ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 857 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ~virus~ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-26 00:31
سېۋېللا بىلەن ۋالىسىيەنىڭ مۇسابىقىسىنى كۆردۈم .
مۇسابىقىنىڭ رېتىمى تېز ، كەسكىن بولدى .سېۋېللانىڭ قايتۇرما ھۇجۇمى تېز ، ئۈنۈملۈك بولغان بىراق 9-نۇمۇرلۇق ھۇجۇمچىسى باكا بىرنەچچە ياخشى پۇرسەتلەرنى تۇتالمىدى ، لېكىن ئىككىنچى توپنى ئۇرۇپ غەلبىگە ئاساس سالدى . ئۇلارنىڭ بىرىنچى توپى ناھايىتى روشەن ئوفسايىت بولغان ، لېكىن يان رېپپىر ئىپادە بىلدۈرمىدى . شۇنىڭ بىلەن ۋالىنسىيەنىڭ توپچىلىرى چېچىلىپ ، ئەسلىگە كەلمەي تۇرۇپ كەينىدىنلا يەنە بىر توپ يەۋالدى . ۋالىنسىيە مۇسابىقىنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىدا بەك كۈچىگەن ،لېكىن ئۇرغان توپلىرى ۋارتار ۋە ۋارتا تۈۋرىكىنىڭ رەت قىلىشغا ئۇچۇردى .
سېۋىللانىڭ كاپىتانى بەك ياخشى ئوينايدىكەن ، مەيداننىڭ ئېھتىياجلىق ھەممە يېرىدە بار، ھۇجۇم پاسلىرى شۇنداق ئۆلچەملىك ، ئەگەر ھۇجۇمچىلىرنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولغان بولسا نۇمۇر پەرقى بەلكىم چوڭ بۇلۇپ كېتەتتى . |
|