ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 6078 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا intezar11 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-28 06:25

بۇ توپچىنى ئۇنتۇپ قالمىغانسىلەر ؟؟ بۇ بولسا ئىلگىرى بىر مەزگىل گىرمانىيە بەيرىن مىيۇنخىندا شەرەپ قۇچقان ئىتالىيلىك توپچى لۇكا تونى . بۇ يىللىق ئىتالىيە بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە لۇكا تونى فىلورىنتىنا كوماندىسىدىن يېڭىدىن دەرىجە ئۆرلەپ چىققان ۋېرونا كوماندىسىغا قۇشۇلغان ئىدى . ۋېرونا كوماندىسى بۇ يىللىق 35مەيدان ئىتالىيە بىرلەشمە مۇسابىقىسى ( 35-ئايلانما ۋېرونا كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا 4-0 نەتىجە بىلەن كاتانىيا كوماندىسىنى ئۇتتى )دە 16 مەيدان ئۇتۇپ 4 مەيدان تەڭلىشىپ 15 مەيدان ئۇتتۇردى . يەنى 3 مەيدان مۇسابىقىدىن كېيىن ئىتالىيە بىرلەشمىسى ئاخىرلىشىدۇ . بىراق ، ۋېرونا كوماندىسى 52 نۇمۇر بىلەن بىرلەشمە رەت تەرتىۋىدە 8 - ئورۇندا تۇرماقتا . ۋېرونا كوماندىسى ئالاھىدە ئىپادىسى بىلەن بۇ يىللىق ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ قارا تۇلپار كوماندىسى دەپ قارالماقتا .
ۋېرونا كوماندىسىنىڭ مۇشۇنداق ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىشى دەل مۇشۇ 36 ياشلىق لۇكا تونى . ئۇ ۋېرونا كوماندىسى ئۈچۈن ھازىرقى قەدەر 31 مەيدان ئىتالىيە بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە 19 توپ ئۇرۇپ بۇ يىللىق ئىتالىيە بىرلەشمە مۇسابىقىسى مەرگەنلەر رەت تەرتىۋىدە 2- ئۇرۇندا تۇرماقتا ! ( تۇرىن كوماندىسىدىن ئىمموبېللا 20 توپ بىلەن 1- ئورۇندا تۇرىدۇ ) .
تۈنۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن ئىتالىيە بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ 35-ئايلانمىسىدە ، ۋېرونا كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا 4-0 نەتىجە بىلەن كاتانىيا كوماندىسىنى يېڭىپ قىممەتلىك 3 نۇمۇرنى قولغا كەلتۈردى . بۇ مەيدان مۇسابىقىدە تونى مۇسابىقە باشلىنىپ 6 مىنۇت بولغاندا بىر توپ ئۇرۇپ ئۇدا 5 ئايلانما مۇسابىقىدە 6 توپ ئۇرغان بولدى . ئۇ ئاتلانتا ، فىلورىنتىنا ، چېئوۋو كوماندىلىرىغا بىردىن توپ ، گېئونا كوماندىسىغا 2 توپ ئۇرۇپ يىقىنقى بىر ئاي ئىچىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر مەرگەنگە ئايلاندى .
|
|