akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1660|ئىنكاس: 63

قىساس كېچىكمەيدۇ؟!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بۇغدا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-24 20:19  

34233[1].jpg

    ئۈرۈمچى ۋاقتى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى ئەتتىگەن سائەت 0:45 تە ياۋرۇپا چىمپىيونلۇق بىرلەشمىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى تۇنجى ئايلانما مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. ئىسپانىيە زەردارى خانلىق مادرىد كۇلۇبى بوناۋۇ پۇتبول مەيدانىدا گىرمانىيە زەردارى بايرىن مىيۇنخىن كوماندىسىنى كۈتىۋالدى. خانلىق مادرىد كوماندىسى فىرانسىيەلىك ھۇجۇمچى كەرىم بېنزىمانىڭ مۇسابىقىنىڭ 18-مىنۇتىدا ئۇرغان توپىغا تايىنىپ غەلبىنى قولغا كەلتۈردى.
  
    ئۈرۈمچى ۋاقتى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى ئىككىنجى ئۇچرىشىش مۇسابىقىسى بايرىن مىيۇنخىن كوماندىسى ئارىئان پۇتبول مەيدانىدا ئۆتكۈزىلىدۇ.




    بۇ يىلقى ياۋرۇپا چىمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپ مۇسابىقىسىدە خانلىق مادرىد كۇلۇبى گالاتا ساراي، كوپىنھاگىن، يوۋىنتىس كوماندىلىرى بىلەن بىر گۇرپىغا بۆلۈنۈپ گۇرپىدىن  گۇرۇپ مۇسابىقىسىدە قىرغىنچىلىق خارەكتىرىدە بىر قاتار مۇسابىقىلەرنى تاماملاپ گۇرپىدىن 1-بۇلۇپ چىقتى. ئىتالىيە زەردارى يوۋىنتىس كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە 1 ئۇتۇپ 1 تەڭلەشتى. گۇرپا مۇسابىقىسىدە ئاساسەن پاسسىپ ۋەزىيەت شەكىللەنمىدى.

  ئەمما شاللاش مۇسابىقىسى مەزگىلىدە خانلىق مادرىد كۇلۇبى ئۇدا گىرمانىيە كۇلۇپلىرى بىلەن تۇتۇشتى. ئالدى بىلەن 8 كۈچلۈك مۇسابىقىسىدە شارىك 04 كوماندىسى بىلەن تۇتۇشۇپ گىرمانىيە كوماندىلىرىنى گىرمانىيە زىمىنىدا ئۇتالماسلىقتەك پاسسىپ ۋەزىيەتكە خاتىمە بەردى. 4 كۈچلۈك مۇسابىقىدە يەنە بىر قېتىم گىرمانىيە كۇلۇبى دورتموند كوماندىسى بىلەن تۇتۇشتى. 3:2 ئۇمۇمى نەتىجىدە 4 كۈچلۈك قاتارىغا كىردى. يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە يەنە بىر قېتىم گىرمانىيە كۇلۇبى بىلەن تۇتۇشتى.


QQ图片20140424140642.jpg

QQ图片20140424140649.jpg
   
   يۇقارقى ئىككى خىل ھەجىۋى رەسىم زور يۇشۇرۇن مەنالارنى ئۆز-ئىچىگە ئالغان. 1-رەسىمدە بىردىن-بىر چاشقاندىن قورۇقمايدىغان تام خانلق مادرىدتقا سىمول قىلىنغان، يەنە كىلىپ تامنىڭ قۇلىدا ئۇ ناھايىتى ئاز ئىشلىتىدىغان ( زور رەقىپكە يۇلۇققاندا ئاندىن ئىشلىتىدىغان ) قۇرال بار، شۇنداقلا جېررىي جەمەت ئارقا-ئارقىدىن تامغا خىرىس قىلغان ھالەتتە. بۇلۇپمۇ دورتموند بىلەن بايرىن تام خانلىق مادرىدتىن زىيادە چوڭ، تامنىڭ پىسخىكىسى بۇيىچە تەھلىل قىلغاندا تامدا گىگانىت چاشقان بايرىن بىلەن تىركەشكۈدەك جاسارەت يوق.

  2-رەسىمدە خانلىق مادرىدنى جان ئالغۇچى ئەزرائىل سۈپىتىدە سۈپەتلىگەن. بۇنى تەھلىل قىلساق ئەزرائىل ئۈزىدىن باشقا بارلىق مەۋجۇداتنىڭ جېنىنى ئالغۇچى ھىساپلىنىدۇ. يەنى خانلىق مادرىدنى زىيادە كۆپتۈرىۋەتكەن. ياۋرۇپا چىمپىيونلۇق بىرلەشمىسى ۋە خانلىق مادرىد گىرمانىيە كوماندىسىدىن تەشكىل تاپقان بۇ تۈرنى تەھلىل قىلغاندا مادرىدتنىڭ بۇ يىلقى ئىپادىسىنى 2-رەسىمگە ئوخشىتىش مۇمكىن. نىمىلا بولمىسۇن بۇ يىل خانلىق مادرىد ئۇزۇن يىللىق ئار-نۇمۇسنى يۇيۇپ تاشلىدى، دورتموننى يىڭىپ قىساسىنى ئالدى. ئەگەردە بايرىننى شاللىۋەتسە خانلىق مادرىد كۇلۇبى بىر قوللۇق گىرمانىيە كوماندىلىرىنى سۈپۈرۈپ تاشلىغان كوماندىغا ئايلىنىدۇ. يەنە كىلىپ 2011-2012 مۇسابىقە پەسلىدىكى ئېچىنىشلىق شاللىنىش ماھىرلار ۋە مەستانىلەرنىڭ قەلبىدىن تېخى ئۆچۈپ كەتكىنى يوق. بۇ بىر ھىساپتا قىساسنىڭ داۋامى...


  خانلىق مادرىدنىڭ يېقىنقى 4 يىللىق ياۋرۇپا چىمپىيونلۇق بىرلەشمىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى تۇنجى ئۇچرىشىشتىكى نەتىجىسىگە قارايدىغان بولغان بۈگۈنكى غەلبە تېخى مۇشۇ 4 يىل ئىچىدىكى  تۇنجى ئۇچرىشىش مۇسابىقىسىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجە بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.

  2010-2011 مۇسابىقە پەسلىدە بارسېلوناغا 0:2 نەتىجىدە ئۇتتىرىۋەتكەن. ( ئۇمۇمى نەتىجە 3:3 )
  2011-2012 مۇسابىقە پەسلىدە بايرىنغا 1:2 نەتىجىدە ئۇتتۇرىۋەتكەن.     ( ئۇمۇمى نەتىجە 3:3  نوقتا توپ 4:2 )
  2012-2013 مۇسابىقە پەسلىدە دورتمونغا 1:4 نەتىجىدە ئۇتتۇرىۋەتكەن.   ( ئۇمۇمى نەتىجە 3:4 )


    نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتىن قارىغاندا خانلىق مادرىد كۇلۇبى 1 توپ ئۇرۇش ۋە ساھىپجان مەيداندا توپ كەتكۈزمەسلىك ئەۋزەللىكى بىلەن سەل ئاكتىپ ئۇرۇندا. بايرىن كوماندىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرىش ئۈچۈن 2 توپ ئۇرىشى ياكى نوقتا توپتا تەلەي سىنىشى كىرەك. بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا بايرىن كوماندىسى تېخىمۇ بېسىپ ئوينىشى مۇمكىن، بۇ تەبىئى ھالدا خانلىق مادرىدقا نىسپەتەن قايتارما ھۇجۇم پۇرسىتى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ. ناۋادا خانلىق مادرىد كۇلۇبى 1 توپ ئۇرۇۋالسا بايرىن كوماندىسى 3 توپ ئۇرۇشقا توغرا كىلىدۇ. خانلىق مادرىد قىساس ئالىمەن، 10-لوڭقىنى ئالىمەن دەيدىكەن چۇقۇم مۇداپىئەنى قاتتىق قىلىشى شۇنداقلا پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ قايتارما ھۇجۇم قىلىپ نۇمۇر ئېلىش پۇرسىتىگە ئىرىشىشى كىرەك.

بۇغدا

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-24 20:17:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق مادرىد
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-24 20:18:26 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مادرىد  بايرىندىن ئوڭۇشلۇق ئۆتىۋالسىلا ئالاھىدە ئەھۋال كۆرۈلمىسە چىمپىيون بولۇشى بەك يۇقىرى...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-24 20:21:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-24 20:30:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-24 20:32:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بايرىننىڭ ئۆزىنىڭ مەيدانىدا ئۇتتۇرماي كىلىۋاتقىنىغا قانچىلىك بولدى  .........
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-24 20:34:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىلمۇ بىنزىما بىرنى ئۇردى ، قالتىس ماسلاشقان ھۇجۇم مىۋىسىنى مادرىت ئەزالىرى تىتىغان بىلەن يەككە ھۇجۇم ياكى سەللا قاپقىغا يىراقتىن ئۇرۇلغان توپلارنى نويىر بىر تەرەپ قىلۋەتتى ، دىماريا دىگەن دەلدەڭ قۇلاق كالۋا نىمىشقا پاس بەرمەيدۇ پاختەك سوقاپ ، بىنزىماغا پاس بەرگەن بولسىلا ئىككى توپ ئۇراتتىكەن مادرىت، ئۆزىلدىن كىيىنكى يۇقىرى باھادا سىتىلدىغان توپچى بولغىڭ بولسا شۇنداق شەخسىيەتچىلىك قىل ، شەخسىيەتچىلىك يەنىلا سەل ئىغىر مادرىتتا ، كىيىنكى مەيدانمۇ ئىپادىسنىڭ قالتىس بولشىنى ئۇمۇد قىلمەن بىنزىمانىڭ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-24 20:38:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخشام ئوينىغان مۇسابقىدە مۇداپىيە چوڭ چاتاق يوق ،،كېلەر قېتىم ئۇچىرششتا ئالونسو بىلەن مۇدىرچ ئاخشامقىدەك كۈچ بەرسە دىماريا ،رونالدو ،بېل قاتارلىقلار شەخسيەتچلكىنى ئازراق قىلسا ،،ئالدىن توپ كەتكۈزمىسەكلا ھەل قىلغۇچقا تامامەن كىرىپ كىتمىز ،،،،،،يەنە شۇ قايتۇرما ھۇجۇمدىن ئۈنۈملۈك پايدىنلۋاتدۇ مادىرد ھازىر
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-24 20:38:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جان ئالغۇچى ئەرۋھ دەششەت ماس كەپتۇ  ، دىمىسىمۇ  دۇرۇتمۇت شالىك 04 نى سۇيۇپ تاشۋەتتى ، ئەمدى  بەيرىنگە بىر پىچاق ئۇرۇپ قۇيدۇق . دىمەك بەيرىن يىرىم جان ھالەتتە ئۇينايدۇ ، يەنە بىر پىچاق ئۇرىۋالساق ئىش پۈتتى .        10-لۇڭقۇنى كۇتۇرۇش ئۇچۇن ئالغا  hala madirit
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-24 20:38:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غەيرەت قىل مادىرىد ! ئۈمۈد بىر مىنوتمۇ ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ ئاخىرقى بىر مىنوتقىچە جان تىكىپ كۈرەش قىلمىز !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-24 20:40:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2010-يىلى بەيرىن بىلەن مادىرىت ئۇتتۇرسىدىكى مۇسابىقىدە  مادىرىت 10-1 بەيرىننى سەت قىرغىن قىلىپتىكە
مەلۇم بىر تۇر بەتتە كۇرۇپ قالدىم قىرىنداشلا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-24 20:41:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
eliborisi يوللىغان ۋاقتى  2014-4-24 20:32
بايرىننىڭ ئۆزىنىڭ مەيدانىدا ئۇتتۇرماي كىلىۋاتقىنىغا  ...


بىرنەچچە كۈن بولدى .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 12:13

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش