ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 3737 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا تانكىچاق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-28 19:18
4 يىل بۇرۇن جىرراد دىروگباغا شۇنداق چىرايلىق پاس بىرىپ ئۆز مەيدانىدا چىلسىغا ئۇتتۇرۇپ مانچىستىرنى لوڭقىدىن قۇرۇق قويغان ، بۇ قېتىمقى خاتالىقى ئۆزىنى لوڭقىدىن قۇرۇق قۇيارمۇ ؟؟؟
مورىنىئو يەنە بىر قېتىم پۈتۈن دۇنيادىكىلەرگە ، بۇلۇپمۇ روجىسقا ئوبدانلا دەرىس بىرىپ قويدى ، لىۋېرپول چىمپىيۇن بۇلۇش ئۈچۈن شەھەرلىكلەرنىڭ قۇلىغا قارايدىغان بۇلۇپ قالدى بۇلۇپمۇ ئۆزىنىڭ ئەشەددى رەقىبى ئېۋىرتوننىڭ شەھەرگە 3 نۇمۇرنى بەرمەسلىكىنى ئۈمۈد قىلىپ ئولتۇردىغان ئەھۋالغا قالدى ، ئېۋىرتوننىڭ ئۇزغۇنلۇق سالاھىيەتكە ئىرىشىشى نەزىرىيە جەھەتتىنلا مۇمكىن . مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئېۋىرتون بىر شەھەردىكى رەقىبىنىڭ لوڭقا كۈتۈرۈشىگە ياردەم قىلىپ شەھەرنى تۇسۇپ قالامدۇ يا ئېۋىرتوندىمۇ ئۆزنىڭ قان رەقىبىنىڭ لوڭقا كۈتۈرىشىنى كۈرۈشنى خالىمايدىغان « جىرراد » دىن بىرەرسى چىقامدۇ ؟؟؟
مۇسابىقىدىن بۇرۇن لىۋېرپوللۇقلار چىمپىيۇن بۇلىمىز دەپ بەك نايناقلاپ ئانفىيلىدنىڭ ئالدىغا مويىسنىڭ ھەيكىلىنى تۇرغۇزۇپ ئۆزىنى مۇشۇ كۈنگە ئىرىشتۈرگەن مويىسقا « رەھمەت » نى بىلدۈرۈشكەن ئىدى ، مويىس قارغىۋەتتىمۇ نايناقىشىغانغا تۇيۇپ قالدى مانا ... |
|