ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 2356 |
تۆھپىسى: سەر |
|
پارىژ ساينىت ژىرمان 0:1 ئېۋىئېن
ئۈرۈمچى ۋاقتى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى كەچ سائەت 22:30 دە فىرانسىيە بىرلەشمىسى 34-ئايلانما مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. فىرانسىيە زەردارى پارىژ ساينىت ژىرمان كۇلۇبى ئۆز مەيدانىدا ماتويدىنىڭ 89-مىنۇتتا ئۇرغان توپىغا تايىنىپ قىممەتلىك 3 نۇمۇرنى قولغا كەلتۈردى. نۆۋەتتە پارىژ ساينىت ژىرمان كۇلۇبى 82 نۇمۇر بىلەن بىرلەشمىدە 1-ئۇرۇندا تۇرىۋاتىدۇ. 2-ئۇرۇندىكى موناكو كۇلۇبىنىڭ نۇمۇرى 72 نۇمۇر.
35-ئايلانما مۇسابىقىدە موناكو كۇلۇبى ( ئۈرۈمچى ۋاقتى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى كەچ سائەت 21:00 دە ) مىھمان مەيداندا ئاياكشو كۇلۇبى بىلەن تۇتىشىدۇ ناۋادا ئۇتتۇرىۋەتسە پارىژ ساينىت ژىرمان كۇلۇبى مۇددەتتىن بۇرۇن چىمپىيون بۇلىدۇ. كىيىنكى ئايلانمىدا موناكونىڭ ئۇتقان ئەھۋال ئاستىدا پارىژ ساينىت ژىرمان كۇلۇبى مىھمان مەيداندا سوشو كوماندىسىنى ئۇتسىلا فىرانسىيە بىرلەشمىسى چىمپىيونلۇق لوڭقىسى يەنىلا ئۇلارغا تەۋە بۇلىدۇ.
باشقا مۇسابىقىلەر:
تۇلۇز 0:0 لىئون
مارسېل 0:0 لىئېر
باستىيا 1:2 ئاياكشو
بوردو 1:5 گەنگامىپ
لورىئان 4:4 مونپىلىئېر
لەنىس 1:0 سوشو
ۋالونشىنا 6:2 نەنتىس
موناكو 0:1 نىس
|
|