akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 425|ئىنكاس: 15

تۇرپان بىرلەشمىسىنىڭ 9 _ ئايلانما تەھلىلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تۇرپان بىرلەشمىسىنىڭ 9 _ ئايلانمىسى ئالاھىدە ئۆزگىرىش بولمىغان ئەھۋالدا، 27 _ ئاپرېل چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 2:00 دە باشلىنىدۇ.

بىرىنچى مەيداندا قاڭقىل كوماندىسى بىلەن سەرناز كوماندىسى ئۇچرىشىدۇ.



قاڭقىل كوماندىسى ئىزچىل ياخشى ئىپادىسى بىلەن بىرلەشمىنىڭ 1 _ ئورنىنى ساقلاپ كەلمەكتە. سەرناز كوماندىسى قان تولۇقلاش ئارقىلىق سەپ شەكلىنى مۇكەممەللەشتۈرگەندىن كېيىنكى تۇنجى مەيداندا ئىتتىپاق كوماندىسىنى يۇقىرى نومۇر پەرقى بىلەن مەغلۇپ قىلدى. بۇ ئىككى كوماندىنىڭ نۆۋەتتىكى ئىپادىسى ۋە ئەزالارنىڭ مۇسابىقە ھالىتىگە كىرىشى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، بۇ ئىككى كوماندىنىڭ ئۇچرىشىشى بىر مەيدان كەسكىن، ئېسىل مۇسابىقە بولۇشىدا گەپ يوق.


ئىككىنچى ئايلانمىدا كارۋانچى كوماندىسى بىلەن ئەلقىيا كوماندىسى ئۇچرىشىدۇ.



ئەلقىيا كوماندىسى تۇرپان بىرلەشمىسىنىڭ سەردار كوماندىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، باھار پەسىللىك بىرلەشىمىنىڭ دەسلىپىدە ئاز _ تۇلا سەۋەنلىك بىلەن بىر نەچچە نومۇرنى قولدىن بېرىپ قويغان بولسىمۇ، نۆۋەتتە ئۇلار، مۇسابىقە كەيپىياتىنى تەڭشەپ، قاڭقىل كوماندىسىنى يېقىندىن قوغلاپ كەلمەكتە. ئەڭ مۇھىمى ئۇلارنىڭ مۇسابىقىنىڭ چىمپىيۇنلۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش پۇرسىتى ئۆز قۇلىدا بولۇپ، چوڭ خاتالىق سادىر قىلمىغان ئەھۋالدا، 10 _ ئايلانمىدىكى قاڭقىل كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرەلىسىلا چىمپىيۇن بولۇشىدا ئۈمىد زور. كارۋانچى كوماندىسى بولسا قاڭقىل بىلەن بولغان بىر مەيدان مەغلۇبىيەت جېڭىدىن يەنە بىر كۈچلۈك رەقىبكە دۈچ كەلدى. ئۇلارنى كۈتۈۋاتقىنى بەدەن ساپا جېڭى، تاكتىكا جېڭى بولۇپلا قالماي، ئەڭ مۇھىمى پىسىخىكا جېڭى.

ئۈچىنچى مەيداندا ئىتتىپاق كوماندىسى بىلەن 2 _ ئوتتۇرا كوماندىسى ئۇچرىشىدۇ.



ئىتتىپاق كوماندىسىمۇ ئالدىنقى ئايلانمىدا قاتتىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى، 2 _ ئوتتۇرا مەكتەپ كوماندىسىنىڭ بۇ پەسىللىك بىرلەشمە نەتىجىسىنى ئانچە ياخشى دەپ كەتكىلى بولمىسىمۇ، بىراق ئۇلارنى ھەرگىز سەل چاغلىغىلى بولمايدۇ. ئۇلامۇ قان تولۇقلاش مەزگىلىدە بىرقانچە يېڭى ئەزا قوشۇپ، سەپ شەكلىنى تەڭشىدى. دېمەك بۇمەيدان مۇسابىقە ئىتتىپاق كوماندىسىغا ئاسان توختاپ كەتمەيدۇ. ھەر ئىككىلا تەرەپكە پۇرسەت ئوخشاش.

تۆتىنچى مەيداندا فارخان كوماندىسى بىلەن ياشلار بىرلەشمىسى كوماندىسى ئۇچرىشىدۇ



فارخان كوماندىسىنىڭ ئالدىنقى يېرىم پەسىللىك مۇسابىقە نەتىجىسى ئىزچىل ياخشى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. بىراق ئەلقىيا كوماندىسى بىلەن بولغان مەغلۇبىيەتتىن كېيىن، ئۇلار چوقۇم روھىي ھالىتىنى تەڭشەپ، ئۆز ئىرادىسىنى تېپىۋېلىشى كېرەك. ياشلار بىرلەشمىسىمۇ قان تولۇقلاشتا ئەزا قوبۇل قىلىپ ئالدىنقى ئايلانما مۇسابىقىنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈردى، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ناۋادا ئۇلار تاكتىكا جېڭىنى ياخشى قىلالىسا ئۈمىد بار.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-25 13:06:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     تورداشلارغا ئىلتىماس :  بىلەلمىدىم ، تۇرپان بىرلەشمىسى قانچە كىشىلىك مۇسابىقە ؟  ( بەش كىشىلىكمۇ ؟ يەتتە كىشىلىكمۇ ياكى 11 كىشىلىكمۇ ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-25 13:20:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنچە 17 كىشىك  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-25 13:32:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەش كىشلىكمىكى ھەقىچان.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-25 14:19:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەنسىز يوللىغان ۋاقتى  2014-4-25 13:20
مەنچە 17 كىشىك

  بۇرادەر ، بىلسەڭ دە ، بىلمىسەڭ قىسىپ ئوتا .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-25 14:21:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
quwuldarbag يوللىغان ۋاقتى  2014-4-25 14:19
بۇرادەر ، بىلسەڭ دە ، بىلمىسەڭ قىسىپ ئوتا .

چاق چاق نى چۇشۇنەمسەن  يا  ئاغىزىڭغا  بايقاپ  گەپ  قىلە  قاندا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-25 14:21:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
quwuldarbag يوللىغان ۋاقتى  2014-4-25 14:19
بۇرادەر ، بىلسەڭ دە ، بىلمىسەڭ قىسىپ ئوتا .

مەن ساڭا  گەپ قىلمىدىم  سەن قىسىپ  جىم ئۇتا  قاندا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-25 15:00:13 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
8
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-25 15:27:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-25 16:36:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
11كشليك وخشايدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-25 16:39:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرادەرلەر بۇ سەككىز كىشىلىك مۇسابىقە، ئىلگىرىكى مۇسابىقە خەۋەرلىرىدە كۆپ دېيىلگەچكە بۇ ساندا تىلغا ئالمىغان.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-25 17:42:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەش كىشلىك مۇسابىقە شۇدۇ باللا؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 19:17

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش