akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 2216|ئىنكاس: 57

مۇسابىقىدىن كىيىنكى ياۋرۇپالىقلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !   

20140412100934_51077.jpg

بۈگۈن سەھەر ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ يېرىم ھەلقىلغۇچ مۇسابىقىسى تۇنجى ئۇچۇرشۇشتا خان جەمەتى مادرېد كۇماندىسى بىرنابو پۇتبول مەيدانىدا گېرمانىيە زۇمىگىرى بايرېن مىيۇنخىننى 1-0 بولغان كىچىك نۇمۇر پەرقى بىلەن مەغلۇپ قىلدى . بۇ مۇسابىقە ئىسمى-جىسمىغا لايىق كۈچلۈكلەر ئۇچۇرشۇشى ، خەنچە نۇرغۇن توربەتلەردە ‹‹ياۋرۇپا دېربىسى ›› دەپ تەرىپلىنىپتۇ ، مىنىڭچە بۇمۇ ئاشۇرۋەتكەنلىك بولماس . ئەمدى مۇسابىقىدىن كىيىن ياۋرۇپا پۇتبول سەھنىسىدىكى داڭلىق شەخىسلەر ى بۇ مەيدان مۇسابىقە ھەققىدە نىمىلەرنى دىدى قاراپ باقايلى .

U7639P6T12D7134210F44DT20140424103036.jpg

بارسىلونانىڭ ئىلگىركى داڭلىق مەشقاۋۇلى ، ھازىر بايرېندا تىرنىرلىق قىلىۋاتقان گۇئادىئولا مۇسابىقىدىن كىيىن ئۈمىدسىزلىنىپ : ‹‹بۇ تۇلىمۇ مۈشكۈل بولغان بىر مەيدان مۇسابىقە بولدى ، نەتىجىسى كۈتكىنىمىزدىكىدەك ئەمەس . بىز توپ كونتىرول قىلىش ۋە تىز سۈرئەتتە ھۇجۇم بىلەن مۇداپىيەنى ماسلاشتۇرۇپ رەقىبىزمىزنى تىزگىنلەشنى ئۈمىد قىلغان ، مۇسابىقىنىڭ كۈپىنچە ۋاقىتلىرىدا بۇنى ئىشقا ئاشۇردۇق ، بىراق قاپقىغا توپ تىپىش جەھەتتە كۈرىنەرلىك نەتىجىگە ئىرىشەلمىدۇق .›› دىدى .
  
گۇئادىئولا خانلىق مادرېد ھەققىدە : ‹‹ خانلىق مادرېد دۇنيادىكى قايتۇرما ھۇجۇمى ئەڭ خەتەرلىك بولغان كۇماندا ، ئۇلارنىڭ قايتۇرما ھۇجۇمىنى تۇسۇش تۇلىمۇ قىيىن . ئۇلار ئىزچىل مۇشۇ خىل توپ تىپىش ئۇسلۇبىنى ئىشلىتىدۇ ، رەقىبىنى ھۇجۇم قىلىشقا قۇيۇپ بىرىدۇ ، ئۇشتۇمتۇت توپنى تارتىۋالسا پۈتۈن سەپ بۇيىچە قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۈتىدۇ . بۇنداق ئەھۋالدا ئۇلارنىڭ قايتۇرما ھۇجۇمىنى كونتىرول قىلىش بەكلا تەس ، چۈنكى ئۇلارنىڭ سۈرئىتى ناھايىتى تىز . خانلىق مادرېدتا سۈرئىتى تىز توپچىلار كۆپ ، ئۇلار پۇتبولچى بۇلۇپلا قالماي يىنىك ئاتلىتكا تەنھەركەتچىسى بۇلۇشقىمۇ ماس كىلىدۇ . ئۇلار بىلەن بېسىپ ھۇجۇم قىلىشىپ مۇسابىقە ئوينىساق بەكلا خەتەرلىك . ›› دىدى .

بايرېن كاپىتانى لام مۇسابىقىدىن كىيىن  : ‹‹ بىز مۇسابىقىدە مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگەنلىدۇق ، بىراق ئۇلارنىڭ قايتۇرما ھۇجۇمىنى تۇسۇشقا ئامالسىز قالدۇق . بىزدە ئازراق تەلەي كەم بۇلۇپ قالدى ، ئەجەللىك زەربىدىن بىرنى بىرەلمەي قالدۇق . بىز مۇسابىقىدىن بۇرۇنلا مادرېدنىڭ  قايتۇرما ھۇجۇمنى ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلەتتۇق ، بىراق ئۇلارغا ھېقانداق قايتۇرما ھۇجۇم پۇرسىتى بەرمەسلىك مۇمكىن ئەمەس . ›› دىدى .
بايرېن قاپقىچىسى نويىرمۇ لام بىلەن ئاساسەن ئوخشاش گەپ قىلدى .


U7639P6T12D7133644F44DT20140424055001.jpg

بايرېن توپچىسى روببېن مۇسابىقىدىن كىيىن : ‹‹ كىلەركى ئايلانمىدىكى مۇسابىقىگە ئىشەنچىم كامىل ، بىز بۇ مەيدان مۇسابىقىدە قالتىس ئويناپ قويدۇق ، بىراق بىزنىڭ رەقىبىمىز خانلىق مادرېد ، ئۇلار ناھايىتى كۈچلۈك ، شۇنداقتىمۇ بىز مۇسابىقىنى پۈتۈنلەي كونتىرول قىلدۇق . مەن ئەسلى رەقىبىمىزنى مۇسابىقە باشلىنىشى بىلەنلا كۈچلۈك ھۇجۇم قوزغايدۇ دەپ ئويلىغان ، بىراق ئۇلار ئارقا مەيداندا تۈگىلىۋېلىپ توپنى بىزنىڭ كونتىرول قىلىشىمىزغا تاشلاپ بەردى ، بۇ تەرپى مىنى بەكلا ھەيرېن قالدۇردى . ›› دىدى . مۇسابىقىدىن بۇرۇنقى زىيارەتتە روببېن مۇخپىرنىڭ ‹‹ مۇسابىقە نەتىجىسى قانداق بۇلا ؟ ›› دىگەن سۇئالىغا چاقچاق قىلىپ ‹‹ 4-0 ياكى 5-0 نەتىجە بىلەن غەلبە قىلساق تۇلىمۇ ياخشى بۇلاتتى ›› دەپ جاۋاپ بەرگەن ئىدى . بايرېن ھۇجۇمچىسى موللېرمۇ روببېنغا ئاساسەن ئوخشاش بولغان ‹‹ ئۇلار ئارقا مەيدانغا تۈگىلىۋالدى ›› دىگەننى چۆرىدىگەن ئاساستا سۆز قىلدى .

U334P6T12D7133945F44DT20140424090641.jpg

مۇسابىقىدىن كىيىن ‹‹ پۇتبول پادىشاھى ››   Beckenbauer بايرېننىڭ ئۇسلۇبىنى تەنقىدلىدى . ئۇ : ‹‹ توپ كونتىرول قىلغاننىڭ نىمە پايدىسى ؟ قارشى تەرەپ پۇرسەتنى تۇتۇپ نۇمۇر ئالغاندا توپ كونتىرول قىلىش ھېچنىمىگە ئەرزىمەيدۇ ، بىز چۇقۇم ئوبدان ئويلىنىپ كۈرىشىمىز كىرەك ، بىز يەنە خانلىق مادرېدنىڭ ئاران بىر توپ ئۇرغانلىقىدىن خۇشال بولساق بۇلىدۇ . ›› دىدى .

