر توپچىغا 800مىڭ ياۋرۇ مۇكاپات بىرىدىغانلىقىنى قارار قىلغان .
كۇلۇپ يۇقۇرى قاتلىمىدىكىلەر زور سوممىدىكى مۇكاپاتنىڭ توپچىلارنى تېخىمۇ بەكرەك كۈچ چىقارغۇزالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ . خانلىق مادرېد يۇقۇرى قاتلىمىدىكىلەر ھەر پەسىلدە ئۈچ سەپتىكى چىمپىيۇنلۇق ئۈچۈن بەلگىلىك مۇكاپات سوممىسىنى بەلگىلەيدۇ ، بۇ پەسىلمۇ شۇنداق . ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسى ، ئىسپانىيە بىرلەشمىسى ۋە شاھلىق لوڭقىسىغا قارىتا خانلىق مادرېدنىڭ بەلگىلىگەن مۇكاپات سوممىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 400 مىڭ ، 300 مىڭ ۋە 100 مىڭ ياۋرۇ . شاھلىق لوڭقىسىنىڭ چىمپىيۇنلىقىنى قولغا كەلتۈرگەندىن كىيىن كۇلۇپ ھەر بىر ئادەمگە 100مىڭ ياۋرۇدىن پۇل تارقاتتى . ئەمدىكى ۋەزىيەتتە مادرېدلىقلار بىرلەشمە ۋە ئۇزغۇنلۇق چىمپىيۇنى بولالىسا ھەر بىر ئادەم 700مىڭ ياۋرۇ مۇكاپاتقا ئىرىشەلەيدۇ .
خانلىق مادرېدقا قارىغاندا بايرېننىڭ ئۇزغۇنلۇق مۇكاپات سوممىسى خېلى ئاز . ‹‹مەخپىيەتلىك گىزىتى ›› نىڭ كۆرسىتىشىچە بايرېن ئۇزغۇنلۇق چىمپىيۇنلىقىغا ئىرىشسە ھەر بىر توپچى 300 مىڭ ياۋرۇ مۇكاپات ئالىدىكەن ، بۇ سان ئالدىنقى پەسىلدىكى ئۇزغۇنلۇق مۇكاپاتى بىلەن ئوخشاش .
ئالدىنقى پەسىللىك ئۇزغۇنلۇق چىمپىيۇنى بايرېن بولسىمۇ بىراق ئۇزغۇنلۇقتىن قىلغان كىرىمى ئەڭ كۆپ بولغىنى بايرېن تەرىپىدىن شاللانغان يۇۋېنتۇس . ئالدىنقى پەسىل ئۇزغۇنلۇقتا بايرېن 55 مىلىيۇن كىرىم قىلغان ، يۇۋېنتۇس بولسا 65 مىلىيۇن 300 مىڭ ياۋرۇ كىرىم قىلغان . دورتىموند 54 مىلىيۇن ياۋرۇ ، خانلىق مادرېد 48 مىلىيۇن 400 مىڭ ياۋرۇ ، بارسىلونا 45 مىلىيۇن 500 مىڭ ياۋرۇ كىرىم قىلغان . بۇ قېتىملىق چىمپىيۇننىڭ ئۇزغۇنلۇقتىن قىلغان كىرىمى 65 مىلىيۇن ياۋرۇغا يىتىشى مۇمكىنكەن .
خانلىق مادرېد بىلەن بايرېن مىيۇنخىن 21-ئەسىر كىرگەندىن بۇيان ئۇزغۇنلۇق جەڭ مەيدانىدا 10 قېتىم تۇتۇشقان ، خانلىق مادرېد 4 قېتىم ئۇتۇش ، 1 قېتىم تەڭلىشىش ۋە 5 ئۇتتۇرۇشتەك نەتىجە بىلەن پاسسىپ ئۇرۇندا تۇرماقتا ، مادرېد بۇ 10 مەيدان مۇسابىقىدە 13 توپ كىرگۈزۈپ 13 توپ كەتكۈزگەن . ساھىبخان مەيداندا بولسا 5 مەيداندا 4 قېتىم غەلبە قىلىپ بىر قېتىم مەغلۇپ بولغان . ئارىئان پۇتبول مەيدانىنى مادرېدنىڭ قارا چۈشى دىيىشكە بۇلىدۇ . بۇ ئىككى كۇماندىنىڭ ئالدىنقى قېتىملىق ئۇچۇرۇشىشى 11-12-مۇسابىقە پەسلىدىكى يېرىم ھەلقىلغۇچ مۇسابىقە بۇلۇپ بايرېن نوقتا توپ جېگىدە مادرېدنى شاللىۋەتكەن .
مەنبە : http://sports.163.com/14/0429/12 ... #p=7UEFHLP000BV0005 |
|