elan ornielan orni
كۆرۈش: 1079|ئىنكاس: 22

سانلىق مەلۇماتلارنىڭ تەرجىمىسى ھەققىدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەنجەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-26 02:18  

        ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەردىكى قېرىنداشلار :
        مۇنبىرىمىزدە داۋاملىق ساقلىنىۋاتقان بىر مەسىلە بار ، ئۇ بولسىمۇ سان تەرجىمە قىلىش ، گەرچە ھەربىر تېمىدا ئىنكاس شەكلىدە  تۈزۈتۈش بېرىۋاتقان بولساقمۇ يېڭى تېمىلاردا خاتا سان - سىپىرلار دائىم كۆرۈلۈپ تۇردى . سان - سىپىر ئارقىلىق چۈشەندۈرۈش ئاساس قىلىنغان تېمىلاردا ئەگەر خاتا تەرجىمە قىلىنغان سان ئىشلىتىلسە ئۇ تېمىنىڭ ئەھمىيىتىمۇ قالمىدى دىيىشكە بولىدۇ ، شۇڭا مەن ئۆزۈمنىڭ بىلىشىچە بۇ ھەقتە ئازراق بىلىم ئېلىپ كەلدىم ! بۇندىن كېيىن ھەممىمىز دىققەت قىلساق !
        ئاۋۋال خەنزۇچە سان بىرلىكلىرىنى كۆرۈپ باقساق : ( سولدىن ئوڭغا )
       个,十,百,千,万,十万,百万,千万,亿,十亿,百亿,千亿,万亿,十万亿,百万亿,千万亿,亿亿……
       万 دېگىنى تۈمەن ، بۇ ھەممىمىزگە مەلۇم !  يۈز تۈمەن بىر مىليون ئىكەنلىگىمۇ ئېنىق ، ئەمما خەنزۇچىدا بىزنىڭ مىليون ئۇقۇمىمىز يوق ، شۇڭا خەنزۇچىدا يۈز تۈمەن بىۋاستە يۈز تۈمەن دەپلا ئوقۇلىدۇ ، ئەمدى 一亿 دېگىنى يۈز مىليونغا تەڭ . بىر تۈمەنگە بىر تۈمەننى كۆپەيتسەك بىر 亿 بولىدۇ !  بۇنداق بىرلىككە ئايرىلىشىدىكى سەۋەب خەنزۇچىدا سانلار تۆت خانە بىر تۈركۈمگە ئايرىلغان ، بىزنىڭ تىلىمىزدا ۋە ئېنگىلىزچىدا بولسا ئۈچ خانە بىر تۈركۈمگە ئايرىلىدۇ ، ئۇلار : بىرلەر تۈركۈمى ، مىڭلەر تۈركۈمى ، مىليونلار تۈركۈمى ، مىلياردلار تۈركۈمى .... قاتارلىقلار .  ھەربىر تۈركۈم ئۈچ خانە بولىدۇ ! مەسىلەن : 987،654،321 نى بىز 987 مىليون 654 مىڭ 321 دەپ ئوقۇيمىز . دىمەك ھەربىر ئۈچ خانە بىر تۈركۈم ، ئەمدى خەنزۇچىدا مۇنداق يېزىلىدۇ : 9،8765،4321    ،  ئوقۇلىشى : 9亿8765万4321
      شۇڭا بىز خەنزۇچە خەۋەرلەردىن سان تەرجىمە قىلغاندا مۇشۇنى ئۇقساقلا توغرا تەرجىمە قىلالايمىز ، مەسىلەن 5500万دىسە بىز ئۇنىڭ كەينىگە يەنە تۆت نۆلنى قويۇپ 55000000 قىلىپ يازىمىز ۋە ئۇيغۇرچە تۈركۈمگە ئايرىيمىز : 55،000،000 . دىمەك بۇ سان 55 مىليون دىگەن گەپ ! ئاددىيلا 1.2亿 دىگەن بولسا بىز بۇنىڭ بىرلىكىنىڭ 亿 ، يەنى يۈز مىليونلىقىغا قاراپلا يۈز مىليونغا كۆپەيتسەك بولىدۇ ، دىمەك بۇ ساننىڭ تىلىمىزدىكى قىممىتى 120 مىليون .