ئۇ ئىلگىرى گو تىرنىرنىڭ توپ كونتىرول قىلىش تاكتىكىسىنى بايرېنغا كۈچۈرۈپ كەلگەنلىكىنى خاتالىق ۋە ئەخمىقانىلىق دەپ قارىغان ، بۇنداق ئۇسلۇپتا توپ تىپىش ‹‹پۇتبولنى ئۆلتۈرىدۇ ›› دىگەن ئىدى . بۇ قېتىم ئۈزىنىڭ قارىشىنى يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويدى : ‹‹ مۇشۇنداق ماڭساق بىز ئەڭ ئاخىرىدا بارسىلوناغا ئوخشاش توپ تىپىدىغان بۇلۇپ قالىمىز ، بۇ تۇلىمۇ زىرىكىشلىك ، بۇنداق كىتىۋەرسە بىزنىڭ مۇسابىقىمىزنى كۈرىدىغان ئادەم قالمايدۇ ، چۈنكى ئۇ چاغدا بايرېن توپنى داۋاملىق ئارقىغا پاس بىرىدىغان بۇلۇپ قالىدۇ . ›› .


900x600_9QITG86V00BV0005.jpg

مۇسابىقە ئاخىرلىشىشقا ئاز قالغاندا كاپىتان كاسسىلاس بايرېن توپچىسى گوتىزنىڭ ناھايىتى خەتەرلىك توپىدىن بىرنى تۇسۇپ چىقىرىۋەتتى ، سەپدېشى راموس كاسسىلاسنى ماختاپ : ‹‹ ئۇ ھەرقېتىم كۇماندا ئىھتىياجلىق بولغاندا كۆكرەك كىرىپ ئوتتۇرىغا چىقىدۇ شۇنداقلا كۇماندىنى قۇتقۇزۇپ قالىدۇ ، بىز بۇنىڭغا ئاللابۇرۇن كۈنۈپ قالدۇق ، ئۇ ناھايىتى مۈنەۋەر ۋاراتار . ›› دىدى .


مەنبەسى : سىنا تورى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-24 23:10:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
0ZW9w8a-cqs.jpg VugMe-OS4L8.jpg J5JWFY9wfXI.jpg WgyzScthmZw.jpg 30zCDenqMio.jpg
xajtEihNJys.jpg
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-24 23:11:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-24 23:12:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قالغنى كىينىكى مەيدانغا باغىلىق بوپقالدى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-24 23:18:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىكى تاكانىڭ ئەڭ چوڭ ئاجىزلىقىنىڭ قايتۇرما ھۇجۇم ئىكەنلىكىنى ھەممىسى بىلىپ كەتتىدە ھازىر . مانچىستىرمۇ ئۇسلۇبىنى ئۆزگەرتىپ قايتۇرما ھۇجۇم ئويناپ كەتكەن تۇرسا ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-24 23:18:50 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-24 23:19:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخشام شۇنداق زىركىشلىك  ئادەمنى بىرخىل قىلىپ قويدى بايرىن ، پاس بەك كۆپ  شۇڭىمۇ باسانىڭ مۇسابىقىلىرى بىلەن خوشۇم يۇق ،بايىرىنمۇ شۇنداق بوپقاپتۇ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-24 23:21:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-24 23:22:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-24 23:22:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىكىنپاۋېر خورازدەك گەپ قىلىپتۇ......توپ كونتىرول قىلغاننىڭ نىمىگە پايدىسى بار......
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-24 23:22:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شەرىقى يوللىغان ۋاقتى  2014-4-24 23:19
ئاخشام شۇنداق زىركىشلىك  ئادەمنى بىرخىل قىلىپ قويدى با ...

ئادەمنىڭ خۇشىنى كەتكۇزگەن كوماندا ئەمەس  گۇادىئولا ، ئۇ بارسىلونانى قولىغا ئالغاندىمۇ شۇنداق قىلغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-24 23:24:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەيرىن ئۆز مەيدانىدا يەنىلا خەتەرلىك رەقىپ قوش بوغۇزلاپ ئاندىن بىر نىمە دىيشىلى ، بوپمۇ نويىر بىلەن كاشىلياسنىڭ ئىپادىسى قالتىس بولدى ، بىنزىماغۇ ئەزەلدىن شۇنداق قالتىس ھالقىلىق توپنىلا ئۇردۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 15:03

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش