ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 597 |
تۆھپىسى: سەر |
|
2014-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى خوتەن بىرلەشمىسى ب گۇرپا مۇسابىقىسىنىڭ 3-ئايلانما مۇسابىقىسىدە ئىلچى رىقابەت كوماندىسى جۇشقۇن كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى . مۇسابىقە ئىنتايىن كەسكىن ئېلىپ بېرىلدى . مۇسابىقە باشلىنىپلا ئىلچى رىقابەت كوماندىسى ئاكتىپ ھۇجۇم قوزغىدى ، ئىلچى رىقابەت كوماندىسىنىڭ كاپىتانى 21-نۇمۇر ئۆمەر ئوتتۇر مەيداندا توپ قۇبۇل قىلىپ بىر ئادەمنى ئالداپ ئۆتۈپ ئەكرەمگە پاس بەرگندىن كىيىن ئەكرەم بۇ توپنى ئۇرۇپ ئىلچى رىقابەت كوماندىسى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى . 10-نۇمۇر مۇتەللىپ يان تەرەپتىن بۆسۈپ كىرىپ قاپقا ئالدىدىكى 9-نۇمۇر تۇرغۇنغا پاس بەردى ، تۇرغۇن بۇ توپنى ئۇرۇپ كىرگۈزۈپ نۇمۇر پەرقىنى چوڭايتتى . ئارقىدىن ئىلچى رىقابەت كوماندىسىنىڭ قاپقىچىسى 1-نۇمۇر ئىلھام سەپدىشى ئابدۇلباسىتنىڭ قايتۇرۇپ بەرگەن توپىنى تۇتقانلىق سەۋەبىدىن جۇشقۇن كوماندىسى چەكلەنگەن رايۇن ئىچىدىن ئىككى پاس توپ باشلاپ بۇ توپنى ئۇرۇپ كىرگۈزۈپ مۇسابىقە نەتىجىسىنى 2:1 قىلىپ ئۆزگەرتتى . كىيىنكى مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ ئىلچى رىقابەت كوماندىسىدىكى ئەكرەم ئۇچۇق ۋارتاغا بىر توپنى ئۇرالمىدى . 21-نۇمۇر ئۆمەر ئەكرەمگە بىر پاس چىقاردى ، ئەكرەم بۇ توپنى ئۇرۇپ كىرگۈزۈپ مۇسابىقە نەتىجىسىنى 3:1 قىلىپ ئۆزگەرتتى . جۇشقۇن كوماندىسى ھۇجۇمنى كۈچەيتتى ، ئىلچى رىقابەت كوماندىسنىڭ كاپىتانى 21_نۇمۇر ئۆمەر مۇداپىيە قىلىش جەريانىدا قائىدىگە خىلاپ ھەركەت ئىشلىگەنلىكتىن قىزىل كارتا بىلەن مەيداندىن چۈشىرىۋىتىلدى . كىيىن مۇسابىقە نەتىجىسىدە ئۆزگىرىش بولمىدى . ئىلچى رىقابەت كوماندىسى 3:1 نەتىجە بىلەن جۇشقۇن كوماندىسىنى ئۇتتى
ئىلچى رىقابەت كوماندىسنىڭ كوللىكتىپ رەسىمى
مۇسابقە رەسىملىرى
|
|