       قوشۇمچە 1 : بىرقىسىم پۇل بىرلىكلىرىنى كۆرگەن ۋاقتىمىزدا كۆپىنچىمىز زادى قانچىلىك پۇل ئىكەنلىكىنى مۆلچەرلىيەلمەيمىز ، شۇڭا بۇيەردە بەزى پۇل بىرلىكلىرى ئارىسىدىكى قىممەت مۇناسىۋىتىنى قىستۇرۇپ قۇياي :
        1 سوم خەلق پۇلى        = 0.09521 فونىستىرلىڭ ، يەنى 英镑
    1 فونىستىرلىڭ             = 10.5027 سوم خەلق پۇلى
        1 دوللار                      = 6.2533 سوم خەلق پۇلى
        1 فىرانىك ( فىرانسىيە ) = 1.3186 سوم خەلق پۇلى ، يەنى 法郎
    1 مارىك ( گېرمانىيە )  = 4.4228 سوم خەلق پۇلى ، يەنى 马克
    1 ياۋرۇ                       = 8.6491 سوم خەلق پۇلى
        بۇندىن كېيىن پۇل بىرلىكلىرىنىمۇ تەرجىمە قىلىپ ئۆز تىلىمىزدا يازساق ، شۇنداق بولغاندا تېخىمۇ يېقىشلىق ھەم چۈشۈنۈشلۈك بولىدۇ ! ئەلۋەتتە ئەسلى مەزمۇندىكى سانلارمۇ پۈتۈنلەي تەخمىنى قىممەت ، شۇڭا بىزمۇ تەخمىنەن قىممىتىنى ھېسابلاب قويساقلا بولدى ، مەسىلەن فونىستىرلىڭنى 10 غا ، دوللارنى 6 غا ، مارىكنى 4.5 غا ، ياۋرۇنى 9 غا كۆپەيتىپلا تەقرىبىي قىممىتىنى چىقىرىپ قويساقلا بولدى ، ئاندىن بىزنىڭ كاللىمىزدىمۇ مەلۇم بىر ئۇقۇم شەكىللىنىدۇ !

       قوشۇمچە 2 : تېما ياكى ئىنكاس يازغاندا بۇرۇندىن ئىملا خاتالىقى توغرىسىدا سۆزلەپ كېلىۋاتىمىز ، يەنە بىر مۇھىم مەسىلە كومپىيوتېردا خەتنى كىرگۈزۈش مەسىلىسى ، بولۇپمۇ تىنىش بەلگىلىرىنىڭ ئۇرۇلۇشى مېنىڭچە سۆز خاتالىقىدىنمۇ ئېغىر بولۇپ قېلىۋاتىدۇ . تېمىڭىزنى تېخىمۇ يېقىشلىق قىلىمەن دەيدىكەنسىز چوقۇم تىنىش بەلگىلىرىنى توغرا قويۇڭ . يەنە بىر مۇھىم مەسىلە ، كومپىيوتېردا خەت ئۇرغاندا ھەرقانداق تىنىش بەلگىسىنىڭ كەينى تەرىپىگە چوقۇم بىر بوشلۇق ئورنى قالدۇرۇڭ !  بۇ مەن تېپىۋالغان گەپ ئەمەس ، بەلكى مۇشۇنداق بەلگىلەنگەن ! مۇنبىرىمىزدىكى خېلى داڭلىق يازغۇچىلىرىمىزمۇ بۇ مەسىلىگە دىققەت قىلمايۋاتىدۇ . مەن بۇ جەھەتتە توپ تەپكۈچى ئاكىمىزنىڭ يازمىلىرىغا بەك قايىل ، خاتالىقلار ئىنتايىن ئاز ھەتتا كۆرۈلمەيدۇ دېيىشكە بولىدۇ ! يەنە سەبرى ، تۇمشۇق قاتارلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تېمىسىنى ئۇقىسىمۇ ناھايىتى راھەت بىرخىل تۇيغۇ بېرىدۇ . بەزى دوستلىرىمىز تىنىش بەلگىىسى ئۇرىدىغان يەرگە كەلگەندە خۇشياقماي قالامدۇ بىلمىدىم ، بوشلۇق كۇنۇپكىسىدىن بىرمۇنچىنى بىسىۋىتىپللا يېزىۋىرىدىكەن ! دىققەت قىلايلى ، خەتنى ئۆلچەملىك كىرگۈزىدىغان بولساق جاھاندا بىزنىڭ يېزىقىمىزدىنمۇ چىرايلىق يېزىق يوق ! ( بۇ جەھەتتە ئەرەپ يېزىقى ئاساسىدىكى بارلىق يېزىقلارنى كۆزدە تۇتقان )

       قۇشۇمچە 3 : مۇنبەرگە يەنە بىرقىسىم سەھىپىلەرنى قوشۇپ قويغىلى بولماسمۇ ؟ مەسىلەن پۇتبول بىلىملىرى ، ياكى بىلىۋىلىڭ دىگەندەك . بەزىدە بىر قىسىم تېمىلارنى قايسى سەھىپىگە يېزىشنى بىلەلمەي قالىدىكەن . مەسىلەن : مەن . بۇرۇن پۇتبول ئايىقى ۋە شەندۇڭ پۇتبول مەكتىپىنى چۈشەندۈرۈپ ئىككى تېما يازغان ، قايسى سەھىپىگە يېزىشنى بىلەلمەي قالغان ئىدىم ! باشقۇرغۇچىلار ئويلىشىپ باقساڭلار !

       ئىزاھات : تىنىش بەلگىسىدىن بۇرۇن بوشلۇق قالدۇرۇلمايدۇ، ئەمما كەينىدىن بىر بوشلۇق قالدۇرىلىدۇ! بۇ نۇقتىغا مەنمۇ دىققەت قىلماپتىمەن. بىر قىسىم دوستلىرىمىزنىڭ ئىنكاس بېرىشى بىلەن تېما قايتا تەھرىرلەندى.

       ـــــــ سەنجەر
        
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-26 16:29:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-4-26 16:34:46 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   玉苏浦 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-26 16:36  

قوللايمەن ياخشى  پىكىر   قىپسىز
بولسا مۇشۇ تۈركىيەبىرلەشمسىگە بىر سەھىپە  ئ‍اشقان بولساق بۇپتىكە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-4-26 16:43:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-4-26 16:55:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇللايمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-4-26 17:00:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زادى بىلۋىلىش كىرەك بولغان . رەھمەت
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-4-26 17:05:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھمىيىتى چوڭ تىما بوپتۇ، توغرا ھەممىنى ئانا تىلىمىزدا ئىپادىلىسەك بەك ياخشى بولىدۇ.يەنە بىرسى كىشى ئىسىملىرىنى تەرجىمە قىلىشتا بۇرۇن بەك قىينىلاتتىم ھەم خاتا تەرجىمە قىلىپ قوياتتىم.لېكىن ھازىر قىينالمايدىغان بولدۇم،شۇڭا دوسلارغا دەپ بېرىشنى لايىق تاپتىم، بەلكىم كۆپلىرىمىز بىلىمىز يا بىلمەيمىز، شۇ بىلمەيدىغان قېرىنداشلىرىمغا ئارتۇقچە بولسىمۇ دەپ بېرەي، ئازراق ئېنگىلىسچە سەۋىيەرىڭىز بولسىلا ( ئازتولا ئېنگىلىستىلىنى ئوقۇشنى بىلسىڭىز) ئاشۇ كىشى ئىسمىنى بەيدۇدېن ئىزدىسڭىز ئېنگىلىسچىسى چىقىدۇ، شۇ ئېنگىلىسچە تەلەپپۇزدا ئالايلى. مەسىلەن 罗纳尔多بولسا لوناردو ئەمەس رونالدو دېگەندەك.....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-4-26 17:46:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ تېمىدا مەنمۇ تورداشلارغا بىر تەكلىپ بېرىپ قويسام  ھازىر ئىملا مەسىلىسىدە ئىلگىرلەش زور بولسىمۇ بىر قىسىم سۆزلەرنى باسقاندا ھەرپلەرنى تولۇق ئۇرماسلىقنىڭ كۆرۈلۈش چاستوتىسى بەكلا يۇقىرى ، بولۇپمۇ ‹‹ يوللاش ›› ۋە ‹‹ قوللاش ›› سۆزلىرىنى يولاش ، ۋە قولاش دەپ ئالىدىغان ئىش مۇنبەرلەردە بەكلا ئېغىر .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-4-26 17:57:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-4-26 17:59:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەت بىسىشتا مانداق ئىشلارمۇ با دەڭلا ، تىنىش بەلگىلەرنى قويۇشقا دىققەت قىلماي قاپتىمەن بۇرۇنلاردا ، ئەمدى دىققەت قىلدىغان يەرگە كەلدى .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-4-26 19:55:52 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىنىش بەلگىلەرنىڭ ئىككى تەرىپىدىن بوشلۇق قالدۇرۇلمايدۇ، خەتنىڭ كەينىگە تىنىش بەلگىسى قويۇپ ئاندىن تىنىش بەلگىسى قويىمىز. ئادەتتە تىنىش بەلگىسىنىڭ ئىككى تەرىپىگە بوشلۇق قويغاندا پەرقلەنمىگەندەك ھېس قىلىمىز، ئەمما قۇر ئاتلىغاندا تىنىش بەلگىسى جايىنى تاپالماي قالىدۇ، ئادەتتە ھەرقانداق تىلدا قۇر بېشىغا تىنىش بەلگىسى كەلمەيدۇ، مۇھىمى مۇشۇنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ…
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-4-26 20:41:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇللايمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2016-6-1 08:52

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش