akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 679|ئىنكاس: 2

ئۇيغۇر ۋاسكىتبول چولپانلىرىمىز خوتەندە مۇسابىقە ئوينايدۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
    150251f57pbe2nd5pp26kb[1].jpg
   ئۇيغۇر ۋاسكىتبول تورىنىڭ 24-ئاپرېل خەۋىرى؛  خوتەن ۋىلايەتلىك ۋاسكىتبولچىلار جەمئىيىتىدىن ئىگەللىشىمىزچە،  2014-يىلى4-ئاينىڭ 28-كۈندىن 5-ئاينىڭ 2-كۈنگىچە، خوتەن ۋىلايەتلىك ۋاسكىتبولچىلار جەمئىيىتى، خوتەن ئۇدۇن ئىلىكتىر ئۈسكۈنىلىرى ئۆي جازىلىرى شىركىتىنىڭ تەشكىلىشى بىلەن خوتەن شەھرىدىكى خوتەن ۋىلايەتلىك ياش-ئۆسمۈرلەر پەن تىخنىكا مەدىنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيەت مەرگىزى ۋاسكىتبول مەيدانىدا « خوتەن ئۇدۇن لۇڭقىسىنى تالىشىش ۋاسكىتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى » ئىلىپ بىرىلىدىكەن.
بۇ قىتىمقى ئەل ئىچى تەكلىپ مۇسابىقىسىگە، يىقىندا دۆلەت ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىغا تاللانغان، شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى،  پەخىرلىك ئۇيغۇر ۋاسكىتبول چولپانىمىز شىرئەلىجان مۇختەر، قىرغىز يىگىتى قىرانبەك،  شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى مەردان تۇرسۇن، شەنشى ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ئۇيغۇر ئەزاسى مۇرات ئادىلجان، NBL   جىياڭسۇ توڭشى كوماندىسىنىڭ ئەزاسى مەۋلان تۇرسۇن قاتارلىق داڭلىق ۋاسكىتبولچىلىرىمىز ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتنىشىدىكەن.
مۇسابىقىگە خوتەندىكى يەرلىك مىللى كارخانىلار تەشكىللىگەن ئۇدۇن ۋاسكىتبول كوماندىسى قاتارلىق كوماندىلار قاتناشقاندىن سىرىت، يەنە شىنجاڭ ئۈنۋىرستىتى ۋاسكىتبول كوماندىسى، شىنجاڭ پىداگوگىگا ئۈنۋىرستىتى ۋاسكىتبول كوماندىسى، شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ۋاسكىتبول كۇلۇبى ۋاسكىتبول كوماندىسى قاتارلىق كوماندىلار تەكلىپ بىلەن قاتنىشىدىكەن.   بۇ قىتىمقى مۇسابىقە ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى بۇيىچە كۈلىمى چوڭ، سەۋىيەسى بىر قەدەر يۇقۇرى بولغان ۋاسكىتبول مۇسابىقىسى بۇلۇپ قالىدىكەن.
خوتەندە ۋاسكىتبول قىزغىنلىقى بىر قەدەر يۇقۇرى بۇلۇپ، ۋاسكىتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى  دائىم ئۆتكۈزۇلۇپ تۇرىدۇ. يىقىندىن بۇيان  « مۇبارەك لۇڭقىسىنى تالىشىش ۋاسكىتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى »، «خوتەن ھەرەمباغ لۇڭقىسىنى تالىشىش ۋاسكىتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى »، «خوتەن ئانا يۇرت لۇڭقىسىنى تالىشىش ۋاسكىتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى » ئۆتكۈزۈلۇپ. پەخىرلىك ئۇيغۇر ۋاسكىتبولچىمىز، دۆلەت ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى شىرئەلىجان، شىنجاڭ گۇاڭخۇي كوماندىسىنىڭ ئەزاسى مۇرات، مەۋلان قاتارلىق داڭلىق ۋاسكىتبولچى ئەزمەتلىرىمىز تەكلىپ بىلەن مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، خوتەندىكى ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مەستانىلىرى ئۈچۇن ئىسىل ماھارەتلىرىنى كۆرسەتكەن ئىدى.
  بىز ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مەستانىلىرىغا ۋاكالىتەن ئۇيغۇر ۋاسكىتبول ئىشلىرىغا كۈڭۇل بۆلگەن مىللى كارخانىلارغا تەشەككۇر بىلدۈرىمىز ۋە بۇ قىتىمقى  «خوتەن ئۇدۇن لۇڭقىسىنى تالىشىش ۋاسكىتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى » نىڭ مۇۋاپىقيەتلىك ئۆتكۈزۇلىشىگە تىلەكداشمىز.

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-24 22:57:36 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە ئىسىل مۇسابىقىلەدىن ھۇزۇرلانغۇدەكمىز مىللى كارخان چىلىرىمىز غا رەھمەت ئېيتىمىز
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-25 08:09:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمدى بولدى قىلساڭلار بۇلامىكى ! تېخى نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا يوللاپتىكەن سىلە ، بۇنداق قىلىۋەسەڭلار بۇ مۇنبەر شالغۇتلىشىپ كەتمەمدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-26 15:04

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش